asat708 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 02:21 PM
تېمىڭىز راسىتلا كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالدى ، بىراق سىز ...
بۇ تىما پاخال تىما بولوش ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيتى بولماسلىقى،ئويلىنىشقا ئەرزىمەسلىكى كىرەك.
ئەگەر بۇ تىما شۇنداق تىما قاتارىدا بولسا دەرھال ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ قىلچە پىكىرىم يوق.
سوراپ باقاي دۇئانىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز ؟دۇئانى قانداق قىلىشنى بىلەمسىز ؟قانچىلىك ۋاقىتتا بىر دۇئا قىلىسىز ؟دۇئانىڭ ئاساسى بولغان ئەمەل ئىبادەتلەرنى بىلەمسىز ؟
بۇ بەك مەۋھۇم سۇئال بولوپ قالغان بولسا سىزدىن سوراپ باقاي،مۇسۇلماندارچقنىڭ ئاساسلىرىنى بىلەمسىز ؟قۇرئاننى ئۆز قائىدىسى بىلەن ئوقوشنى بىلەمسىز ؟ نامازنىڭ پەرزلىرىنى بىلەمسىز ؟ئەڭ ئاددىيسى ناماز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تاھارەت ئىشلىشنىڭ قائىدە،تەرتىپ ئۆلچەملىرىنى بىلەمسىز ؟بۇلارنى بىلسىڭىز قانچىلىك ئەمەل قىلىسىز ؟
بۇ جەھەتتە مىنىڭ ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ بىلىدىغانلىرى چەكلىك،ئەمەل قىلىدىغانلىرى تىخىمۇ چەكلىك،دەل مۇشۇ چەكلىكلىكنىڭ داۋاملىشى بىلەن بارا-بارا ئەتراپىمىزدىكىلەر ئارىسىدا ئاستا-ئاستا دۇئا قىلىدىغانلارنىڭ،دۇئانىڭ ئازلىشى سىزچە نىمىدىن ئىبارەت ؟ سىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكىلەر دۇئا قىلامسىز،قانچىلىك ۋاقىتتا بىر دۇئا قىلىسىز ؟نىمە دەپ دۇئا قىلىسىز ؟توغرا بۇلارنى سىزدىن سوراش ھوقوقۇم يوق،ئۇنداق مەسئۇلىيتىممۇ يوق.ئەمما ئەتراپىمىزدا بۇ جەھتتىكى ئەقەللى ئۇقۇملار سۇۇسلاۋاتقان بولسا،دۇئا قىلىدىغانلار ئازىيىۋاتقان بولسا،ئەتراپىمىزدىكىلەر ئارىسىدا دۇئانى ئۇزۇندىن ئۇزۇندا بىر قىلىش ئەمەلىيەت بولسا سىزچە بۇ دۇئا كىرزىسى بولماي نىمە.
دۇئا ئاساسەن ھەر قىتىملىق ئەمەل ئىبادەتتىن كىيىن بولىدىغان ئىبادەتنىڭ موھىم تۈرلىرىدىن بىرى.
ئىبادەت قىلىدىغانلار،ئىبادەت قىلىش جەھەتتىكى بىلىملەرنى بىلىدىغانلار ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەر دائىم دۇئا قىلىپ تۇرغان بولسا بۇ ئەلبەتتە دۇئا كىرزىسى بولمايدۇ.لىكىن ئارىمىزدا شۇنداق بىمەنە ئىنسانلار باركى مۇسۇلمانچىلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي،زۆرۈر شەرتلىرىنىمۇ بىلمەي،بۇلارغا ئەمەلمۇ قىلماي تۇرۇپ مۇسۇلمانچىلىق داۋاسى قىلىدۇ.
مىنىڭچە ئەتراپىمىزدا ئەمەل ئىبادەت قىلماي تۇرۇپ دۇئا قىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كىرەك.
