مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: abaytarim

ئابدۇقادىر جالالىدىن _ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 08:03:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى » نىڭ داۋامى :  
   ئۇيغۇرلار مەيلى ئىرقىي خۇسۇسىيەت جەھەتتىن بولسۇن ، مەيلى دىن ۋە ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن بولسۇن، دۇنياۋېي تەڭلىككە ئىگە بىر خەلق . بىز بۇ خەلقنىڭ ئۇمۇمى تەرىپىنى ئىنسانشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چۈشەنمەكچى بولىدىكەنمىز ، بىز ئاللىبۇرۇن ئادەتلىنىپ كەتكەن تار رايون تەپەككۈرىدىن ھالقىپ چىقىپ ، خەلقئارا كەڭلىكتە ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىشىمىز كېرەك .   بىزدىكى ئورخۇن ئابىدىلىرى، « تۈركىي تىللار دىۋانى» ، « قۇتادغۇبىلىك» ، « تارىخىي رەشىدىي» ، « بابۇرنامە»  دۇنيانى چۈشەندۈرۈش خاراكتىرىدىكى جاھاننامە ئەدەبىياتى ئۆرنەكلىرىدۇر . ھازىر بىز دەۋاتقان « ساياھەت ئەدەبىياتى » تېخىمۇ كەڭ مەنىدە جاھاننامە ئەدەبىياتى دېيىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارايمەن .   
  بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى ئىلغار، مائارىپى ئەۋزەل بولسا ، شۇ جەمئىيەتتە ئىجادچان گېن كۆپىيىدۇ . بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسى قالاق ، مائارىپى  ناچار بولسا ، شۇ جەمئىيەتتە قاتمال كالۋا ئادەملەر كۆپىيىدۇ . قىزىقارلىقى شۇكى ، ھاكىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقان قۇۋملارنىڭ ئايرىم سەرخىللىرى باشقىلارنى « مەدەنىيەتسىز»، « قالاق » دەپ چۆكۈرۈشكە ئامراق بولىدۇ . بۇ ھال تارىختا تەكرار كۆرۈلگەن مەسىلە بولۇپ، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىدىن قاقشىغانلارمۇ ئازراق قەد كۆتۈرۋالسا كۆرگەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ .   
    جۇڭگو غايەت زور ھوقوق مەيدانى بولۇپ ، بازار ۋە ئەقىدىلەر ئېغىر دەرىجىدە ھوقوقلاشتۇرۇلغان . بۇنداق ئىزچىل تارىخ جۇڭگولۇقلارنىڭ ھوقوقنى چوڭ بىلىش خاراكتىرىنى شەكىللەندۈرگەن . دېمەك ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تەقدىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن .   
   قورقۇتۇش ، ئالداش ، يالغان سۆزلەش ھوقوق سەھنىسىدە بولۇپ تۇرىدۇ . ھەتتا ھوقوقسىز خەلق  دېكتاتورلارنىڭ سەپسەتىسىنى ھەقىقەت دەپ ماختاشقا مەجبۇر بولىدۇ .   
   تىل-يېزىق ۋە دىن كۆپ ھالدا نۇرغۇن مىللەتنىڭ سىموۋۇلى بولۇپلا قالماي ، بەلكى جان تومۇرى بولۇپ قالىدۇ . بىر قىسىم ئالاھىدە مەزگىلدە، بەزى مىللەتلەر دەل ئۆزلىرىنىڭ ئىتىقادى ۋە تىل يېزىقى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پەرقىنى ساقلاپ قالىدۇ .  ئەلۋەتتە، جۇڭگولۇقلارنى ھوقوق مىللىتى ، ئىنگىلىزلارنى بازار مىللىتى ، يەھۇدىيلارنى ئېتىقاد ( ئەقىدە ) مىللىتى  دەپ مۇتلەق كېسىپ ئېيتقىلى بولمايدۇ . چۈنكى ھوقوق، ئىقتىساد ۋە ئېتىقادنى بارلىق ئىنسان تۈركۈمى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، مۇقەررەر ئىنتىلىدىغان كاتىگورىيە دېيىشكە بولىدۇ . ئۆزىنى قوغداش (سىياسىي) ، ئۆزىنى قامداش ( ئىقتىساد) ، ئۆزىنى ئاتاش (دىن ) ئىنسان تەبىئىتىدە تەبىئىي ئېھتىياجلاردۇر . شۇڭا ، ئۇلارنى قانداقتۇر مەلۇم بىر مىللەتكە تالىق قىلىپ قويۇش بىر تەرەپلىمىلىكتۇر . ۋاقتى كەلگەندە ھەرقانداق مىللەت بازار مىللىتىدۇر . ھەرقانداق مىللەت ھوقوق مىللىتىدۇر . ھەرقانداق مىللەت ئېتىقاد مىللىتىدۇر .   
