Dakyanos يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:53 PM
سىز بىر مۇنچە سۇئاللارنى قۇيۇپ زىيالىلارنى سوراقلاپس ...
بۇ ھەقتە سۆز ئىچىپ كەلسەك خىلى مەسىللەرنى سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ دەقىيانۇس بۇرادەر .
سىز ماۋۇ جۇملىدە........... زىيالىي دىگەن پەقەت يازغۇچىلارنىلا كۆرسىتەمدۇ؟ مەن بۇنىڭغا قۇشۇلالمايمەن. زىيالىنىڭ دائىرىسى بۇنىڭدىن خېلىلا كەڭ. زىيالى دىسىلا يازغۇچىنى كۆز ئالدىغا كىلۋىلىش نەزەر دائىرىمىزنىڭ تارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەجەبا ئۇقۇتقۇچىلار، دۇختۇرلار زىيالى ئەمەسمۇ؟ كەڭ تەبىئى پەن خادىمىلرى زىيالى ئەمەسمۇ؟ ...........دىگەن كۆز-قاراشنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز . بۇ قارىشىڭىز ھەقىقەتەن توغرا . مىنىڭ ئىنكاسىمدىكى زىيالى دىگەن ئوقۇمدا زىيالى دىگەن سۆزىگە بەرگەن ئىنىقلانمامغا، سىزنىڭ بۇ جۇملىىڭىزنى تەتبىقىلىغاندا مىنىڭ ئىنكاسىىمىدىمۇ زىيالى دىگەن سۆزنىڭ ئىنقلىمىسىنىڭ تولىمۇ تار دائىردە بولۇپ قالغانلىقىنى ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ .
مىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇۋاتقان مەقسىتىم . زىيالى دىگەن بۇ ئۇقۇمغا تەۋە بولغان ھەر بىر شەخىسىنىڭ بۇ ئۇقۇمغا يۈز كىلەلىگۈدەك رولىنى كۈچىنىڭ يىتىشچە جارى قىلدۇرمىغانلىقى بولدى دىمەكچى .
سىز ئويلاپ بىقىڭ ئالتە-بەش يىللار ئىلگىرىكى زىيالىلارنىڭ كەسىپ خىزمەت ... مىزانى بىلەن ھازرىقى دەۋىردىكى زىيالىلارنىڭ كەسىپ خىزمەت ياشاش مىزانى خىىل زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ دەپ قارايمەن .
بۇ يەردە كىسىپلا سۆز ئاچساق . سىزمۇ بىلسىىز يىقىنقى ئالتە-بەش يىلدىن بۇيان جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۇمەت ئۆز رايۇنلىرىدا كەڭ خەلىق ئاممىسنىڭ نەچچچە مىڭ يىللىق دىننى ئىتقاد ئەركىنلىكىگە چەكتىن ئاشقان سىياسەتلەر بىلەن ئىغىر دەرىجىدە تولدۇرغىسز كۆڭۇلسۇزلىكلەرنى ئىلىپ كەلدى .
بۇ ئىشلاردىن ئىلگىرى خوتەن ،قەشقەر . ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە دىھقانلار ئۈستىگە كۆتۇرۇپ قوپقۇسىز ئالۋاڭ-ياساڭ ۋە ھەر پەسىلدە بىر ئالمىشىپ تۇردىغان كەسىپ تۇر قۇرلۇشى سىياسىتى بىلەن دىھقانلارنىڭ بىلىنى ئىگىپ قويدى .
........يۇقارقى ئىشلار ئازغىنە ئىشلارنىڭ بىرسى خالاس دەقىيانۇس . مۇنداق مىساللارنى ئىلىپ كەلسەك سۆزلەر ئازلىق قىلىدۇ .
مۇشۇ ۋاقىتلاردا يەرلىك ئامما ئىچىدە بۇ قىلمىشلارغا قارىتا غەزىپى چەكتىن ئاشقان كىشىلەر ھەر خىل قانۇنغا خىلاپ ھەركەتلەر بىلەن يەرلىك ھۆكۇمەت خادىملىرى بىلەن قارشىلاشتى ۋە ئائىلىسىنى ھەسىرەت-نادامەتتە قويۇپ تۇرمىدا مەھبۇسقا ئايلىنىپ كەتتى . لىكىن ھازىرمۇ جەمىيەتكە نەزەر سالسىڭىز بۇ ئىشلار ھازىرمۇ يوق ئەمەس .
