Gvljahan يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 12:19 AM
بۇ «ماقالە»نى ئۇقۇپ بولغۇچە كاللامنىڭ پىقىراۋاتقىنىن ...
شۇڭا ئۇ ..ئىزىم ، بۇ ..ئىزىملار ئىنساننىڭ تەپەككۇرىغا قالايمىغانچىلىق ئەمەس نورمالنى بولغان تەرەققىيات يۈنىلىشى ۋە قىممىتىنى ھىس قىلغىلى بولىدىغان مەۋجۇتلۇق يېشىل چىرىقىنى يېقىپ بىرەلىسە ئۇ ئاندىن ھەقىقى ئىزىدىن ماڭغىلى بولىدىغان ئىزىم ، بولمىسا ئۇنداق نەرسىلەر ئىشىنى قىلسۇن .
بىر مىسال كەلتۈرەي، ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئىنسانلارنى بەزى ئىشلاردىن چەكلەش، بەزى ئىشلارغا تەشەببۇس قىلىشى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ۋە يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلارنى ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئېتىقاتقا ئېگە قىلىش نىشانىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن شۇنىڭ ئىچىدىمۇ، ياخشىلىققا، تەرەققىياتقا ئۈندەيدىغىنى، شۇنداقلا زاۋاللىققا، گۇمراھلىققا ئۈندەيدىغىنى بولىدۇ، مەسىلەن: ئىسلام بىلەن بۇددىزم. ئىسلام دىنىمىزنىڭ يۈكسەكلىنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار، بۇددىزىمنىڭ قاملاشمىغان يېرىدىن مىسال ئالسام، راھىبلار پۈتۈن ئۆمرىنى ئىبادەتكە ئاتاپ ئۆتكۈزەرمىش، شۇ سەۋەپتىنمىكىن گۆش يېمەيمىش، ۋە ئۆيلەنمەيمىش، دېمەك ئەگەردە (گەرچە مۇمكىنچىلىكى نۆلدىن تۆۋەن راۋۇرۇس گىرادۇس بولسىمۇ)بۇ دىن پۈتۈن ئىنسانلارغا ئۆزىنى تارقىتىشنى مەقسەت قىلىپ، دۇنياغا بۇددىزم ئومۇملاشتۇرۇپ بولدۇم دەپ قارىغان چاغنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ دۇنيادا ئىنسانىيەت يەنە مەۋجۇتمۇ؟ قاچانغىچىلىك مەۋجۇت؟
مۇشۇنداق ياراتقۇچى زات بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتكە خىلاپ بىر تەشەببۇسنى كۆتۈرۈپ چىققان ‹ئىزم›غا يەنە بىرمۇنچە ئىنسانلارنىڭ ئەگىشىپ يۈرگىنىگە ئەقلىم ھەيران. شۇنىڭدەك بۇ ھېچنىمىزىم توغرىسىدا يۇقارقى
Gvljahan نىڭ ئىنكاسىدا خېلى مۇۋاپىق قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ دەپ قارىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaxyax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-27 01:40 AM