     ئۇيغۇرلار ئېتىقاد مىللىتى ، لېكىن ئاساسىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا ئاڭلىق ئېتىقادچىلاردىن ئەمەس ؛ ئۇيغۇرلار ئەنئەنىگە مايىل توپ ، لېكىن ئەنئەنىسىنى تۈزۈك قېزىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان ؛ ئۇيغۇرلار ئېتنولوگىيىلىك مىللەت ، لېكىن ئۆز ئېتنولوگىيەسىنىڭ پەلسەپىۋى تەسۋىرىنى تۈزەپ بولالمىغان مىللەت . ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر-بىرىنى ئاڭلىق قوللاش مۇناسىۋىتى دېگەندىن كۆرە ئىسىتخىيەلىك يۆنىلىش مۇناسىۋىتى دېگەن تۈزۈك .                    ئەبەي تارىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 01:21 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 08:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستاز  ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  " مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى"  ناملىق كىتابىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى كۆپ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سۈيۈپ ئۇقۇشىغا ئەرزىيدۇ، كىتاپ كۆرمەكچى بولغانلار كۈرۈپ قۇيۇشقا چۇقۇم ئەرزىيدۇ. بۇرۇن دوختۇرخانىلاردا ياتقانلارغا گۈل ياكى مىۋە-چىۋە بىلەن يوقلايدىغان ئادەتلەر بارتى ھازىر بولسا مۇشۇنداق ياخشى كىتاپلارنى سوغا قىلسا ئەڭ ياخشىدۇر، كىتاپ ئۇقۇش ياخشى ئادەت.  ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن مەن قاتارلىق 100دىن ئارتۇق كىشلەرگە مەدەنىيەت تايانچىلارنى تەربىلەش كۇرسىدا بىزگە مۇشۇ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇڭلار دىگەن ، دىمەك مەنمۇ  ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇستازنىڭ تەكلىپى بىلەن دوختۇرخانىلاردىكى بىمارلارغا كىتاپ ئارقىلىق يوخلىغاندا ئۇلارنىڭ ھەمىدىن بەك خوشال بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئىچىمدە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئۇستازغا رەخمىتىمنى بۈلدۈرگەن ، بۇ ئۇستاز دەل شۇ ۋاقىتتا ئۆز ئۆزىنى ئىردەش بۇسۇغىسىدا ناملىق كىتابىنى نەق مەيداندا يىرىم باھادا بىزگە بەرگەن ،مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئۇستازنىڭمۇ كىتابىنى ھەربىر ئەسىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن. كۇچا قىزى ، مەدەنىيەت تايانچىسى مەن  ****    دىن  مۇشۇندەك قەلەمكەش ئۇستازلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9887
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5002 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 08:55:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۈگۈن تېخى بۇ كىتاپنى ئوقۇشنى باشلىدىم.

