rahatmakan يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 12:08 PM
سىز نىڭ ئاتا -ئانىڭىزنىڭ توي قىلشى بىر خىل رىياللىق ،س ...
مەن ئەمدى سۆزىڭىزگە جاۋاپ قايتۇراي،سىزگە ئەسلى شۇ ۋاقىتتىلا چۈشەنچە بېرەي دېگەنتىم بىراق ۋاقتىم چىقماي قالغاچقا ۋاقتىدا يازالمىدىم..مەن رېئاللىقنى ئىنكار قىلىشنى ياكى رېئاللىقتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشنى ئويلاپ باقمىدىم ھەم ئۇنداق قىلمايمەن.چۈنكى مەن مۇسۇلمان!‹بۇددىس› ئەمەس.
خۇددى سىز ئېيتقاندەك مەن ئاتا-ئانامنىڭ توي قىلىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشى نەتىجىسىدە دۇنياغا كەلدىم.مەن بۇ رېئاللىقنى ئېتراپ قىلىمەن ھەمدە بۇ رېئاللىقتىن چىققان بىر ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتقانمەن،ئۇ ھەقىقەت دەل ئىنساننىڭ قانداق يارىلىش ھەقىقىتى..
دوستۇم مەن سىزگە دەپ بېرەي،ئىنسان مۇنۇ 4 خىل ھالەتتە يارىتىلدى
1-ئادەم ئەلەيھىسالام چەكسە جىرىڭلايدىغان قۇرۇق لايدا‹يەنى تۇپراقتىن› يارىتىلدى
2-ھاۋۋا ئانىمىز‹ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ ئايالى›ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ بىر تال قوۋرۇغىسىدىن يارىتىلدى
3-ئەيسا ئەلەيھىسالام ئاتىنىڭ ۋاستىسىسىز،يەنى بۈۋى مەريەم ئانىمىزنىڭ قوسىقىغائاللاھنىڭ ‹ۋۇجۇدقا كەل!› دېگەن كەلىمىسى بىلەن يارىتىلدى
4- سىز ۋە مەن جۈملىدىن، بارلىق ئىنسانلار ئاتا -ئانىنىڭ ۋاستىسى بىلەن يارىتىلدۇق
مەن ئاخىرىدا يەنە دەپ قوياي،مەن ئاتا-ئانامنىڭ ۋاستىسى بىلەن يارىتىلدىم
ئۇلار پەقەت ۋاستىچى خالاس،ھەقىقىي ئېگىمىز جانابىي ئاللاھدۇر..
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم بۇ قالدۇرغان سوئالىڭىزغا ۋاقىت يار بەرمىگەچكىلا ئەمدى يازدىم.بۇ سوئالىڭىزغا كىچىك بالىمۇ جاۋاپ بېرەلەيدۇ،ماتىرىيال كۆرۈش ھاجەتسىز..سىز بىلەن دوستانىي مۇئامىلىدە تۇرۇپ ئىلمىي پىكىرلىشىشنى خالايمەن ئەگەر گەپلىرىم كۆڭلىڭىزگە كەلگەن بولسا كەچۈرۈڭ...بەلكىم يەنە ۋاقتىدا قايتۇرالماي قېلىشىم مۇمكىن، توغرا چۈشىنەرسىز...