360安全卫士 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 03:24 PM
بۇ بىز مۇنبەردە تالاش تارتىش قىلىدىغان مۇنازىرە تىمىس ...
بۇ ئۇنداق مۇرەككەپ تېما ئەمەس.تېمىنى ئۇبدان ئۇقۇپ بېقىڭا.تەبىئى پەندىكى كۆندە ئاڭلاپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق قانداق بولغىنى،ھازىر «قارا ئۆڭكۆر»،«غەيرى نۇقتا»دىسە ئاڭلىمىغان ئادەم يوق دىيەرلىك.ناخشا-ئۇسۇل مىللىتىلا بولۇپ كەتمەي،ئىلىم-پەنگىمۇ يۆرۆش قىلايلى دەيدىغان چاقىرىقلارنىمۇ مۇشۇ تورلاردا كۇردۇق.مىنىڭچە بۇنداق تېمىلارنىڭ زىيىنى ۋە خەۋىپ-خەتىرى يوق.كىشىلەردىن تەپەككۆر قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان تېمىلاردىن قاچماسلىق كىرەك.
سىز نەيزە بىلەن قالقان ھەققىدىكى ھىكايىنى ئاڭلىغان بولغىيتىڭىز.ساتارمەن نەيزىسىنى كۆرسۆتۆپ «بۇ نەيزە ھەرقانداق قالقاننى تىشىۋىتىدۇ»دەپ ۋاقىرايدىكەن.قالقىنىنى كۆرسۆتۆپ «بۇ قالقاننى ھەر قانداق نەيزە تىشەلمەيدۇ»دەپ ۋاقىرايدىكەن.ئىتىڭا ساتارمەننىڭ قالقىنى ئىسىلمۇ نەيزىسىمۇ؟،ياكى ساتارمەن يالغانچىمۇ؟.بۇ تېمىدا ئەنە شۇنداق مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.«غەيرى نۇقتا»،«قارا ئۆڭكۆر»لەرنىڭ تارتىش كۆچى شۇنچە چوڭكەن ئۇنداقتا ئالەم قانداقىسىگە «پارتىلاپ»كىڭەيگەن؟......قانداق،ئاددى بىر سۇئالمىكەن؟....
ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپلىرىمىزدە،بالىلىرىمىزغا مۇشۇنداق زىدىيەتلىك نەرسىلەر دەرىس قىلىپ ئۆتۆلمەيدۇ دىيەلەمسىز؟.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-2 03:47 PM