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9887
تۆھپە نۇمۇرى: 773
توردا: 5002 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 09:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىدىن تەرمىلەر.

لوندۇن ئاسمىنى شۇنداق تۇتۇق.
.....مەيلىلا،تەبئەتنىڭ ئاسمىنى تۇتۇق بولسا ھىچقىسى يوق.چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا كىشلەرنىڭ چىراغ يېقىشقا ھىچكىم دەخلى قىلمايدۇ. ئەمما،سىياسەتنىڭ ئاسمىنى تۇتۇق بولسا،چىراغ يېقىش تۈگۈل،تۈزۈك يۆتەلگىلىمۇ بولمايدۇ.

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83294
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3712
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:03:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاپنىڭ مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى دىگەن ئىسمىدىنلا ئۇنىڭ ئېسىل كىتاپلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78345
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-4-4
ئاخىرقى: 2012-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:18:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  كىتاپخانلارغا  قارىسام  تېخىچە كەلمەپتۇ بۇ كىتاپ

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84103
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:26:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1065
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 31744
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7482 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:33:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ،تۈنۈگۈن نەشىر قىلىنغان 10كىتابتىن 6نى سېتىۋالدىم.قالغان تۆتى تېخى كىتابخانىغا كەلمىگەن ئوخشايدۇ.كىتابخانا بەك باس-باس بوپ كېتىپتۇ.
بۈگۈن چۈشتە،ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىزغا تېلىفۇن قىلدىم،كىتابخانىلارنىڭ ياخشى كىتابلار بولسا،بەس-بەستە سېتىۋالدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ سۆيۈملۈك ئۇستازغا رەھمەت ئېيتىپ كۆڭۈل سۆزۈمنى دىۋالدىم.
تېلىفۇندا پاراڭلىشىقا پۇرسەت چىققاننى غەنىمەت بىلىپ،ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىزغا:
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا،تولىمۇ ياخشى كىتاب بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە رەھمەت،ئۇ كىتابلار ماڭا يەنىلا ئەرزان تۇيۇلدى،مۇبادا،100يۈەندىن چىققان بولسىمۇ،يەنىلا باس-باس بولاركەنتۇق،بۇ قېتىم نەشرىياتتىن شۇنچىلىك سۆيۈندۇق،سىز ۋە يالقۇن ئاكام مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلار،مۇمكىن بولسا،جەنۇبتا مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىيلاردىن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەنلەرنىڭ تور دۇنياسىغا چىقارغان ئەسەرلىرىنى كىتاب قىپ چىققان بولسا،ياخشى بولاتتى،ئۇلارنىڭ جەنۇپتا تۇرۇپ،يازغان ماقالىرى ئۆزىگە خاس نۇرغۇن ئالاھىلىدىكلىرى بار،سىلەر شىمال تەرەپتە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىپ يازغان كىتاب ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلىرىنى خوشال قىلسا،جەنۇبتا خىزمەت قىلىۋاتقان بوزقىر بىلەن گۈلەننىڭ ئەسەرلىرىنى يىغىپ،بىر نەشىر قىلساق ياخشى بولاتتى.مۇمكىن بولسا،سىزنىڭ ئالاقە دائىرە،ئىجتىاھىي مۇناسىۋەت دائىرىڭىز كەڭ بولغانكىن،بوزقىر بىلەن گۈلەننىڭ ئەسەرلىگە كۈچەپ باققان بولسىڭىز ،بۇ پۈتكۈل ياشلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئۈمىدى.....دېدىم.
ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن:
-ئەلۋەتتە بولىدۇ،بۇ تەكلىپنى ئالاقىدار خادىملارغا يەتكۈزىمەن،بىز قىلماقچى بولغان پىلانغا ئەكىرىمىز....دەپ مېنى بەك خوشال قىلدى.
تېلىفۇندىكى قىسقىغىنا،ئەمما ئىنتايىن مەنىلىك بولغان بۇ سۆھبەتتە بۇ ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىم بەكلا ئاشتى.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11872
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 982 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:18:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇنۇ  تېمىدا  ،  ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  ‹‹  ئاشىقلار تىلى ››  ناملىق ئەسىرى ،        20  - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر  بولۇپ باھالىنىپتۇ   .
-----------------------------------------------




                20  - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەر
  
  


20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 100 مەشھۇر ئەسەرنىڭ تىزىملىكى

