شاھلالە يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 11:51 PM
بۇ بايۋەتچە مىجەز ئەمەس ،بايۋەتچە مىجەز بولسا شوخ بول ...
ئەڭ نادىر ئىنكاس .
تىما ئېگىسىنىڭ كۆڭلىگىگە كەلمىسۇن دەپ ئارتۇق سۆزمۇ قىلمىغان ئىدىم . كىيىنىكى يازغان ئىنكاس شەكلىدىكى گەپ-سۆزلىرىگە قاراپ كۆپ قىىسم سەۋەنلىكنىڭ بۇ قىزدا ئىكەن دەپ بىلدىم .
تىگىدىكى ئىنكاسىم سىزگە قارتىپ يىزىلمىغان مۇنبەردىشىم . مۇنداق ئىش ھازرقى جەمىيئەتتە كۆپ كۆرىلىۋاتقان بىر ھادىسە بولىۋاتقاچ . ئورتاقلىشى ئۈچۈن يىزىپ قويدۇم ئۆزىڭىزگە ئىلىۋالماسلىقىڭىزنى سورايمەن .
ھازىرقى جەمىيئەتتە ئاتا-ئانا بولغۇچى ، قىزىغا ئەلچى كەلسە ، قىزىم سىزنى بىرسى ئاياللىققا سوراپ كەپتۇ دىسە . ئەقىل ئىگېسى بولغان ئادەم بولغاندىن كىيىن ئۆزى ياتلىق بولماقچى بولغان يىگىتنىڭ جەمىيەتتىكى ئەخلاقى توغۇرسىدا ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئەھۋال ئېگەللىيەلمىسمۇ . ھىچ بولمىغاندا ئاتا-ئانىسى ياكى يىقىن دوسلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىپ باقمامدۇ دەيمەن .
ھازىر ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا مىنىڭ ئىسلامى ئائىلە قۇرغۇم بار .ئىسلامى ئائىلە قۇرغۇم بار .....دەپلا چۈشىدىكەن . بۇ گەپنى قىلشتىن ئاۋال ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيئەتنى بىر قۇر بولسىمۇ چۈشىنشى كىرەك .
18 كىرە كىرمەي توي قىلسا ھۆكۇمەت مۇكاپات بىرەمدىكەن . توي قىلىپ يىلغا توشماي توشقاندەك پەرزەنىت كۆرسە باشقا مۇڭگۈز چىقامدىكەن تۆۋە دەيمەن .
تولا كۆردۇم كىىچك تۇرۇپ توي قىلغان قىزلارنى . توينى قىلدىكەن كىلەر يىلغا بارمايلا بىر پەرزەنىتلىك بولۇپ بولىدىكەن . بالا بىقىش تەجىربىسى يوق بالا جىنى ساقلاپ بەرسىلا بولدى ............كوچدا تولا ئۇچىرايدۇ . بەزى قىزلار كوتۇرۋالغان باللىرىنىڭ شەكلى ھالىتىگە قاراپ ئىچىم سىقىلىپ كىتىدۇ . بالىسىنىڭ بىلى سۇنۇپ كەتكەندەك بىلىنىڭ تۆۋىنى ساڭگىلاپ قالغان . بالىنىڭ ئىككى پۇتىلا ئانىسنىڭ قولىدا . بالىسى قىر قىلىپ يىغلاپ بولغۇچە سۇلىياۋ ئىمىزەكنى مورتىلا ! قىلىپ بالىسىنىڭ ئاغزىغا تىقىپ كاۋچۇكتىن ئېشلەنگەن سۇلىياۋ تەمى بىلەن بالىسنى ئالداۋاتقان . .....بىر چاغدا يولىدىش كىلىدكەن . ئاپىرىپ بىر قاچا راڭپىزا بىلەن سىرىق ئاشنى ئىلىپ بەرسە بارلىق خاپىلىق ئۇنتۇلغان. بۇنداق يىمەك-ئىچمەكنى قوبۇل قىلغان بەدەندىن بالىغا كىلدىغان سۈت تەركىبىدە قۇۋەت يوق .....بىچارە قىز ھىلى يەتتە باشقا تەڭداشسىز بىر باشلىق يالماۋۇز قىيىنئانىسنىڭ .ھىلى كەپكۇر شەپكە قىيۋالغان يولدىشىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇندايمەن دەپ ئالتە كۈن ئۆتەر-ئۆتمەي جۇلالىقىنى يوقۇتۇپ يولدىشىنىڭ ئالىدا گۈزەللىق قىممىتىنى يوقاتقان . ....بارا-بارا يولدىشى تالادىكى ناز پەرىلەرنىڭ سىھرلىك كۆزلىردە ئاتقان تاتلىق ئوقنىڭ تەسىردىن بۇزۇلۇپ كەتكەن كۈنى قاڭقىر-قاڭقىر قاخشاپ ئۆتكەن .