نۇرغۇن ئىشلارنى جەڭگە-جىدەل ئۇرۇشلار بىلەن ھەل قىلىش ئاقلانە چارە ئەمەس جەڭگە-جىدەل ئۇرۇش دىگەننى قارشلاشقۇچى بىلەن قارشىلىشقا زىددىيەت پەيدا قىلغۇچى تەشكىلات ياكى پارتىيە ئوتتۇۇسىدا ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا قارشى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا مۇۋاپىق بولغان ئىقتىسادى ياكى مەنىۋى مەنپەت مىۋىسىنى كاپالەتكە ئىگە بولمىغاندا ياكى قانائەتلەندۇرمىگەندە ئاندىن ئىلىپ باردىغان زوراۋانلىق تۇسىنى ئالغان بىر پائالىيەتتۇر .
ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىىتى بولسا ، ئۇرۇش قىلغۇچى شەخىس ياكى تەشكىلات ۋە ياكى دۆلەت ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئىلىپ باردىغان بىر خىل پائالىيەتتۇر .
ئۇرۇش ئىككى خىل بولۇپ بىرسى زىيان- زەخمەت قىلىش تۇسىنى ئالغان ۋاستىسى قەبىھ بولغان ئۇرۇش . يەنە بىرسى بولسا تەشكىللىنىشى تەرتىپلىك . باشتىن-ئاخىرى زوراۋانلىق شەكلىنى ئالمىغان ھالدا ئاممىۋى جامائەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرپكە بىسىم ھاسىل قىلىپ ،قارشى تەرپىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۇشۇرۇش ئارقىلق قارشى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغامۇۋەپىق بولغان دائىردە ئىتىبار بىرىش سىياسەتلىرى بىلەن بەھرىلەندۇرش پىكىرىنى قوبۇل قىلىدۇرشتتىن ئىبارەت ئىككى تۇرگە ئايرىلىدۇ .
دىمەك ئۇرۇشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ۋە مەقسىتى ھامان بىرلا . يەنى ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇۋاپىق دائىردە يۈگۈزۇش ئەكىلنىكىگە ئىرىششتىن ئىباەرت .
لىكىن بىزدە مۇنداق بىرلىككى كىلىش ياكى بۇ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىمىز يوقلىقىنىمۇ ياخشى بىلىمەن .
لىكىن مەن بىر نەرسىى تولىمۇ ياخشى بىلىمەن . بۇ ياخشى نەرسە دىگەندە دەل زىيالى .
بىر زىيالى بىر يۇرتنىڭ نەچچە مىڭ پۇقراسدىن مىڭ ئەۋزەلدۇر . 1000 پۇقرا ئەدەبىي-تىل سەنئىتى ئاجىزلىق سەۋەپتىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىشىغا بۇرتالمىسا ،بىر زىيالى ئۆزىنىڭ ئۆتكۇر قەلىمى ئارقىلىق دىققىتىنى بۇرتالايدۇ .
زىيالى دىمەك ئەلنىڭ سەركسىى ئەلنىڭ بەخىت-سائادىتى ....ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ كۈچىدىنىمۇ ئارتۇق بولغان قەلەم كۈچى ئارقىلىق ئەلنىڭ يىغىسىنى ئەلنىڭ ئارزۇ-ئىستكەكلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلك ھۆكۇمەت ئورگانلىرىغا ياكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق بۇ ئورگانلارنىڭ دىققىتىنى يەرلىك ئامما تەرەپكە بۇراپ ،يەرلىك ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سىلىشقا ئۈندەش ئارقىلىق كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىخمۇ كۆيمەيدىغان زەخمە قىلىش ئۈچى يوق دۇمباق ساداسى ئارقىلىق جەمىيئەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئامما بىلەن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگانلار ئوتتۇرسىدا كۆۋرۇكلۇك رول ئويناپ جەمىيەتنى تىنىچ مۇقىم بولغان ياخشى مەزنىلگە يىتەكلەيدىغان ياخشى باشلامچىدۇر .
