faeza يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 02:58 PM
نىمە دەيسىز ؟ ئۈلكەر ئىچكىرى ئۆلكىدە ياسىلىۋاتامدۇ ...
ھىچقانداق ئاساسى يوق،مۇنداقلا گەپلەرگە ئىشىنىپ يۈرمەڭ.ئۈلكەر تېخى ئىچكىردە زاۋۇت قۇرغۇنى يوق،ھەم ھىچقانداق بىر مەھسۇلاتىنى باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئىشلەتمەيدۇ.ئۈلكەر دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغان 60-70مىڭ ئىشچى خىزمەتچىسى بار بولغان،نۇرغۇن دۆلەتلەردە(ئاساسەن مۇسۇلمان ئەللىرىدە)،زاۋۇت-كارخانىلىرى بولغان شىركەت.ئۈلكەر تۈركىيەنى دۇنياغا تۇنۇتۇۋاتقان گۇرۇھ شىركەتلەرنىڭ بىرى.ئۈلكەر ھەقىقى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىردۇ،بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.ئەمدى يۇقاردىكى ئەپقاچتى گەپلەرگە كېلەيلى.ھازىر ئىمپورت ماللار دۇكىنى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك ھەممە يەردە ئېچىلىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ كىرىش يولى 3خىل.1-خىلى: ئەتكەس مال،يەنى جوڭگو تاموژنىسىدىن ئۆتكۈزمەي باجسىز ئوغۇرلۇقچە ئەكىرىلگەن ماللار،بۇ خىل مالدا جوگگوچە يېزىق بولمايدۇ.2-خىلى:ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ئاز مىقداردا كىرگۈزۈلگىنى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتلار گەرچە توغرا يول بىلەن كىرگەن بولسىمۇ،لېكىن ئىمپورت مال قاتارىدا ھىساپلانمايدۇ،شۇڭا بۇ خىل ماللاردىمۇ خەنزۇچە خەت بولمايدۇ.3-خىلى:جوڭگودىكى چەتئەل سودا شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئىمپورت ماللىرى(مەسىلەن ئىخلاس شېركىتىنىڭ ئۈلكەر شېركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كىرگۈزگەن ماللىرى)بولۇپ،بۇ ماللار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ،قاتتىق تەكشۈرلىدۇ،ھەم جوڭگو بازىرىغا سېلىنىشتىن بۇرۇن چوقۇم خەنزۇچە مەھسۇلات چۈشەندۈرلىشى ئورام سىرتىغا چاپلىنىدۇ(ئورام ئېچىلمايدۇ)،بولمىسا مەھسۇلات بازارغا كىرەلمەيدۇ.ھازىر كىشىلەردە ئاشۇنداق ئاق قەغەزگە خەنزۇچە(ئۇيغۇرچىسىمۇ بار)قارا خەتلىك چۈشەندۈرلىشى بېسىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىچكىردە ئىشلىگەن دەپ گەپ تارقىلىپتۇ.بۇ پۈتۈنلەي يالغان ياۋىداق سۆزلەردۇر.
ئىچكىردە ھەمكارلىشىپ ئىشلەنگەنلىرگە جوڭگونىڭ خەنزۇچە ماركىسى قوشۇلىدۇ،ئورام سىرتىدىكى ماركا ئىسمى ۋە چۈشەندۈرلىشى ئاز دېگەندە ئىككى خىل يېزىقتا مەھسۇلات بىلەن بىۋاستە بېسىلىپ چىقىرلىدۇ،ھەم ئىشلىنىشى ئوراپ قاچىلىنىشى دۆلىتىمىزدە تاماملىنىدۇ.مەسىلەن بىز 20-30يىلدىن بۇيان ئىشلتىپ كېلىۋاتقان لۇش سوپۇنى دەل شۇنداق مەھسۇلات.