ئەتراپىمىزدا ئەمەل ئىبادەتنى ۋە تەرتىپىنى،قائىدىسىنى بىلىدىغانلار، قىلىدىغانلار سانىنىڭ بۇلارنىڭ تەرتىپىنى تولوق بىلمەي قىلىدىغانلار ياكى بىلىپ تۇرۇپ قىلمايدىغانلار ۋە ياكى بىلمەيدىغانلار،قىلمايدىغانلار سانىدىن كۆپ بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەتراپىمىزدا ئەمەل ئىبادەت تەرتىپلىرى،قائىدىلىرى ئەمەس بىر بەش نامازنى ئوقوشنى بىلمەيدىغانلار،ئايەتلەرنى رۇس ئوقىيالمايدىغانلار ھەقىقەتەن مەۋجۇت.
بىز بۇلارنى بىلەميدىغانلاردىن سۆز ئاچماي تۇرايلى.ياشلارلا ئەمەس ياشتا چوڭلارنىڭمۇ ئايەتلەرنى رۇس ئوقومايدىغانلىرى،قۇرئاننىڭ بىرىنجى سۈرىسى سۈرە پاتىھەنى ئوڭلاپ ئوقوش ئەمەس،بىسمىللاھ كەلىمىسىنىمۇ ئوڭلاپ دىيەلمەيدىغانلار شۇ چوڭلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن.
مەن بىشىمدىن ھەقىقىي ئۆتكەن ئەمەلىي مىسالدىن بىرنى ئالاي.مەلۇم سەۋەب بىلەن ياشتا 50 ياش ئەتراپىدىكى ياشتا چوڭلار ۋە ئۇلارنىڭ باللىرى بىلەن بىر سوروندا بولوپ قالدۇق.ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۈۋىم سۈپەتلەرمۇ بار.ئارىسدا بىر ئاپاشنىڭ بىسمىللا كەلىمىسىنى خاتا ئىيتىشى دىققىتىمنى تارتتى.شۇ ۋاقىتتا مەن قايتا-قايتا دىگۈزۈپ باقتىم.ھەممەيلەننى بىر بىرلەپ دىگۈزدۈم چۈچۈپ كەتتىم.ئاتا-ئانا ۋە باللىرى ھەممىسى ئەڭ ئاددى بىسمىللاھ كەلىمىسىنىمۇ ئوڭلاپ دىيەلمەيدىلكەن.بۇنىڭدا مەن يالغاننى توقوپ،بولمىغاننى بولدى دىسەم ھەقىقەتەن بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن.بۇ ھەممىسى بۇ يىل بىشى ئەتراپىدا بولغان ھەقىقى ۋەقە.مەن ئاخىرىدا بىسمىللاھ كەلىمىسىنى ئاستا-ئاستا،ئايرىپ-ئايرىپ دىيىشنى ئۈگەتتىم،لىكىن قايتا-قايتا بىرەر سائەتتىن ئارتۇق مەشىق قىلىپمۇ يەنە ئۈگىنەلمىدى،ئۈگىنەلىگەنلىرى قايتا دىگىنىدە يەنە ئىزىپ كەتتى.بۇلار ھەممىسى مىنىڭ ئاپام سۈپەت ۋە مەن بىلەن تەڭتۇشلار ئىدى،ئىچىم ھەقىقەتەن ئاچچىق بولدى.ئاخىر مەن ئۇلارنىڭ ئۈگىنەلىگەنلىرىگە ئۈگىنەلمىگەنلىرىگە ئۈگىتىشنى تاپىلىدىم.ئۈگىنەلمىگەنلەرنىڭ بۈگۈن ئۈگىنىپ بولالمىسا تاماق يىمەسلىكىنى دىدىم...
مەن جىق گەپ قىلماي.ئەمما بۇ تىمىنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارىغۇچىلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ يۇقارقى تىلغا ئىلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ باقسۇن.
زۆرۈر ئەمەل ئىبادەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قائىدە تەرتىپلىرى،بۇلارغا ئەمەل قىلىدىغانلار ۋە بىلىدىغان ئايەتلەر شۇنداقلا شۇ ئايەتنى ئۆلچەملىك ئوقويالايدىغانلار توغرىسىدا ھەممىڭلار ئويلىنىپ بىقىڭلار.مومكىن بولسا بىلگەن ئايىتىڭلارنى قۇرئانغا قاراپ ئوقوپ بىقىڭلار...