红叶子 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 05:39 PM
كۆزىتىشمچە زىيالىيلار توپىدىكى يازارمەنلىك كەسپى بىل ...
سىز دەۋاتقان قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان . يۇمشاقباش ر ھۇنەرۋەن كاسىپلارمۇ ؟
ئۇلار سزچە ھىچ ئىش قىلمىدىمۇ ؟ بۇ تۆۋەندىكى جۇملىلەرنى سىز يازغانسىز مۇنبەردىشىم ؟
ھازىرقى ۋەزىيەتنى زىيالىيلاردىن كۆرۈش تىكەننىڭ كىرگەن يېرىنى تاپالمىغانغا ئوخشاش بىر ئىش، بۇ مەنتىقە بويىچە پىكىر قىلساق ئوخشاش يېزا ۋەزىيتىنى زىيالىيلارغا قارىغاندا دېھقانلار بەكرەك چۈشىنىدۇ،يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دۆلەت قانۇنلىرىغا خىلاپ بىۋاستە زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانمۇ شۇلار شۇلارنى بىرلىشىپ قارشى تۇرۇپ مۇناسۋەتلىك ئورگانلارنىڭ يەرلىكىتىكى چېكىدىن ئاشقان قىلىقىلىرىغا دىققىنتى ئاغدۇرۇشقا كۈچىمىدى ......
سىز ماۋۇ روىئال تۇرمۇشتا بارمۇ يوقمۇ ؟ بۇلار سىز-بىزلەرگە قانچىلىك قىلىپ بەرسە بولاتتى .
شۇلار قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىسىمى بىلەن ھۆكۇمەت تەڭشىگەن ئىتىبار سىياسەت قانۇنلاردىن سىللەر بەھرىمان بولۇۋاتىسىلەر . پايدىسنىمۇ سىللەر كۆرەۋاتسىلەر. ئۇلارچۇ ؟ سىز شۇ رايۇنلاردا ياشاپ باققانمۇ ؟ شۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ باققانمۇ ؟
كۆزۇڭىزنى قىتتىق ئىچكەن مۈشۇكتەك يۇمۇۋىلىپ . ئىشچى-دىھقانلار ،ھۇنەرۋەن كاسىپلارنى بىرلىكتە . قولمۇ-قول ..... بىر باشتىن يەڭ چىقىرىپ دەپ تەھلىل قىلىپ كىتىپسىز . بۇلار زىيالىلاردەك بىلىمى زىيالىلاردەك تەشكىلىنشچان روھى بولدىغان بولسا ،مىللەتنىڭ يۈكسەك ئىشلىرى زىيالىلارغا ئاشمايىتتى . لىكىن شۇ سىز ، تەرتىپسىز يۇمشاقباش دەۋاتقان تۆۋەن تەبىقىدىكى سانسىزلىغان شۇلار ،دۇنيانىڭ ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ رەڭگارەڭ سىياسەتلىرىنى چۈشەنمىسمۇ چۈشەنمىسمۇ لىكىن بىر نۇقتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ . بۇ بولسىمۇ زىيالىلارنىڭ رولىنى .
شۇڭلاشقا نەگە قارىماڭ نەگە بارماڭ زىيالىلارنى چوڭ بىلىدۇ . نىمە بىلىملىك كۆپنى كۆرگەن، كىيىنىكى ھايات نىشانىمىزغا مەشئەل بولالايدۇ دەپ بارلىق ئارزۇلارنى شۇلارغا ۋاستىلىق باغلايدۇ . قارسىام ئالى مەكتەپتە خىلى ئوقۇۋەتكەن مۇنبەرداش قىلسىز ؟ لىكن پىكىر قىلىشڭىز تولىمۇ چولتا ئىكەنسىز . ئىنكاسلىرىڭزغا دىققەت قىلسام دەرەخ سايىسىدىن پايدىلنىپ يولۋاس ئۈركتىىش تاكتىتكىسىنى ياخشى بلىدىكەنسىز . زىيالىلارغا ئاقلىغۇچى ئادۇكات تەرەپتارلىرى بولۇش سۈپىتڭىىز بىلەن زىيالىلار توپىغا تەۋە گۈلەن ئەپەندىنى ئىنكاسڭىزغا سورەپ ئەكىرىش ئارقىلىق كۆز-قاراشلىرڭىزنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىڭزنى ھەر بىر ئوقۇرمەن تونۇپ يىتەلەيدۇ .
مەن باشتىلا ئىيتىپ ئۆتكەن . تىمىغا مىنىڭ پىكىرىم يوق .. قايسى يازغۇچى بىلەن قايسى ئوبروزچى ئۇرشۇپ قالدى .قايسى زىيالى بىلەن قايسى زىيالى زۇكۇنلىشىپ قالدى بۇ مەن قىزىقىدىغان مەسىلە ئەمەس ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئادەۋەتلىشىپ قالغان يىرىدە سىز-بىز يوق . بولساقمۇ سىز-بىز ئارتۇقچە . مەسىلىنى قانداق ھەل قىلشنى ئۇلار ئەڭ ياخشى بىلىدۇ .
مىنىڭ دەۋاتقىنىم زىيالىلارنىڭ رولى ھەققىدە بولۋاتىدۇ دەپ .
گۈلەن ئەپەندىنى بەلىكم سىزدىن بىز بەكراق چۈشىنىمىز . بىز بۇ يەردە گۈلەن ئەپەندىمدىن رەنجىگەن ياكى ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىش-ھەركەتلىرىنىڭ دىتىتىمىزغا ياقمىغان يىرى يوق . ھەممۇ گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ئۈستىن بىزنىڭ ئۇنداق-مۇنداق رەنجىش سالاھىيتمىزمۇ ھەم يوق .
گۈلەن ئەپەندىم ، ئىلھام توختى ئەپەندىم .ئۇيغۇر زادى .زۇلپىقار بارات ئۆز باش ..........قاتارلىق زىيالىلار بوۋاق بالا ئەمەس سىز-بىزنىڭ سۇلىياۋ ئىمىزەككە دىققىتىنى بۇرايدىغان. ئۇلار قەدەمنى قانداق ئىلىشنى ياخشى بىلىدۇ .
.......ئاۋال ئۆزىمزىدىن سوراپ باقايلى .بىز قانچىلىك قىلدۇق دەپ كىتپىسىز ؟ قانچىلىق قىلغانلىقىمىزنى .يەنە قانچىلىك قىلماقچى بولغانلىقىنى ئۆزىمىز ياخشى بىلىمىز . ھەممە ئادەمنىڭ گۆشىنى بىر قازاندا قورىيمەن دەپ بىر ئىنكاسىڭىز ئارقىلىق ئىديىڭزدىن ئۆتمىگەن كۆز-قاراشلارنى قۇمنىڭ ئاستىغا كۆمىۋىتىمەن دىيشىڭىز تولىمۇ بىمەنە ئۇسۇللارنىڭ بىرسى .
ھەر كىم مىللەتنى سۆيمەن دەيدىكەن ،مىللەتنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق كەلگۇدەك كۆتۇررۇشكە تىگىشلىك يۈكىنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك . ئەگەر ئۆزلىرىنى بۇ ئىشىتىن مۇستەسنا ھىساپلايدىكەن ، مىللەت ھەققىدە ئارتۇقچە سۆز ئىچىش سالاھىيتى بولمايدۇ .
مەن باشقا ئىشنى بىلىمىسەممۇ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلارنىڭ مۇنبەردە ھەممىدىن بەكراق كاناي چالىدىغانلىقىنى بىلىىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 11:24 AM