altiwip يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 08:08 PM
مىنىڭچىمۇ غەرپنىڭ ھەممە نەرسىسىنى قارا قۇيۇق ئىنكار ق ...
كىمنىڭ توغرا بولسا شۇنى قوبۇل قىلىش كىرەك؟ ....
ئوغۇرلار ئۆز قىلمىشىنى ئاقلاپ بىز كېچىلەردە كىشىلەر ئۇخلاۋاتقاندا جاپا تارتىپ پۇل تاپىمىز دەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. ئاق ساتقانلار بىز باشقىلارغا زورلاپ ساتمىدۇق دەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ. ھەر بىر ئازغۇچى ئۆز قىلمىشىنى خاتا دېمەيدۇ. ئۆزىنى ئوراپ يۈرگەن ئايال ئۆزىنىڭكىنى توغرا دېسە، پاقالچاقلىرىنى ئوچوق قويۇپ بار دەسمىيسىنى سازايە قىلىپ ماڭغانلارمۇ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەيدۇ. قارىسىڭىز ھەممىسىنىڭ بىر-بىرىسىدىن توغرا باھانىلىرى بار.مۇنداقلا ئويلىسڭىز ھەممىسىنىڭ توغرا، ھىچكىمنىڭ خاتا ئەمەس.، ئۇنداقتا قايسىسىنىڭكىنى توغرا دەپ تاللايسىز. توغرا ياكى خاتانى ئايرىشنىڭ ئوبىكتىپ ھەممە ئىنسانغا ئۇيغۇن بولغان ئۆلچىمىنى بىلەمسىز، تاپالامسىز؟ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان توغرا خاتانى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى بولۇشى كىرەكمۇ يوق؟ دەل دۇنيا ئىنسانلىرى ئاساسلىنىدىغان ئۆلچەم بىر خىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن سىزنىڭ بۇ قارىشىڭىز بويىچە كىشى كىمنىڭكنى قوبۇل قىلىشنى بىلەلمەيدىغۇ دەيمەن. چۈنكى سىز غەرپنىڭ ،شەرقنىڭ دەپ ئايرىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى دەپسىز. ئەمما غەرپ ياكى شەرق پەقەت تەرەپ ئاتالغۇسى خالاس، لېكىن بۇ يەردە نۇرغۇن مىللەت، نۇرغۇن دىن، نۇرغۇن -نۇرغۇن مەدەنىيەت، نۇرغۇن ئىدىلوگىيلىك ئارقا كۆرۈنۈشنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان نۇرغۇنلىغان ئىنسان تۈركۈمى ياشايدۇ.ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىددىيدە بىر خىل بولۇشنى تەلەپ قىلالمايسىز. بۇ ھالەتتە سىزنىڭ بۇ كىمنىڭ توغرا بولسا شۇنىڭكىنى قوبۇل قىلىش دېگەن سەپسەتىڭىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 09:09 PM