rustorahbar يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:14 PM
توي قىلىپ بولۇپمۇ تاشلاپ كىتدىغان ئىش كۆپ ئەمەسمۇ قېر ...
سەمىمىيىتىڭىزدىن ۋە تەنقىدكە تۇتقان پوزىتسىيىڭىزدىن سۆيۈندۈم. مەن سىزنىڭ شېئىرلىڭىزغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن، سىز ھەقىقەتەن ئىزدىنىۋاتىسىز، مەن شۇ ئىزدىنىشىڭىزدىن سۆيۈنىمەن. لېكىن «شېئىر مارجان ئەمەس، يىپقا ئۆتكۈزۈپ تىزىپ قويسىلا تۇرىۋېرىدىغان». شۇڭا شېئىرلىرىڭىزدا تار دائىرىدىكى كۆزىتىش، پىكىرنى تومتاق ئىپادىلەش، شېئىرنى نوقۇل دىداكتىكا دەپ قاراش، ئىچكى تۇيغۇنى تۈپتۈز بايان شەكلىدە ئىپادىلەشتىن قۇتۇلالمايۋاتىسىز. مېنىڭچە شېئىردا مەلۇم شېئىرى مۇھىت يارىتىلىدۇ، شائىرنىڭ تۇيغۇسى قويۇق شېئىرى مۇھىت ئىچىدە ئوبرازلىق پىكىر بىلەن سەنئەتلىك ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا تېتىملىق شېئىرلار بىزنى شائىرنىڭ ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرالايدۇ، شائىرنىڭ شاتلىقىغا كۈلدۈرۈپ، ھەسرىتىگە يىغلىتالايدۇ. شائىر شېئىر يېزىۋاتقان ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ... يىغىپ ئېيتقاندا شېئىر يېزىش نوقۇل سۆز تىزىش ياكى ئويلىغاننى ئۇدۇل بايان قىلىش جەريانى ئەمەس، مەشىق بىلەنلا يېتىلدۈرگىلى بولىدىغان ماھارەتمۇ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە تەكلىپىم بولسا ياخشى يېزىلغان شېئىرلارنى كۆپ ئوقۇڭ، قايتا - قايتا ئوقۇڭ. شېئىرنىڭ ماھىيىتى ۋە شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك شەرتلەر ھەققىدە، شېئىرىيەتنىڭ قانۇنىيىتى ھەققىدە كۆپرەك ئىزدىنىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ياخشى شېئىرلارنى كۆپلەپ يېزىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-28 12:07 AM