يازغۇچىسى : كېرىمجان ئابدۇرېھىم


( ئەسەر نامى : يازغۇچىسى )
ئىز : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئويغانغان زېمىن : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
قۇم باسقان شەھەر : مەمتىمىن ھوشۇر
ئىزدىنىش : زوردۇن سابىر
مەھمۇد قەشقەرى : پەرھاد جىلان
ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە : خېۋىر تۆمۈر
قانلىق يەر : مەمتىمىن توختايوپ
سۇتۇق بۇغراخان : سەيپىددىن ئەزىزى
بۆرە ئانا : توختى ئايۇپ
لېيىغان بۇلاق : جالالىدىن بەھرام
ئۇنتۇلغان كىشىلەر : ئەخەت تۇردى
داغ : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
مەمتىلى ئەپەندى : يالقۇن روزى
پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر : باتۇر روزى
نۇزۇگۇم : مەمتىمىن ھوشۇر
قۇملۇقنىڭ چۈشى : خالىدە ئىسرائىل
مەختۇمسۇلا : خالىدە ئىسرائىل
ئوربىتا : خالىدە ئىسرائىل
ئاقساق بۇغا : مۇھەممەت باغراش
مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ قارىچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت : مۇھەممەت باغراش
كەلكۈن : مۇھەممەت باغراش
ئاھ ، رەھىمسىز دەريا : ئەختەم ئۆمەر
قۇرتلاپ كەتكەن كۆل : ئەختەم ئۆمەر
قۇم باسقان دېڭىز : توختى ئايۇپ
كەچ كۈز : زوردۇن سابىر
ئاخىرقى پادىچى : زوردۇن سابىر
يۇلتۇزلار جىمىرلايدۇ : ئالىمجان ئىسمايىل
كىرورەن گۈزىلى : ئەسئەت سۇلايمان
كۈيلەر كۆزى : ئابباس مۇنىياز
لاي سۇ ئىچكەن جانلار : ئەنۋەر مۇھەممەت
چۆل ئوغلى : نۇرمۇھەممەت توختى
قۇرىغان دەريا : ياسىنجان سادىق
ماغدۇر كەتكەندە : زۇنۇن قادىرى
چېنىقىش : زۇنۇن قادىرى
خالتا كوچىدىن يانغاندا : ئەرشىدىن تاتلىق
قەشقەر گۈزىلى : تۇردى سامساق
بەش تال ئوق : تۇردى سامساق
دولان ياشلىرى : زوردۇن سابىر
ئېھ ، توپىلىق يول : زوردۇن سابىر
توققۇز كۈنلۈك ماكان : ئەخەت تۇردى
سىم - سىم يامغۇرى : مەمتىمىن ھوشۇر
ئايخان : مەمتىمىن ھوشۇر
بۇرۇت ماجىراسى : مەمتىمىن ھوشۇر
قارا قورساق سەركە : مەمتىمىن ھوشۇر
ئاپئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى : مۇھەممەت باغراش
تۆت قۇلاق : مۇھەممەت باغراش
بۆشۈك : توختى ئايۇپ
مۈڭگۈز : توختى ئايۇپ
قوشتاغدىكى مۇشائىرە : نۇرمۇھەممەت توختى
شىراق : ئابدۇللا ساۋۇت
قوش مەسچىت : مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
مانا سىزگە ئۈچ بولكا : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
مېنىڭ دادام : ئابدۇراخمان قاھار
پالۋان كەلدى : تېيىپجان ھادى
كاككۇك قونغان تال : ماخمۇتجان ئىسلام
< ئالتۇن قان >دىكى توي : پەرھات جىلان
پەرىدە : غەيرەت ئاسىم
قەشقەر كېچىسى : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
مىڭئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن : نىمشېھىت
رابىيە - سەئدىن : ئەھمەد زىيائى
ئىلى خەمسىسى : مۇھەممەتجان سادىق
يۇلتۇزلار يۇرتى : ئارسلان
ئاق روماللىق پەرىزات : قۇربان بارات
مېنىڭ قەلبىم دالالاردا : ئىمىن ئەخمىدى
قەشقەردىكى يەر شارى : ئادىل تۇنىياز
ئۇيغۇرۇم : ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئويغان : ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئوقۇدى ، ئاشتى : مەمتىلى ئەپەندى
بىز مۇئەللىم : مەمتىلى ئەپەندى
بىر قىلىچ بەرسە . . . : قۇتلۇق ھاجى شەۋقى
يىللارغا جاۋاب : لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئىز : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
بىلىم ئىشقىدا : نىمشېھىت
تۈگىمەس ناخشا : تېيىپجان ئېلىيوپ
ئىككى ھەيكەلنىڭ ئۇچرىشىشى : ئابدۇكېرىم خوجا
سالغا تېشى : بوغدا ئابدۇللا
كېسىلگەن توغراق : قۇربان بارات
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ : ئوسمانجان ساۋۇت
رۇبائىيات : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئۈچ غەزەل : ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
بۇ دۇنيا : مۇھەممەتجان راشىدىن
ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق : مىرزاھىد كېرىمى
شېئىر ۋە شائىر : ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن
چۈنكى مەن ئادەم : تاھىر تالىپ
دېھقان بولماق تەس : روزى سايىت
تەتۈر چېقىن : چىمەنگۈل ئاۋۇت
غۇنچەم : زۇنۇن قادىرى
قانلىق يىللار : تۇرسۇن يۇنۇس
مەسلىھەت چېيى : مۇھەممەتئېلى زۇنۇن
قېرى يىگىتنىڭ تويى : تۇرسۇنجان لېتىپ
پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ : لۇتپۇللا مۇتەللىپ
قاشتېشىغا مەدھىيە : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
قەلب سادالىرى : ئەخمەت ئىمىن
سادا : ئەخمەت ئىمىن
ئاشىقلار تىلى : ئابدۇقادىر جالالىدىن
يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام : ئەختەم ئۆمەر
خوتەندىن خەت : نۇرمۇھەممەت توختى
موسكۋا خىياللىرى : نەبىجان تۇرسۇن

