albax يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 05:22 PM
مۇشۇ تارىخ توغرۇلۇق تۇتۇق نوقتىلار بەك كۆپ . مەسىلەن : ...
«تۈرك» دېگەن سۆزنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى مەنىسى ئوخشاشمايدۇ،تۈرك دېگەن سۆز قەدىمدە «تۈركى تىللىق» قەبىلە ئاشىنا قەبىلىسى قۇرغان كۆكتۈرك خانلىقىنىلا كۆرسەتسە كېينچە مۇشۇ خانلىق تەۋەسىدە ياشىغان بارلىق «تۈركى تىللىق» قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامى بولغان. كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى ئوخشاشلا « تۈركى تىللىق » ئىلگىرى ئۆزىگە تەۋە بولغان «ئۇيغۇرلار» تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان،‹‹ئۇيغۇرلار›› كۆكتۈرۈك خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ئۇيغۇر خانلىقنى قۇرغان،بۇ چاغدا«ئۇيغۇر» دېگەن سۆزمۇ ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە ياشايدىغان «تۈركى تىىلىق›› قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامى بولغان. كېيىن ئۇيغۇر خانلىقىمۇ ئوخشاشلا «تۈركى تىل›› دا سۆزلەيدىغان،ئىلگىرى ئۆزىگە تەۋە بولغان قىرغىزلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى «تۈرك»،«ئۇيغۇر»دېگەن سۆزلەر دەسلەپتە مەلۇم بىر قەبىلىنىڭ نامى بولغان بولسا كېيىن مۇشۇ قەبىلىلەر زوريىپ دۆلەت قۇرغاندا بولسا مۇشۇ دۆلەت تەۋەسىدە ياشايدىغان قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ نامى بولغان.
موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ،«موڭغۇل» مۇ ئەسلى ئىككى «تونغۇز تىللىق» قەبىلە نىلۇن ۋە دىلجىننىڭ بىرلەشمە نامى بولۇپ ،كېيىن تۆمۈرچىننىڭ يولباشچىلىقىدا كۈچىيىپ ئەتراپتىكى مەركىت،تاتار،ئونغۇت،تايچۇد،نايمان قاتارلىق «تۈركى تىللىق» قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنى قۇرغاندىن كېيىن مۇشۇ قەبىلىلەرنىڭ ئورتاق نامىغا ئايلانغان.
ئەمدى « تۈرك» دېگەن سۆزنىڭ ھازىرقى مەنىسگە كەلسەك ،ھازىر «تۈرك» دېگەن سۆز كۆپ ھاللاردا تۈركىيە تۈركلىرنى كۆرسىتىدۇ،«تۈركى»دېگەن سۆز بولسا بارلىق «تۈركى تىللىق» مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
قىرغىزلار ئۇيغۇر خانلىقىنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن بىر مەزگىل مۇستەقىل ياشىغان،لېكىن ئەتراپىدىكى قەبلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ بىرەر خانلىق قۇرمىغان ،دۆلەت قۇرماي تۇرۇپ مۇستەقىل ياشايدىغان ئىشلار قەدىمدە بولۇپ تۇرىدۇ. كېيىن 924-يىلغا كەلگەندە قىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان.
ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن غەربكە قاراپ كۆچكەن دېيىش توغرا بولمىغان قاراش،شۇڭا مەنمۇ مەزكۇر تېمىدا «كۆچۈش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمەي « يۆتكىلىش» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن.
ئۇ خىل قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە قارىتا مېنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئاساسلىرىم بار:
1.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرنىڭ بىرسى بولغان دىڭلىڭلار (بۇ ھۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلانىڭ ئەجدادىنى ئاتىشى) نىڭ بىر تارمىقى بولغان غەربى دىڭلىڭلار مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 220-يىللىرىدىن باشلاپ ھازىرقى ئالتاي،تارباغتايلاردا ياشىغان.
مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "تۈركى تىللىق" ئەجدادلىرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى شىمالى شىنجاڭ رايونىدا ياشىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.
2.مىلادىيە 487-يىلى ئافۇجىلو(阿伏至罗) قاڭقىللار(بۇ سىيانپىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنى ئاتىشى)غا باشلامچىلىق قىلىپ جۇرجانلاردىن قۇتۇلۇپ قوس(قوچۇ،بۈگۈنكى تۇرپان)دا قاڭقىل خانلىقنى (487-541)قۇرغان، بۇ خانلىق قوچو(بۈگۈنكى تۇرپان)،ئۇرۇمتاي(بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)، كۈسەن(بۈگۈنكى كۇچا)،ئاگنى( قاراشەھەر)،پىشامشان(بۈگۈنكى چارقىلىق) قاتارلىق جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ، كېيىن ئۇدۇنغا يۈرۈش قىلغان.قاڭقىل خانلىقنىڭ تەسىر كۈچى شەرقتە سېلىنگا،ئورقۇن،تۇرا دەريا بويلىرىغا،شىمالدا ئالتاي تېغىغا،غەربتە ئۇيسۇنلارغا يەتكەن، شەرقى -شىمالدا سىيانپىلار قۇرغان شىمالى ۋېي سۇلالىسى بىلەن چېگرىلەنگەن.بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ"تۈركى تللىق" ئەجدادلىرى بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىدا قۇرغان تۇنجى خانلىق ھېسابلىندۇ،ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ "ھىندى_ياۋرو تىللىق" ئەجدادلىرىمۇ ناھايىتى قەدىمقى دەۋرلەردە تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردا نۇرغۇن شەھەر دۆلەتلىرنى قۇرغان.
مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "تۈركى تىللىق" ۋە " ھىندى-ياۋرو تىللىق"ئەجدادلىرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنكى شەرقى ۋە شىمالى شىنجاڭ رايونى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ رايونىلىردا ھاكىميەت قۇرۇپ ياشاپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
3.ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى(744-840) دەۋردە بۈگۈنكى شىنجاڭ رايونىنىڭ شەرقى ۋە شىمالى قىسمى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقنىڭ تەسەرۇپىدا بولغان.ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى قۇدرەت تاپقان مەزگىلدە زېمىنى شەرقتە سىرىۋغا ،غەربتە ئسسىق كۆلىنىڭ بويىدىكى توقماققا ،جەنۇبتا چۆللۈككە،شىمالدا يېنېسەي ۋادىسىدىكى بۈگۈنكى تۇۋا جۇمھۇريىتىگە تۇتاشقان.
مانا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل شەرقى ۋە شىمالى شىنجاڭ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.
4.ئاستانىنى ئورقۇن بويىدىكى قارابالغاسۇندىن قوچوغا يۆتكىگەندىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى قوچو ئۇيغۇر خانلىقى(848-1360) دەۋردە ئىۋرغول(بۈگۈنكى قۇمۇل)،قوچو(بۈگۈنكى تۇرپان)،ئۇرۇمتاي(بۈگۈنكى ئۈرۈمچى)،جانبالىق(بۈگۈنكى سانجى)،بېشىبالىق(بۈگۈنكى جىمىسار)،ئاگنى(بۈگۈنكى قارا شەھەر)،كۇسەن(بۈگۈنكى كۇچا)،قۇم(بۈگۈنكى ئاقسۇ) قاتارلىق جايلار قوچو ئۇيغۇر خانلىقنىڭ تەسەرۇپىدا بولغان ھەم ئۇدۇن (بۈگۈنكى خوتەن) خانلىقى ۋە كاشىغەردىكى (قاراخانىلار) بىلەن بىرلىكتە ئۈچ خانلىق بىرلىكتە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.بۇنى بىز ھازىرچە دىيارمىز تارىخىنىڭ "ئۈچ خانلىق دەۋرى" دەپ تۇرايلى.
مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ قوچو ئۇيغۇر خانلىقى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا تارقالغان ۋە ئۇ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
5.غەربكە يۆتكەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى پامىردىن ھالقىپ ئۆتۈپ شۇ يەردىكى قارلۇق،ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ قاراخانىلار خانلىقى(870-1212)نى قۇرغان،بۇ خانلىق شەرقتىن غەربكە خوتەندىن-بۇخاراغىچە،جەنۇبتىن-شىمالغا ئامۇ دەرياسىدىن بالقاش كۆلىگىچە بولغان كەڭ زېمىنلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن بۇ جايلاردا ھاكىميەت قۇرۇپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
4.ئۇندىن باشقا مەزكۇر رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قىسمى يۆتكلىپ كېلىشتىن بۇرۇن تەڭرىتاغ ئەتراپىلىردا يەنە قارلۇق، ياغما قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا يېقىن« تۈركى تىللىق›› قەبىلىلەر ياشىغان.
5.بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار تارىم ئەتراپىلىردىكى ساك،سوغدى،توخار قاتارلىق قەدىمقى ھىندى-ياۋرو تىللىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلغان،گەرچە ئۇلارنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئەنئەنە،تۇرمۇش ئۇسۇلى،سەنئەت،دىن،يېزىق قاتارلىق مەدەنيەتلىرىگە ۋارسلىق قىلغان.مانا بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ "ھىندى-ياۋرو تىللىق" ئەجدادلىرنىڭ يىراق قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ مەزكۇر رايوندا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى.
شۇڭا ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن كۆچۈپ كەلگەن قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمايلا قالماستىن ئۇنىڭغا يەنە كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان سىياسى غەرەز يوشۇرۇنغان.
ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن خانلىقنىڭ مەركىزى قارابالغاسۇن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار خان جەمەت ئەزالىرى ئۆگۈتېكىن،پانتېكىن قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە خانلىققا تەۋە بولغا قوچو رايونى (بۈگۈنكى تۇرپان) غا يۆتكەلگەن ھەم ئۇ يەردە ئۇيغۇر خانلىقنى قايتا قۇرۇپ چىققان،بۇ خانلىق كېيىن تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن قوچو ئۇيغۇر خانلىقى دەپ ئاتالغان. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشا بولدۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورقۇن بويىدا قۇرغان خانلىقى قىرغىزلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەندىن كېيىن يەنە ئۆزىگە ئەسلىدە تەۋە بولغان زېمن قوچودا بۇ خانلىقنى داۋاملاشتۇرغان.ئۇيغۇرلارنى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئاندىن غەربكە شىنجاڭغا كۆچكەن دېگەن كىشلەرگە شۇنى دېگىم كېلىدۇ، مەلۇم بىر خانلىق ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىندا خانلىقنىڭ ئاستانىسىنى بىر يەردىن بىر يەرگە يۆتكەپ قويغانغا ھەرگىز كۆچكەن ،كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ قالىدىغان ئىش!
موڭغۇل،ئۇيغۇر،تۈرك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئوخشاشلىقلارغا كەلسەك بۇ تىللار دەل ئۆز-ئارا يېقىن تۇققان تىللار بولغاچقا ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى دەيدىغان بىر ئورتاق سىستېمىغا تەۋە قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-3 09:54 PM