چىقىش يولىنى تاپالمىسا ھەممىنى پىشانەم .تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ،مەيلى قىلغان ئەقىدەمنى بىلمىسە مۇكاپاتىنى ئۇ ئالەمدە كۆرەمەن دەپ ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ ئۆتكەن .
ۋاي بۇ ئالەمدە ئاللاھ ياراتقان كاللىنى ئىشلەتمەي . ئۇ ئالەمگە كەتكەنلەرنىڭ ئۇ ئالەمدىكى كۈنلىرىمۇ چاغلىق
پىشانەم شۇنداق ئوخشايدۇ ؟؟؟؟؟ تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ.
تۇرمۇشتىن زالانغانلار ئۆزۇڭلارنىڭ تۇرمۇشى ئۈستىدە قەدەمنى ياخشى ئىلىپ ماڭماي ،ئاقىۋەتتە يامان كۈنگە قالغاندا ھەممىنى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى دەپ ئاللاھ ئارتىپ قويساڭلار ئاللاھقا بوھتان قىلغان بولىسىلەر .
تەقدىر ئىش دىگەن قانداق بولىدۇ ؟
تەقدىر دىگەن ، بىر ئىشنى قىلماقچى بولغاندا، شۇ ئىشنىڭ بىز كۈتكەن نەتىجىگە ئىرىشىش يولىدا ئىشلىتىش كىرەك بولغان بارلىق سەۋەپ ياكى ھەركەتلەرنى ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىكى ئىقدىدارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشقا سىلىپ بىقىپ .بۇ سەۋەپلەردىمۇ بىز كۆزلىگەن نەتىجە ھاسل بولمىسا مانا بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە شۇ ئىشتا پۇتكەن تەقدىر بولىدۇ .
مەسىلەن .
بىر سۇ ئامبىرىغا يامغۇر سۈيى يىغىلىپ ئىقىپ كىرىپ ،ئامبارنىڭ سۇ سىغىمى چەكتىن ئىشىپ ، ئامبارنىڭ توسمىسىنى سۇ بۇزۋىتىش تەھتىيتىگە دۈچ كەلگەندە . ئامبارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كەڭ ئامما ئۆزلىرىنىڭ قىيان سۇ تەھتىيتىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن . چوقۇم شۇ ئامبارنىڭ توسمىسنى مۇداپىيە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ .
شۇ توسمىنى مۇداپىيە قىلىش ئۈچۈن . يۈكسەك دىققەت بىلەن سۇنى توسۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ماتىرياللارنى ئىشلەتمەي ، ئىشەنچىسىز ناچار ئەزان باھالىق ماتىرياللار بىلەن . قولنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇپ ،ھە مانا قولمۇ-قول تۇتۇش قىلىپ ھەر ھالدا توسمىنى رىمۇنىت قىلىپ قويدۇق . ئەمدى خاتىرجەم يۈرىۋەرسەڭ بولاۋرەر دەپ دۇنيالىقىمىز بىلەن يۈرۋاتقاندا .توساتتىن توسما بۇزۇلۇپ كىتىپ قىيان سۇ يۇرتىمىزنى ۋەيران قىلغاندا . بۇ ئاپەتنى ئاللاھنىڭ تەقدىرى دىسەك ئاللاھ بەكلا يۈسىزلىك قىلغان ۋە بەكلا ئۆكتە قوپقان بولىمىز .
دۇنيالىقتىكى ھەممە ئىشلار يۇقارقى مىسالغا ئوخشاش تەدبىقلىنىدۇ . پەقەت ھەركەت شەكلى ئوخشاشمايدۇ خالاس .
مانا مۇشۇنداق سەۋەپ-ئامىللارنى يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىپ باقماي تۇرۇپ . ئاللاھنىڭ تەقدىرى دىگۈچىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاللاھقا بوھتان چاپلىغۇچى كىشىلەردۇر .
ئىسلامى مۇھىيت ئىچىدە ياشاشنى ئارزۇ قىلدىغان كۆپ سانلىق قىزلارغا دىققەت قىلسام . بۇلار ئىسلامى ھۇھىيتنى ھىجاپلىنىش ۋە جەمىيئەتتىن ئۆزىنى چەتكە تارتىشتىن ئىبارەت مۇ ئىككى تۇر ئارقىللىقلا مۇكەممەللىشىدۇ دەپ قارايدىكەن ۋە مۇشۇ ئىككى تۈرگىلا مەبلەغ سالىدىكەن . ئاخىردا نىمە بولدىكەن ؟ ئۆيدىكى پىلان تالاغا توغرا كەلمەپتۇ دەپ . بىر ئائىلىگە ياتلىق بولۇپ بىر -ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن تاققۇ-تۇققۇ زەنجىر ھالقا دىگەندەك ۋاراڭ-چاراڭ چىقىدىكەن . بىچارە قىزلارنىڭ بىشى پىقىراپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي دورا يەۋالغان توخۇدەك خارامۇش بولۇپ قالدىكەن .
ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ نىمە دىسەك ؟؟؟؟؟ بىلىمسىزلىك . بۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى باشلانغۇچ ساۋاتلىق . قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران چىقالايدۇ . ئىسلامنىڭ ئائىلە قۇرۇلمىسىغا بىردىغان چۈشەنچى توغۇرسىدىكى بىلىملەرنى ئەمىلىيتىگە ئايلاندۇرۇشتا خاسلىق يارتىشقۇ 10 تاغنىڭ نىردا قالسۇن . ياغدا پىياز پۇرتۇش بىلەن تاھارەتنىڭ ھۆكۈمىنى كامل بىلشىىمۇ بىر مەسىلە . بۇلارنىڭ كۆزىگە كۆزىگە كومپارتىيەنىڭ مەكتەپلىرى دوزاق كۆرىنىدۇ . كۆزىگە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر قىسما بەزىدە ئىككى-ئۈچ قىسما كۆرىنىدۇ . ئوقۇش كىرەك ،ئالى مەكتەپلەردىكى قىزلار مەيلى كالتە ئىشتان كەيسۇن مەيلى تاماكا چەكسۇن مەيلى ھاراق ئىچسۇن . بۇلارنڭ قىلىغى كۆزىمگە سىغمىدى . مەنمۇ بۇلارغا ئارلىشىپ بۇزلۇپ خاتا يولغا كىرىپ قىلشىم مۈمكىن دەيدىغان ئوي-خىياللار بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ بىلىمسىز قالدىكەن . كىيىنىكى كۈندە كۆزى ياش قەلبى تاش بولۇپ قىلشىشى بارلا گەپ
..........جەمىيئەت رەھمىسز . جەمىيئەتتىكى بىز ئوڭشاشنى ئارزۇ قىلدىغان ئىشلارنى كۆز ياش بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ .
مۇسۇلمان ئائىلە قۇرغۇسى بار قىزلار ياكى ئەرلەر بولسۇن ئوقۇش كىرەك . كۆپ ئوقۇسۇن دىمەيمىز تولۇق ئوتتۇرنى تۈگۈتىپ ئاندىن ئىسلامى ئائىلە قۇرۇش ئۇچۇن مۇشنى چىڭ تۈگسۈن . بىلىم بولسا كۆز-قاراش ئىددىيە-ساپا ئۆسىدۇ .
ئىددىيە ساپا ئۆسسە روھى تەن جۇشقۇنلاپ تۇردۇ . ئىچكى دۇنيا چەكسىزلىككە قاراپ كەڭىيدۇ . ئۆزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى مەجبۇريىتىنى چۈشىنىدۇ . تۇرمۇشتا دۈچ كەلگەن مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلاردا تەمتىرەپ قالماي يول تاپالايدۇ .
بىلىمسىز مۇسلىمە قىزغا قارىغاندا ئىچلىپ قالغان يولدىن تىيلىپ كەتكەن بىلىملىك قىز توي قىلىپ قالسا . ئىچلىپ قالغان ۋە توغرا يولدىن ئىزىپ قالغان قىز بىر ئائىلىدە ئۆز ئورنىىنى بەخىتكە ئىگە قىلالىشى كۆپ نىسپەتنى ئىگەللىشى مۈمكىن .
ئاللاھ خالىسا توي قىلىپ قالسام . ئىككىلا پەرزەنىتلىك بولغۇم بار . ئىككىسىلا ئوغۇل بولسىمۇ مەيلى ،قىز بولسىمۇ مەيلى . ئوغۇل بولسا راۋۋۇس ئىككى تىلدا تەربىيلەيمەن . تولۇق ئوتتۇرغىچە ئوقۇتۇپ 10~5 ئالى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلسىمۇ رەت قىلىپ ئوقۇشتىن دەرھال توختىتىپ . كەسپى مەكتەپنىڭ دەۋردىن قالمايدىغان بىر كەسىپتە پىشىشق ئوقۇتۇپ شۇ كەسىپ ئارقىلىق نان تىپىپ يەيدىغان قىلماقچىمەن . ئالى مەكتەپتە ئوقۇۇتپ قاچان قارسىا باشلىقنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىنسانى قىممىتىنى ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى پۇچەكلەشتۇرۇپ ياشاشقا باشلاپ قويغۇم يوق .
قىزىمنىمۇ ئاللاھ خالسىا تولۇق ئوتتۇرغىچە ئوقۇتىمەن . ئاندىن كىيىن ئوقۇشتىن توختىتىپ ياتلىق قىلىمەن . تولۇق ئوتتۇرنى پۇتكۈزۈپ بولغىچە ئارقىلقتا ئىسلام ھەققىدىكى چۈشەنچىلەردە . ئۆزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى چۈشىنشىتە . ئىسلامى ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتلىرىگە ئائىيىت بىلىملەردە مۇكەممەل بولمىسىمۇ يىتەرلىك بىلمىگە ئىگە قىلشىش ئۈچۈن تىرىشىمەن .
قىزىمنى باشلانغۇچ سەۋىيسى بىلەن قۇرئاننى ئوقۇتۇپ قويۇپلا بىشىغا 30 يۈۋەنلىك گاز ياغلىق بىلەن قارا كىيىمگە ئوراپ ، سىرىتتىن قارسىا شۇنداق چىرايلىق، بىراق پىچىپ يىسە تەمى يوق شورلۇق يەرنىڭ بەتتام قوغۇنىنىڭ سۈپىتىگە ئوخشاش ناچار سۈپەتلىك قىزىمنىڭ ، ئومۈرلۇك يولدىشى بولغان كۈيئوغۇل يىگىتكە ، ئاشپەزلىك بىلەن كىرئالغۇنىڭ خىزمىتىن باشقا ئىشلارغا يارىمايدىغان 40~30 كىلو كارغا كەلمەس خام گۆشنى نەچچە ئونمىڭ يۈۋەنگە تويلاپ بىرىپ ، كۈيئوغلىمنىڭ بۇ ئالىمى دۇنياغا بىرلا قىتىم كىلىدىغان ھاياتىغا تەستەك سالغۇم يوق .
قىزىم بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇسا يولدىشغا ئەمەس ئۆزىگە ئوقۇيدۇ . رامزان تۇتسا ئۆزىگە تۇتىدۇ . .....قاچان قارسىا مەن بەش ناماز.............. تەقۋادار تۇرساممۇ يولدىشىم مەندىن رازى ئەمەس ،قىيئانام يۇمشاق ئەمەس ....دەپ زارلاپ يۈرسە باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىدىن كۆرسۇن .
ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا شۇنچە ئەقىدە قىلسام بىلمىدى .بىلمىدى .بىلمىدى دەپ پوتلىسىنى ئىقىتىپ زارلانغۇچە . سەۋىر- تاقەت قىلىپ ئەقىدىنى بىريىل ئىككى يىل ئۈچ يىل قىلىپ باقمىز . ئۈچ يىلدا ئەقىدنى بىلمىىگەن ئادەم ،ئادەم ئەمەس ........... كۆمسەم پىشارمۇ ؟ ياپسام پىشارمۇ ؟ دەپ ئولتۇرماي . يۈرەككە قولنى سىلىپ تازا ئويلىنىمىز . ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقرىپ يا ئاجىرشىمىز ياكى ئۆي تۇتىمىز . نىمە ئۇ ئاللاھ جاجاڭنى ىرە .ئاللا تەڭشەر دەپ قويۇپ يولىدىشا كالىغا چاپلاشقان كانىدەك چاپلىشىپ يۈرىۋەرسە ھەددىن ئاششا ئاشىدۇكى ئوڭشالمايدۇ بەلكى تىخىمۇ شاتراقلايدۇ .
بىلىمسىز تەقۋادارنىڭ قىلغان ئەمىلى ئىشكى يوق ئۆيگە ئوخشايدۇ . ئىشكى يوق ئۆيىگە بىراۋ كىرەي دىسە كىرىش يولىنى تىخى تاپالمايدۇ . ئىچدىكى ئادەم سىرتىغا چىقاي دىسە چىقىش ئىشكىنى تىخى تاپالمايدۇ .
كۈيئوغلۇم تاماق يەي دىسە دوقمۇش-دوقمۇشتا نىمە تولا ئاشخانا تولا.
.......... كېيىم-كىچەكلىر كىر بولۇپ كەتسە دوقمۇش-دوقمۇشتا نىمە تولا كىيىم يۇيۇش دۇكىنى تولا .
......... ئەمىسە كۈيئوغلۇمغا نىمە كىرەك ؟
مۇشۇ مەسىلىگە قارتا قىزىمدا يىتەرلىك جاۋاپ ۋە جاۋابىغا ماس قەدەمدە ئەمىلي ھەركەت ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىق بولۇشى كىرەك دەپ قارايمەن .
بولمىسا كالىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بىشىقا كىلىپ قىلىشى مۇقەررەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-24 10:29 AM