مۇشۇ تېمىنى كۆرۈۋاتقان تورداشلار ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىپ ئىنكاس يازغايسىلەر! سەئىدىيە خانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ، سەۋەبى بىرلا يەنى ئاتا تەرەپ مۇڭغۇل، ئانا تەرەپ ئۇيغۇر، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەزى مۇڭغۇللارمۇ تەدىرجى ئۇيغۇرلۇشىپ كەتكىنى ئېنىق، ئەگەر سەئىدىيە ۋە قاراخانىلار خانلىقىنى ئۇيغۇلارنىڭ ئەمەس دېسەڭلار، مېنڭ بىرلار سۇئالىم، ھازىر ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتى ئەۋلاتلىرى ساپ ئۇيغۇرمۇ ئەمەسمۇ؟
بىر مىللەت بىلەن يەنە بىر مىللەتنىڭ ئۆزئارا ئاسمىلاتىسيە بولۇپ كېتىشى ئۈچۈن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ بىر ئەسىردىن ئۈچ ئەسىرگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، يېزىقنى ئۆزگەرتىش ھەم ئىسلاھات قىلىش ئۈچۈن كەم دېگەن 20يىل ئۇزۇن دېگەندە50يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنى بىلىسىلەرغۈ دەيمەن؟
ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار، ‹‹
شاھنىشاھ ئەكبەر ۋە مەلىكە جودھا›› دېگەن تېمىنى ئوبدان ئوقۇڭلار!
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلغۇچە خېلى كۆپ دىنغا ئىتقاد قىلغان، بۇ سىلەرگىمۇ ئايان، ئەينى تارىخى ۋاقىتتا چىڭگىزخانمۇ تۇرپان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدا بولۇشقا، ئەمسە بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ESIRDIN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-7 11:17 AM