marziyya يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 01:06 PM
توغرا دەيسىز قىزلارنىڭ يۇقىرى ساپالىق بولىشى ئىنتايى ...
بۇنداق دىسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن ، ئاتىللىرىمىزنىڭ مۇنداق سۆزى بار .
‹‹ دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ›› دەيدىغان .
سىز دەسلەپتە يېگىتنىڭ باي ئائىلدىن كىلىپ چىقىشى ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىغا
قىزىقىپلا تۇرمۇشلۇق بولغاندەك قىلىسىز .
تېمىڭىزنىڭ بېشىدىلا ، ھېيىت نامزىغا ئويغاتقانلىقىڭىز ئۈچۈن تاياق يىگەنلىكىڭىزنى
ئېيتىپ ئۆتۈپسىز . قاملاشمىغان ئادەمكەن ئۇ ...
رەسۇلۇللاھ : ‹‹ نىكاھ قۇللۇققا ئوخشايدۇ ، شۇ سەۋەبتىن قىزىڭلارنى
كىمگە بېرىۋاتقىنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار ›› !
شۇ سەۋەبتىن ، ئاتا ـ ئانا بايلىقنى ئەلا بىلىپ ؛ ئامراق قىزىنى زۇلۇمكار ،
خىيانەتچى ، ئىشرەتۋاز ، ئەخلاقىي ناچار ، ئىمانسىز كىشىگە ياتلىق قىلسا
ئەدەبلىك كۈيئوغۇل تاللىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قەھىر ـ غەزىپىگە
دۇچار بولىدۇ . ئالاھىدە تەكىتلىگەن .
ئۆزىڭىزنىڭ قانداقتۇر ئىچكىردىكى دىنى مەكتەپتە ، پەندىمۇ ياخشى
ئوقۇغانلىقىڭىزنى سۆزلەپ ئۆتۈپسىزيۇ ، قېنى سىزدىكى كاللا ؟ مەكتەپتە
ئوقۇپ قويغانغا ئەقىللىق بولمايدۇ . بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ
ياخشىلىقى ، بايۋەتچچە مىجەزىنى كۆزدە تۇتۇپلا ، بىردەملىك قىزىقىش ، ھەۋەسنىڭ
كەينىگە چىرىپلا قىلغان نىكاھ مۇشۇنداق بولماي قانداق بولاتتى .
بۇنى ئاتا ـ ئانىڭىزدىن يا ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-24 08:09 PM