مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: abaytarim

ئابدۇقادىر جالالىدىن _ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 04:43:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» نىڭ داۋامى :  
   كەڭ قۇرساقلىق كېلەچەكنىڭ ئەڭ ياخشى سىياسىي دەسمايىسى .   
   نۇقۇل ئىلىم- پەن نەتىجىسىنى قوغلاشقان مائارىپ ئىلىمنى جاھالەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش خەۋپىدىن يىراق ئەمەس . بۇنداق ئەھۋالدا ، ئوقۇغۇچى مۇئەييەن نەتىجىنى سىناق قىلىش ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .   
   ئۆزىنىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئەنئەنىسىدىن ئايرىلغان تەلىم-تەربىيە مىللىي روھ ۋە مىللىي ئاڭدىن مەھرۇم بولغان ناتىۋان تەلىم - تەربىيەدۇر .  
   « نەسىھەت ئەھمىيەتلىك، كۆرسىتىلگەن ئۈلگە ئۇنىڭدىنمۇ ئەھمىيەتلىك، لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى رەھبەرلىكتۇر » دەيدۇ ئەنگىلىيە پېداگوگىكىسى .   
    باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ئىدىيەسى ، ھەتتا باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزىدىن بولمىغان خەلقتە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مائارىپى بار دېيىشكە بولامدۇ ؟   
    ئەگەر مىللەتنىڭ تالانتىنى ئۆلچەيدىغان ئۇمۇمىي ئۆلچەم بار دېيىلسە ، ئۇ ئۆلچەم مۇۋەپپەقىيەتتۇر . ئەگەر دۇنيادا مىڭ يىل ماباينىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ كەلگەن دۆلەت بار دىيىلسە ، بۇ دەل ئەنگىلىيە .  
  ئۇلارنىڭ غۇرۇرى، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىخلاسى ، رېئالىستىك لوگىكىسى، ۋاستىسى ۋە نىشانىنىڭ بىرلىكى ئۇلارنى ھازىرقى زامان دۇنياسىدىكى رەھبىرىي ئورنىنى بەلگىلىگەن .   
   ئۇلار ئابروي، دىننىي ھېسىيات ۋە قانداقتۇر غەلىتە بىر خىيال ئۈچۈن قان تۆكمەيدۇ . ئۇلار بايلىق ۋە بايلىق بىلەن ئۆلچىنىدىغان ھوقوق ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىدۇ . ئۇلار ئىندىئانلاردەك جەڭ پالتىسى ئۇسۇلىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەيدۇ ، فىرانسوزلاردەك ئوردېن ۋە شان- شەرەپلەرگە بېرىلىپ كەتمەيدۇ . ئىنگىلىزلار پەقەت ئۆز خىزمىتىنىلا قىلىدۇ ، مائاش ئۈچۈن تىركىشىدۇ . ئەگەر سىز ئۇنىڭ مائاشىغا ، كاللىسىغا ، ھپقوق- مەنپەئەتىگە ياكى دۇكىنىغا تېگىپ قويسىڭىز ، ئۇ سىز بىلەن قىيامەتكىچە ئېلىشىدۇ . بۈيۈك قانۇن ، زاسېداتېللار ئەترىتى ، جىسمانىي قوغدىنىش ھوقوقى ، خان جەمەتى سوت مەھكىمىسى ، پارىخورلۇق بېجى، پاپا تۈزۈمى ، مۇستەملىكە ، ئامېرىكا ئىنقىلابى ... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت ئەركىن-ئازادە تاماق يېيىش ئۈچۈندۇر . بىراۋ بۇنىڭغا چېقىلمىسىلا ئىنگىلىزلار باشقا ئىشلار ئۈچۈن غازەپلىنىپ كەتمەيدۇ .  
   دۇنيانى پەقەت گېزىت ۋە تېلىۋېزور تەشۋىقاتىغا تايىنىپ چۈشىنىش، ئېھتىمال، نەزىرىمىزنى توقۇلما بىر دۇنيانىڭ سېھرىگە چۈشەپ قويۇشى مۇمكىن .  
    بۇ دۇنيادا سىزنىڭمۇ ھەققىڭىز بار ، سىز ھازىر نەدە، گلوبوسنى ئوڭ-تەتۇر پىرقىرىتىپ بېقىڭ !
  ياقتۇرۇپ يۇللىغۇچى : ئەبەي تارىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 01:18 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 04:49:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى  بىلەن  روزى ھېيتنىڭ ئالدىدا  ،  بىر  قېتىم  قول ئېلىشىپ كۈرۈشكەنتىم   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 05:13:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە   ،  ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسەرلىرى  باركەن ، كۆرۈپ بېقىڭلار   .

http://qamus.okyan.com/Pan_Link.aspx?ID=88

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4350
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 05:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاب بىزنىڭ بۇيەردىكى كىتابخانىلارغا تېخىچە يېتىپ كەلمىدى!

سىزئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىزئۆزكۈچىگەتايىنىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈئۆزقولىدابولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3983
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 06:07:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بازارغا سېلىنغان بولسا مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا سېتىۋالاي.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 06:09:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                        ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە

ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

  2004-يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.

  مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى

  1998-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.

  ئەسەرلىرى

  2010-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل ـ پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.



http://bulaksu.com/show_edu.asp?mid=111

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 06:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-8-24 04:49 PM
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى  بىلەن  روزى ھېيتنىڭ ئالد ...

قولاڭلىنى يۇماڭلا، ئاداش قۇربان ھېيتقىچە (چاقچاق)

ئەڭ بۈيۈك نىشانىم ھەقىقەتتۇر.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6386
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5620 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 06:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەنمۇ روزا ھىينىڭ ئالدىدا غۇلجىدىكى ‹ئەلچۈن›كىتابخانىسىدا تۇرسام ئابدۇقادىر جالالىدىدىن  كىرىپ كەلدى.ئۇ كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بۇ كىتابىنىڭ تىخى كەلمىگەنلىكىنى ئېتسام ئۈرۈمچىدە كىتابخانىلارغا سىلىنىپ بولدى،بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بۇ كىتابخانىلارغىمۇ كىپ قالا دىگەن ئىدى.ئۇ كىتابخانىغا قايسى كۈنى كىرسەم ئۇ كىتابنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ،ھەم بۇ كىتابنى قايتا بىجىڭدا باسىدىغانلىقىنى ،ھازىر مۇقاۋىسىدىن مەسىلە چىقىپ 2 ئايچە تارقاتمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.راستلا شۇنداقمىدۇ؟

رەببىمدىن شۇنداق ئىمان ئارزۇ قىلىمەنكى ، ئىمانىم سەۋەبىدىن شۇنچىلىك قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ھىچ تەۋرەنمەي بىر ئاللاھ دىن باشقا ئىلاھ يوق،مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر دەپ جان تەسلىم قىلىش.شۇ چاغدىلا ھەقىقى مۆئمىنلىكىمگە ئىشىنەتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67548
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 61 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 07:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ سىتىۋىلىپ ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك جۇما ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5442
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 07:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ كىتابنى سىتىۋىلىپ بىر ئۇقۇپ باقمىسام ....................

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش