vmvdwar-uyhur يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 01:57 PM
بۇ ھىچنىمە بولمىسا ھىچنىمە بولمايدۇ دىگەندەك بىر گەپ ب ...
19 يللىق خىزمەت تارىخى بار بىر دادىنىڭ،ھىچ قانداق بىر چەكلىمىگە ئۇچىمىغان ھالدا ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئوتتورسىدا بولىدىغان دۇئاسىدا مۇسۇلماننىڭ پەرز ھەم قەرزلىرىنى ئادا قىلىشقا توسالغۇ بولىۋاتقان سىياسەتلەرنى تۈزگۈچىلەرگە نىسبەتەن كىچىككىنە بولسىمۇ ئىنساپ تىلەشكە پىتىنالماسلىقى،شۇ خىل قورقۇنىچنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان ئاڭ ۋە پىكىردە قىيىپ كىتىشنىڭ كىشىلەر ئىڭىدا ئۆز ئىتقادىدىنمۇ يۇقىرى ئورونغا ئۆتىۋىلىشى بەلكىم سىزنىڭ ئويلىنىشىڭىزنى قوزغىيالمىغان بولسا كىرەك.
ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلىق سۈپەتلىرىگە ئىگە بولماي تۇرۇپ،ئىغىزىدا مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىشى بەلكىم سىزگە كۈلكىلىك تۇيۇلمىسا كىرەك.ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرىدىكى قائىدە يۇسۇن ۋە تەرتىپلەرنىڭ،بۇ ئىشلارنى بىلىدىغانلارنىڭ يىلدىن يىلغا بارغانچە تارىيىۋاتقانلىقى ۋە ئازىيىۋاتقانلىقى بەلكىم سىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرىشىڭىزگە ئەرزىمەسلىكى مومكىن.
ئەمما بۇ مىنىڭچە ئويلىنىپ كۆرۈشكە تىگىشلىك مەسىلە.
ھازىرقى يىڭىدىن چوڭلار قاتارىغا ئۆتكەنلەر ۋە ياشلار ئارىسىدا ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرىدىكى قائىدىلەرنى بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ ؟ئۇنى ئادا قىلالايدىغانلار قانچىلىكتۇ؟قەدىردانلىرىدىن ئايرىلغاندا نىمە ئىشلارنى قىلىش كىرەكلىكىنى بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ ؟بىر ئۆلۈم پەتىسى يەنى مۇسىبەتكە قانداق قاتنىشىشنى بىلىدىغانلار،بۇ قائىدە رەستمىيەتلەرنى ئوڭلاپ ئادا قىلالايدىغانلار قانچىلىكتۇ ؟
لىكىن بۇ ئشىلار ھازىر دىققىتىمىزنى تارتمايدۇ چۈنكى بۇ ئىشلار ئائىلىمىزدە يۈز بەرمىسىلا ياكى ئانچە زۆرۈر بولمىسىلا بۇنداق ئىشلارغا بارغانچە پەرۋا قىلماي كىتىۋىرىدىغان بولوپ كەتتۇق...
ئەمما بىر ئىدارىدىن تۇيۇقسىز بىرەرى قازا قىلسا ياكى ۋاپات بولسا شۇنىڭ پەتىسىدە بىر ئوڭلاپ قائىدىسىنى قىلالايدىغانلاردىن قانچىلىك چىقار ؟
ئاتا-ئاناڭنىڭ تۇپراق بىشىغا بارامسەن بارمامسەن ؟قانچىلىك ۋاقىتتا بىر بارىسەن،بارغاندا قانداق پائالىيەت قىلىسەن،نىمە دەپ دۇئا قىلىسەن دىسە ھازىرقى ياشلىرىمىز ۋە ياشلار قاتارىغا ئۆتۈش ئالدىدا تۇرغانلار نىمە دەپ جاۋاپ بىرەر ؟
مەن بۇ تىمىنى مۇكەممەل دەپ ئىيتمايمەن.مەن گەپنى باشلىدىم.سىز ۋە سىزدەك دوسلىرىمىزنىڭ پىكىرلىرى ئارقىلىق تىما بىيىدۇ ۋە بۇ ئىشلار مۇشۇ جەريانىدا ئايدىڭلىشىدۇ.