مەن بۇ كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويسام سىز بەلكىم . مۇنداق قىلغان زىيالىلار بارغۇ قىنى شۇلارنىڭ ئەمگىكى ئۇنۇم بەردىمۇ دىيشىڭىز ئىنقىتۇ . لىىكن مەن بۇ گەپكە پەقەت ئشەنمەيمەن .
بىر ياكى ئىككى ۋە تۆت-بەش زىيالىلارنىڭ قەلەم كۈچى ئانچە ئۇنۇم بەرمەيدۇ ۋە تەسىرىنى كۆرسىتەلمەيدۇ . يۈز ،مىڭ ،ئونمىڭ .................زىيالىلارنىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلگەن يەرلىك ئاممىغا ۋاكالىتەن يىزىلغان كۈچلۈك قەلىب ساداسى يۇقىرى دەرجىلىك ئورۇنلارغا قاردەك ئاقسىچۇ ؟ بۇ چاغدا سىزچە ئۇنىمى قانچىلىك بولار ؟
سىزچە دىيارىمزىدا قانچىلىك زىيالى باردۇر ؟ خوتەن ، ئاقسۇ ، كورلا ، ئۈرۈمچى . قارماي ،كۈيتۇن ، غۇلجا .......بۇ ئىسملار ۋىلايەت ياكى ئىچىۋىتىلگەن شەھەر دەپ قويمىز ئاتالغۇدا ھەر بىر شەھەر ،رايۇن، ناھىيە . يىزىدا ياشاۋاتقان زىيالىىلار توپى قانچىلىك ؟
ھەممىز توردا ،مۇنبەردە......ئۇيغۇر ،مىللىتىم دەپ نەپەس ئالىمىز .بىرەسى مىللىتىمىز ئىچىدە مىللىتىمىزنىڭ ئازىراقلا سەلبى گىپىنى قىلىپ قويسا مەيدىمزگە مۇشلاپ يەتمىش پۇشتىغىچە تىللاپ رەسۋا قىلىۋاتىمىز .
ئۇيغۇر جەمىيتىنى كىملەر تەشكىل قىلىدۇ ؟ ئۇيغۇر جەمىيئىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۇنەرۋەن-كاسىپلار . دىھقانلار ، ئوقۇتقۇچى . دوختۇر ، ئىشچى ..........قاتارلىق ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى مەن ئۇيغۇر دەپ ياشاۋاتقان ھەر جان ئىگىسسى تەشكىل قىلىدىغۇ دەيمەن .
زىيالىلار تىخمۇ شۇنداق . ئۇلار ئۆزلىرىنى بىزلەر ئۇيغۇر مىللتنىڭ سەركىسى ،باشلامچىسى . پارلاق يولغا يىتەكلىگۈچىللىرى دەپ بىلىدۇ . بىراق دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىننى ئىتقاتى دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرسا . زىيالىلار كۆز يۇمۇپ تۇردۇ .شۇ مۇسۇلمانلار ئۇيغۇر ئەمەسمۇ ؟ دىھقانلارنىڭ جانىقان مەنپەتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇرسا كۆز يۇمۇپ تۇردۇ .شۇ دىھقانلار ئۇيغۇر ئەمەسمۇ ؟
مۇشۇ ۋاقىتتا زىيالىلار نىمە ئىش قىلدى ؟
بۇ سۇئالنى قويسام سىز بارلىق زىيالىلار سىز ئىيىتقاندەك مۇنچە پاسسىپ بولۇپ كەتمىگەندۇ . يەنە كۆپ سانلىق ياخشى مىللەت سۆيەر زىيالىلار جەمىيەتتە ئۆز رولىنى قارى قىلدۇرۋاتىدۇ دىيشىڭىز مۇقەررەر .
مەن ھەقىقەتەن مىللەت سۆيەر زىيالىلارنى يوق دىمەيمەن . قىلمىدى ئەمەس قىلدى .يازمىدى ئەمەس يازى .سۆزلىمىدى ئەمەس سۆزلىدى . بىراق ئۇنىمى بولمىدى .
نىمە ئۇچۇن ئۇنىمى بولمدى ؟
يۇقىرى دەرىجىلك ئورگانلار زىيالىلارنىڭ ساداسىنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى زىيالىلار ئاڭلىتالمىدىمۇ ؟
مەنچە زىيالىلار ئاڭلىتالمىدى .
