Suchi يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 04:56 PM
ئۇيغۇرلار ھازىرقى موڭغۇل دالاسىدا خاندانلىق قۇرۇشتىن ...
مېنىڭ بىلىشىمدىكى ئەھۋال تۆۋەندىكىدەك:
ئۇيغۇرلارنىڭ تېيېلارنىڭ شىمالدىكى بىر قەبىلىسى بولۇپ باشتا «تۈركلەر»گە بويسۇنۇپ ئۇنىڭ بىر قەبىلىسگە ئايلانغان ،كېيىن تۈرك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.
«تۈركلەر» ئەڭ دەسلەپتە پەقەت ئاشىنا قەبىلىسنىلا كۆرسىتىدۇ،ئۇندىن باشقا «تۈركى تىل»دا سۆزلىشىدىغانلار تيېلېلارغا تەۋە،كېيىن ئاشىنا قەبىلىسى ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى(تۈرك خانلىقمۇ دېيىلدۇ) قۇرغان.
قاڭقىل(ئېگىز ھارۋىلىق)لار دېگىنى سىيانپىلارنىڭ تيېلېلارنى باشقىچە ئاتىشى بولۇپ بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئېگىز چاقلىق ھارۋا ئىشلىتىشى سەۋەب بولغان.
ئەمەلىيەتتە دىڭلىڭ(丁零) ،قاڭقىل(高车)،تيېلې(铁勒)دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتنىڭ نامى بولۇپ،ھۇنلار ئۇلارنى دىڭلىڭ،سىيانپىلار قاڭقىل دەپ ئاتىغان.ئۇيغۇرلار (回鹘)بولسا تېيېلارنىڭ شىمالدىكى بىر قەبىلىسى بولۇپ كېيىن ئاشىنا قەبىلىسى قۇرغان كۆكتۈرۈك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 05:28 PM