nap~rat يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 03:41 AM
يامانبى مۇرەككەپ تېمىكەن بۇ ؟؟؟؟
تېما ئىگىسى ئىمز ...
مەن ئاياللار توپىنى قۇرۇپ نۇرغۇن ئايال دوستلار بىلەن تۇنۇشتۇم ھەم تۇنۇشتۇق . كۆرگەن بىلگەنلىرىمىزنى دىيىشتۇق . توردىكى ئاياللارغا پايدىلىق تىمىلارنى ئۆز ئارا سۇنۇشتۇق . توپتىكى ئەزالارنىڭ سانى 100 دىن ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ . سىلەردەك ئەرلەر سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىۋاتقاچقا نۇرغۇن ئاياللار كىرەلمەيۋاتىدۇ . بايىلار 13 ئەرنى تازىلىدىم . ئەمدى يەنە 13 ئايال كىرەلەيدۇ . بىلسەڭلار ئاياللارنىڭ مۇكەممەللىشى يەنىلا سىلەر ئەرلەرگە پايدىلىق .
مەن يەنە جىگەر كېسەللىكلىرى توپى قۇردۇم ، بۇ توپ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جىگەر كېسەللىرى ھەم دوختۇرلار كەڭ كۇشادە پىكىرلىشىۋاتىدۇ . كېسەلدىن ساقىيىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ . دىمەك ، بۇ توپنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بۇلۇۋاتىدۇ .
مىنىڭ 2 توپنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىم ئەمدى ئايان بولغاندۇ ؟ مەقسىتىم بىرلا ، قېرىنداشلارغا ياخشى بىر مەيدان ھازىرلاپ بېرىش . شۇڭا دوستلارنىڭ تېخىمۇ سەمىمى بۇلۇپ ، مۇناسىۋەتسىز ئادەملەرنىڭ كىرمەسلىكىنى ، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرگە دەخلى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يۇقارقى گەپلىرىم يالغۇز سىزگىلا قارىتىلمىغان . خاپا بولماڭ ! مۇمكىن بولسا ئاياللار توپىغا ئايالىڭىزنى كىرگۈزۈپ قۇيۇڭ .