نىمە ئۇچۇن ئاڭلىتالمدى ؟ ئاڭلىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاڭلىتالمدى دەسەك توغرا بولارمۇ ؟ -ئەلۋەتتە توغرا بولمايدۇ .
بۇ يەردە ئاساسلىق سەۋەپ نەدە ؟
دەل زىيالىلاردا . زىيالىلار ئىشنىڭ قىلىپىغا كىرىۋالدى .ئۆزلىرىگە نىمنىڭ ياخشى نىمىنىڭ يامان ئىكەنلىگىنى ياخشى بىلىدۇ . ئاممىنىڭ ساداسىنى نەدە سۆزلەشنى ،نەدە يايما قىلشنى ، نەدە يىزىشنى ئۈگنىۋالدى .
ۋىچىركىلاردا ئولتۇردىغانسىز دقىيانۇس . ئىلى دەرياسى بويدىكى ئارامگاھلاردا ئۆزىنى مىللەتنىڭ سەركىللىرى يۇلتۇزلىرى دەپ ئاتىلۋالغان ئەدىپلەر ئولتۇرشىنى كۆرگەنسىز دەقىيانۇس ....ئۈرۈمچىىنىڭ ھەر قايسى چاي ئۆتكۈزۈش سورۇنللىردىچۇ دەقىيانۇس مەنچە قاتنىشىپ باقتىڭزغۇ دەيمەن . بۇلار ئولتۇرغان،قاتناشقان سورۇندا بۇلارنىڭ قىلىۋاتقان پاراڭلارنىڭ ۋەزنى ،ئېسىللىقى ، پاھاھەتلىگى .....بىزلەرنىڭ قەلبىمىزنى تىتىرتىدۇ ....سورۇندىكى سانسىز مەنلەر ئالىقىش چاۋاك ياڭرىتىدۇ .
ماۋۇ ئىچكىردىمۇ ساماندا سەككىز مۇنداق سورۇن . ............بەك ئىلھاملىرى تۇتۇپ كەتسە ھۆكۇمەت ئىتىبارغا ئالمايدىغان شىنجاڭ ياشلىرى ژورناللىرىغا . تەرمىلەر ژورنىلىغا . نۇپۇس گېزىتىدە ئېلان قىلىپ بولدى قىلدى .سىز ئويلاپ بىقىڭ بۇ مەتبۇئات يۈزىنىڭ قانچىلىك ئۇنىمى بولماقچىدى .
بۇ يەردە گەپنى زىيادە ئوچۇق ئىچىپ يۈرمەي سىز بىر ئەقىل ئىگىسى دەقىيانۇس . سىز ئىنكاسىڭزىدا زىيالىلارغا بىر مۇچنە سۇئاللارنى قويۇپ زىيالىلارنى سوراقلاپ كىتىپسىز دىگەن سۆزىڭىزنىڭ ۋەزنى ماڭا تولىمۇ ئاچچىق بىلىندى . باشقىلارغا قانداقكىن دەقىيانۇس بۇرادەر . مۇنبەردە ھەر قانداق بىر ماقالىنىڭ سۈپىتىدىن ، پەش-چېكىتلىرىگە قارىغاندا شۇ ماقالىنىڭ ۋەزنىنى ،قۇرۇلمىسنى ،نەزەردە تۇتقان يۆلىنىشىگە بەكراق ئىتىبار بىرىمەن . كۆپ تىمىنى كۆرمەيمەن .كۆرگەن تىمىنى ۋە شۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆڭۇل قويۇپ ئوقۇپ چىقىمەن . بىز بۇ يەردە زىيالىلار چۈشەنچىسسىدە مۇنازىرە قىلۋاتمايمىز بەلىكى زىيالىلارنىڭ رولى ھەققىدە مۇنازىرە ئىلىپ بىرىۋاتىمىز ئەگەر بۇ بۇ مەسىلدىن ئۆزىمىزنى قاچۇردىكەنمىز ، زىيالى مەسىلىسدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايمىز دەقىيانۇس بۇرادەر!