(ئالاھىدە ئەسكەرتىش : << شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى >> ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى )

  

  
مەنبە   :   دىلكۈيى  تورى
  
http://dilkuyi.biz/asar/mazmun.asp?id=474
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 11:22 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» نىڭ داۋامى :
    تويدىكى داغۋازلىق ۋە ئىسراپچىلىق دەرىجىسى ھەممە ئادەمنى سەسكەندۈرسىمۇ، لېكىن ھىچكىم بۇ خىل قاباھەتنى ئىسلاھ قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقمىدى . بۇ جەھەتتە، ئۆزىنى زىيالىي دەيدىغانلارمۇ ئوخشاش رول ئالدى . دۆلەت ، قىتئە ياكى دۇنيا سەھنىسىدە ئۇتۇق قازىنىپ كەلگەن بىر بوكىسچى ( مۇشتلاشچى ) بىرىنىڭ تويىغا بارالمىغان بولسا ئۇنىڭ قىممىتىنى ھىچنىمىگە تەڭ قىلمايدىغان، كېچىلەپ تەجرىبە ئىشلەپ ئەلگە پايدىسى بار بەلگىلىك نەتىجە چىقارغان ئالىمنى سورۇندا ئولتۇرۇشۇپ بەرگەن ئۈلپەتكە تەڭ قىلمايدىغان قىممەت قاراشلار بىزگە ئۇمۇميۈزلۈك يامراپ كەتكەن . ئۆزىنىڭ خۇسۇسى پايدىسى، ھەۋىسى ، خۇمارى ، ئويۇنى بىلەن بېۋاستە ئالاقىسى بولمىغان ھەرقانداق نەتىجىگە ئېرەن قىلمايدىغان ئاز-تولا ئۇمۇمىي مەنپەئەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەردىن سان جەھەتتىن مۇتلەق كۆپ بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئۇلار كۈندىلىك ئىش- ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلىنىپ كېتىكلىك . ئۇلار ھەمىشە يوللۇق ھە ھەقلىق بولۇپ كېتىكلىك . ۋاھالەنكى، تارىخ بۇنداق قۇۋمغا ھەرگىز كۈلۈپ باقمايدۇ ، بەلكى بۇنداق قارا غاپىللارنى باشقىلارنىڭ ئايىغىغا پايانداز قىلىپ بېرىدۇ .  
   نەگە بېرىشىڭىزنى ۋە نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نەدە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىشىڭىز كېرەك . ۋاھالەنكى ، كومپاس يۈرىكىڭىزدە بولمىسا نەدە ئىكەنلىكىڭىزنى توغرا بىلەلمەي قالىسىز .
    پۇل ، بايلىق، مەنسەپ ، شان - شۆھرەت ھىرىسمەنلىكى كىشىلەرنىڭ تەم سەزگۈسىنى گاللاشتۇرۇپ، ھاياتنىڭ تەمىنى ئۇقماي ياشايدىغان قىلىپ قويدى . ئۇلار ھاياتنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ بولغىچە دوختۇرخانىدىن ئورۇن ئېلىشىدۇ . نەپسانىيەتچىلىك ئادەملەرنى ماشىنىغا ، ھەشەمەتلىك داچىغا ، ئالتۇن ۋە ئالماسلارغا ئىگە قىلدى ، ھوقوققىمۇ ئىگە قىلدى ، لېكىن ئۇلارنى ئاددىي ئىنسانلىقىتىكى ھالاۋەتتىن مەھرۇم قىلدى .   