ئۇلارنىڭ سۇپىتىنى ، يارشىملىق كىيىملىرىنى تېلىۋۇزۇرلاردا . ژورناللارنىڭ مۇقاۋىسىسا كۆرسەك بولىدۇ .
بەزى پاراڭلرىدا تىخى سۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا ئاللاھ دىگەن تاتلىق ئاتالغۇلارنى قىستۇرپ قويۇشنى ئۇنتۇشمايدۇ بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىنىقلا كۆپ سانلىق ئىتقاتچى ئامما بۇ كۆرنۇشنى كۆرسە ياكى ئاڭلىسا تەبىيئىلا شۇ زىيالىغا نىسپەتەن نىسپەتەن زىيادە ھۆرمىتى قوزغىلىدۇ . بۇلاردىن نەدە ئوقۇغان دىسىڭىز ئەنگىليە ،ئامېرىكا ، ياپۇنيەنىڭ.......گىپىنى قىلىپ چۈشىدۇ . قولىدن ئىش كەلمەيدۇ دارۋىڭى تولا . بۇلارنىڭ قولىدىن ئەدەبىي ژانىرلاردا ئوبروزچى نامى بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئەسسەرلىرى ئۈستىن ئوبروز يېزىپ ئۆزلىرىنىڭ ماھىر قەلەمكەش ، تەپەككۇرغا باي ئىسدىدات ئېگىسى ئىكەنلىگىنى كۆرسۇتۇش ۋە مىللى قەھرىمانلىرىمزدىن سېيىت نوچى ، تۆمۇر خەلىپە ، ئەخمەتجان قاسىم .............. قاتارلىق مىللەت قەھرىمانلىرىنىڭ ئۈستىن ئوچۇق سوت ئىچىشقا .بۇلارنى غاجاشقا ، ئۆتكۈزگەن تارىخى خاتالىقىنى چۇۋۇشقا كىلىدۇ .
ئۇلارغا بۇ قىلمىشڭلار بىر ئاز ياخشى بولماي قالدىمۇ قانداق دەپ سورلسا ، بۇلارنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئاممىباب ۋە تولىمۇ قايلى قىلارلىق..........دىگىنىڭز توغرا .بىراق بىز بۇلارنىڭ تارىخى خاتالىقلىرىنى قزىىپ چىقىرىشتىكى مەقسىتىمىز ئۇلارنىڭ خاتالىقىدىن ساۋاق ئىلىپ ئۆزىمىزگە تەجىربە توپلاشتىن ئىبارەت دەپ جاۋاپ بىرىدۇ .
بۇرۇن ئەللنىڭ كۆزى ئەللىك دەپ قوياتتۇق،ھازىر ئەلنىڭ كۆزىنى مۇشۇ بىر قىسىم زىيالىلار قان چىقارماي ،ئاغىرتماي قۇيۋاتىدۇ . ھازىر زىيالى بولماق .يۈز تاپماق تولىمۇ ئاسان بولۇپ كەتتى ، ئازىراق بىر نىمىنى بىلىۋىلىپ چېكىت-پەشلىرىنى ئازىراق قاملاشتۇرۇپ بىر تۇتام پۇل بىلەن نەشىرياتقا بەرسە ياكى بىر توپ ساددا ئاممىنىڭ ئارىسىدا غەرىپنىڭ تەرەقىياتى ھەققىدە ۋە ياكى شۇ رايۇنغا نىسپەتەن يىڭىلىق ھىساپلانغان بىرەر مەسىلە ئۈستتىدە ئازراقلا پاراڭ قىلىپ بەرسە بىردەمدە يۈزى چىقىدۇ .
زىيالىلار ئوبرۇز يازسۇن ،سۆزلىسۇن نىمە قىلسا قىلسۇن لىكن ئۆزىنىڭ شەرەپلىك بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئاساستا يازسۇن . سۆزلىسۇن ،بىراق قۇلاق يوپۇرۋىلىشنى كەسىپ قىلۋالمىسۇن .
قايسى بىر ۋاقىتتا مۇشۇ مۇنبەردە ئالىمجان ئاكا ساقىلىڭىزغا رەھمەت دەپ بىر يازما پەيدا بولدى . مانا مەنچە مۇشۇ يازمىنىڭ ئاپتۇرى . جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئىتقاتچى ئاممىنىڭ ئىتقات ئەركىلنىگى دەخلى-تەزۇرزغا ئۇچۇراۋاتقان كەسكىن بىر ۋاقىتتا . كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ كەڭ ئىتقاتچى ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن تور دۇنياسىدىكى ئوقۇرمەنلەرگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسىەتلىرىگە زىتلاشتۇرماي ئىپادىلەپ چىققان مىلللەت سۆيەر زىيالىلارنىڭ بىرسى دىيىشكە بولىدۇ .
ماۋۇ يىقىندا ئىسمى نىمە ئىدى مۇنبەرداشنىڭ ؟ مۇنبەردىكى ئىسمى بوز قىرمۇ شۇنداق ئىسىمدە قاپتۇ . ئۇ مۇنبەرداشنىڭ مۇشۇ مۇنبەرگە جەمىيەتشۇناس ئىسمى نىمە بولغىيدى بۇ خەنزۇ يولداشنىڭمۇ ئىسمى ئىىسمدە قالماپتۇ .شۇ خەنزۇ يولداشنىڭ بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىننى ئىتقات ئەركىنلىگىدە يەرلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ئىغىر بولغان چەكلەش سىياسىتىى ئاستىدا قالغان تۇرمۇشلىرىمىز ھەققىدە يازغان بىر ماقالىسنى تەرجىمە قىلىپ يوللىغان . سىز دەپ بىقىڭچۇ دەقىيانۇس بۇرادەر ؟ . ئۆزلىرىنى زىيالى دەپ ئويلايدىغانلارنى سىلەر مۇسۇلمان ئەمەس دەپ باقايلىچۇ قىنى ، ئاغزىدىن نىمە سۆزلەر چىقار ؟
بىراق شۇ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان شەكسىز مۇسۇلمان دەپ ئاتاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىرىمىز ئۆزىنىڭ دىننى ئىتقات ئەركىلىگى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچۇراۋاتقان مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە قولىغا دىننى ئىتقادى يوق شۇ خەنزۇ يولداشتەك قەلەم تەۋىرتەلىدىمۇ ؟
مەن ئويلايمەن ئەگەر مۇشۇ زىيالىغا ئوخشاش ئون ،يۈز ،مىڭ ،ئونمىڭ زىيالى ئۆز مىللىتىنىڭ بىشىغا كەلگەن كۆڭۇلسۈزلۇكلەر توغورسىدا پىكىر يىزىپ ئاپتۇنۇم رايۇنغا ۋە مەركىزى كومىتىقا بىر قىتىم ،ئون قىتىم ،يۈز قىتىم يوللاۋەرسە نەتىجىسى قانداق بولار ؟ مۇشۇلارنى مەركەز سىللەر جۇڭگۇدىن ئىبارەت بۇ كەڭ زىمىندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن يۇقۇرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئوتترۇرسىدا كۆۋرۇكلۇك رول ئويناپ . جۇڭخۇۋا مىللەتلىرىنىڭ تىنىچ ئىتىپاق بىللە تەرەقى قىلىش مۇساپىسىگە زور ھەسسە قوشۇپ ئىغىر خاتالىق سادىر قىلدىڭلار دەپ .قاتار تىزلىپ تۇرڭلار دەپ گۈم ! قىلىپ ئىتىۋىتەمدۇ ياكى قوللامدۇ ؟
بۇلاردىن نۇرغۇن سۇئاللارنى سورغۇم بار بىراق كىسىپ ئىيتىمەن بۇلارنىڭ بۇ سۇئاللارغا خەلىقنىڭ كۆزنى بويىغۇدەك تولىمۇ يىقىملىق تىل سەنئىتىدىن پايدىلىنىپ بىلەن ياخشى جاۋاپ بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۇپ كىتىشىگە ئىشەنچىم كامىل.
ئىنكاسنىڭ مەكىزى ئددىيسى چۇۋالچاق ۋە تولىمۇ يۈزەكى بولۇپ قالدى .لىكىن دەقىيانۇس بۇرادەر سىز بىر ئەقىل ئىگىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يۇقارقىلاردىن خىلى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنۋىلىشىڭىز مۈمكىن دەپ قارايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-1 11:31 AM