    دىيارىمىزدا تولا ئادەم ئاساسەن ئوخشاش گەپ قىلىدۇ ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۇمۇمەن ئۆزىمىز بىلىدىغان ۋە ئالدىن پەرەز قىلىغان گەپلەرنى ئاڭلايمىز، شۇنداقتىمۇ مەنىسىزلىك ھېس قىلمايمىز ، چۈنكى ھەممىمىز ئۆز مەنىسىزلىكىمىزنى ئۇنتۇپ كەتكەن .  مۇھەببەت ئىشەنچسىز بولغاچقا ، كىشىلەر نىكاھقا شۈبھىلىك قارايدىغان بولۇپ كەتكەن .  
     كۆڭۈلنىڭ تاشقى يۈزى باشقا ئادەملەرنىڭكىدە ئاز- تولا ئوخشاپ قالىدۇ . لېكىن كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن خاس بولىدۇكى ، دۇنيا ئەنە شۇ خاسلىق كۆزى بىلەن كۆزىتىلسە، ئىنسان تامامەن باشقىچە بايقاشقا مۇيەسسەر بولىدۇ .   
    ئۆز ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن يات مۇھىتنى كۆرگەندە قورۇنۇش ھېس قىلىش ئاسارەتنىڭ ئىپادىسىدۇركى ، بۇنداق كىشىلەر زۈرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنىڭ ئۇرۇق- نەسەبلىرىدىن شەرمەندىلەرچە يۈز ئۆرۈيدۇ ۋە يەنە بىر توپنىڭ شەرەپسىز كەلگۈندىسىگە ئايلىنىدۇ . مەن ئىنسان ئۆزى ئىپتىخار بىلىپ داۋام قىلدۇرغان ئەنئەنىنى ھەرقانداق زامانىۋىلىق مۇھىتىداقەتئىي چانمايدىكەن دەپ ئويلىدىم .   
    بىخەستە كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە ئىشلار تاسادىپىيلىق ، ئويغاق كىشىلەر ئۈچۈن ھادىسىلەر سەۋەب بىلەن تولغان .   
     ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەقىقىي مەنپەئەتىنىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغان ئادەملەر گېزىت تەشۋىقاتلىرىنىڭ ساددا ئەگەشكۈچىسىگە  ئايلىنىپ قالىدۇ . چۈنكى گېزىت سىياسىئونلارنىڭ مەنپەئەت تەقەززاسىنىڭ بېۋاستە تەسىرىدە بولىدۇ . ۋاستە تاللىماسلىق سىياسىينىڭ بىر تۈرلۈك خارەكتىرى بولغانىكەن ، سىياسىئونمۇ ئاۋامنى كولدۇرلىتىپ قويۇشى مۇمكىن . شۇڭا ، ئىنگىلىز يازغۇچىسى جورجىي ئورۋېل « گېزىتتە ئىزچىل توغرا خەۋەر قىلىنىدىغان ئىش يوقلۇقىغا بۇرۇنلا دىققەت قىلغانمەن » دېگەنىدى .
     كىتاب بىر مىللەتنىڭ ئەقىل- پاراسەت ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇمشاق كۈچىنى تىپىك دەرىجىدە نامايەن قىلىدۇ . ماڭا خۇددى بۇ جاھاننىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ئەنگىلىيە پىلانلاپ ، ئامېرىكا يۈرۈشتۈرگەندەك تۇيۇلىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 01:23 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش