قىزىمنى ئايرىم ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپمۇ بولدۇم ، قۇلۇمدىكى تېلفۇنغا توختۇماي تېلفۇن قىلىۋاتىمەن ،ئەمما ئادىل تېلفۇننى ئاچىدىغاندەك ئەمەس . ئىدارىگە تېلفۇن قىلدىم ، ئىدارىدىكىلەر ئۇنى روخسەت سوراپ چىقىپ كەتكەنچە تېخى كەلمىدى دەپ جاۋاپ بەردى . ئاخىرى بولماي ئويگە تېلفۇن قىلىپ ،ئەركىيەنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم .
مانا قىزىم دوختۇرخانىدا ياتقىنىغا ئىككى كۈن ،ئادىلنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە ساق بەش كۈن بۇلۇپتۇ . ئەمما ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق ئىدى ، ئۆيدىكىلەرگە ئۇنى يېزىغا خىزمەت تەكشۈرگىلى كەتتى دەپلا قويدۇم . ئەزەلدىن چوڭلارغا ئۆيدە بولغان ئىشلارنى دەپ ئادەتلەنمىگەچكە ،بۇدامۇ ئۇلارنى ئەنسىرتىشكە ، پاراكەندە قېلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى . بىرە دوستۇغا تېلفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشنى بۇرۇنلا ئويلىغان بولساممۇ ،ئادىلنىڭ بۇنداق قىلمىشتىن تولىمۇ بىزار بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇ نىيىتىمدىنمۇ يانغان ئىدىم . لېكىن ھازىر ئەھۋال باشقىچە ، ئۇنى ئىزدىمەي بولمايتتى . شۇڭا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن بىر ئاغىنىسىگە تېلفۇن قىلدىم ؛
ــ ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
ــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بىر ھازا سالام -سائەتتىن كېيىن تېلفۇن قىلىشتىكى مەقسىدىمنى ئۇچۇقلا دېدىم ؛
ــ ئادىل نەچچە كۈن بولدى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ كىرمىگىلى ، سىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭىز بارمىدۇ ؟
ــ نېمە ،ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ؟
ــ ھەئە ، مۇشۇ تاپتا بالىغا قىزىل چىقىپ دوختۇرخانىدا ، ئادىلدىن ھېچبىر خەۋەر يوق .
ــ ۋاي نېمە دەيدىغانسىز ، تېخى تۈنۈگۈن ئۇ بىزنىڭكىگە كىلىپ كەتكەن ، ئۇ ئۇنداق گەپلەرنىمۇ قىلمىغان ئېدى .
ــ نىمە تۈنۈگۈن دەمسىز ؟
ــ ھەئە
ــ ئۇنىڭدا بىرە ئۆزگىرىشلەرنى بايقىمىدىڭىزما ؟
ــ ئۆزگىرىش دەمسىز ؟ دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن ، ئەمما بۇ گەپنى قىلسىڭىز ئەمدى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ ، ئۇ بىر خىل پەرىشان كۆرەنگەندەك قىلغان . مەن تېخى چارچاپ قالغان چېغى دەپلا ئۇنچە پىسەنت قىلماپتىمەن ئەمەسمۇ ! زادى نېمە ئىش بولغان ئىدى ؟
ــ نېمە ئىشلىكىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم ، يېقىندىن بۇيان مۇشۇنداق بۇلىۋالدى . ئادىلنىڭ مېجەزىنى بىلىسىز ، ئۆيدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا دىيىشنى بەك تاڭ كۆرىدۇ ، شۇڭا مەنمۇ بۇ ئىشلارنى مۇشۇ كۈنگىچە ھېچكىمگە دېمىگەن . بۈگۈن ئامالسىزلىقتىن سىزگە داۋاتىمەن ، تۈنۈگۈن قىزىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدىم .
ئوپكۈم ئۆرۈلۈپ ئاۋازىم تىترەپ كەتتى . ئادىلنىڭ دوستى بۇنى ھېس قىلدى بولغاي ؛
ــ مەن تېخى بۇ ئىشلاردىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز ئىكەنمەن ، ئەمما سىزگە ۋەقە قىلاي ،ئۇنى بۈگۈن نەدىن بولمىسۇن تېپىپ ،ئالدىڭىزغا باشلاپ بارىمەن . كوڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ ، سىز باشقا ئىشلارنى ئويلىماي ،بالىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ ،ـــ دېدى .
تېلفۇننى قۇيۇۋەتكەندىن كېيىن بىر ئاز يىنىكلەپ قالدىم ، چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇلۇختۇرمىلىق ئىچىدە يۈرىكىم سىقىلىپ ،خۇددى ھاۋادىكى ئوكسېگىننىڭ ھەممىسىنى باشقىلار سۈمۈرۈپ كېتىپ ،ماڭا قالمىغاچقا نەپىسىم يېتىشمەيۋاتقاندەك ، ئىچىم سېسىق بۇس بىلەن تۇلۇپ كەتكەندەك ھېس قىلاتتىم . مانا بۈگۈن ئىچىمدىكىنى ئازراق بولسىمۇ باشقىلارغا دەپ بوشىتۋالغىنىمدىن ئۆزەمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم .
دوختۇرلارنىڭ تۈرلۈك تەكشۈرەش ،داۋالاشلىرى بىلەن بۈگۈنمۇ كەچ بولدى ، تەلىيىمگە قىزىمنىڭ ئەھۋالىمۇ كەچكىچە خېلى ياخشىلنىپ ،‹ ئەركىيە قىزىم › دەپ چاقىرسام كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىغىدەك بولدى ، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزۈم ئىختىيارسىز ئىشىككە قارايتتى . ئادىلنىڭ كېلەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ ،كوڭلۈم يەنىلا ئەنسىزچىلىك ئىچىدە قالغان ئىدى .
سائەت سەككىزلەر بولغان چاغ . دوختۇرخانا ئىچى خېلى جىمىپ قالغان بۇلۇپ ، قىزىم ئەركىيەمۇ ئۇخلاپ قالغان ئىدى ، ئىشىككە قاراپ تالغان كۆزلىرىم جىن چىراقتەك پىلدىرلاپ ،يۈرىكىم قانداقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئەنسىز سوقاتتى .
توساتتىن ئىشىك ئېچىلىپ ئادىل ئالدىراپ كىرىپ كەلدى ؛
ــ ئەركىيە ،جېنىم قىزىم ،ـــ دېگىنىچە ئەركىيەنىڭ يۈزلىرىنى يۈزلىرىگە ياقتى ، يۈزىگە تەككەن سۇغاقتىن سەسكىنىپ چۆچۈپ ئۇيغانغان ئەركىيە يىغلاشقا باشلىدى .
ــ جېنىم قىزىم مېنى كەچۈرگىن ، سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن !
ئادىلنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى ، مەن بۇ مەنزىرلەرگە قاراپ گاڭگىراپلا قالدىم . ئەسلىدە ئادىلنى بۇنداق قىلمايدۇ ، بالىنىڭ يېنىغا كەلگەن تەغدىردىمۇ ، بۇرۇنقىدەك سۇغۇق بىر قاراپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىدۇ دەپ ئويلۇغان ئىدىم ، ئەمما كۆز ئالدىمدىكى ئادىلنىڭ بالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرغان ھالىتىدىن ، دەز كەتكەن يۈرىكىمگە قايتىدىن بىر خىل ئىسسىق سېزىم پەيدا بۇلىشقا باشلىدى .قەلبىمدە كۈندىن -كۈنگە ئۇلغايغان نازارىلىق تۇيغۇلىرى قاياقلارغىدۇ تارقاپ ، باياتىدىن ئەنسىز سوقىۋاتقان يۈرىكىم ھاياجاندىن يىغلاۋاتاتتى .
ــ ماھىرە ،ــ دېدى ئادىل قىزىمنىڭ يىغىسى پەسلىگەندىن كېيىن بىر خىل پەرىشان ھالەتتە ؛
ــ سىزگە ئۆز ۋاقتىدا ۋەدە بېرىپ ، ھالىڭىزدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن دېگەن ئېدىم . ئەمما سىزنى جاپاغا قويدۇم . ئانا -بالا ئىككىڭلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن .
ــ بۇنداق دېمەڭ ئادىل ،بىز دېگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى
ــ بىر ئائىلە كىشىلىرى ...........
ئادىلنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ چىرايى خېلىلا ياداپ قالغان بۇلۇپ ، ئىلگىركى تېتىكلىك ،جەسۈرلىق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى تېرەنلەپ ، كەلپۇكلىرى يېرىلىپ ، چىرايىدىن بىر خىل پەرىشانلىق ، ھارغىنلىق چىقىپ تۇراتتى .
ـــ ئادىل قېنى دەڭە ، سىزگە زادى نېمە بولدى ؟ نەچچە كۈندىن بۇيان نەلەردە يۈردىڭىز ؟
ـــ ماھىرە مەندىن سەۋەبىنى سورىماڭ . بىز ئاجىرشىپ كېتەيلى .
ـــ نېمە ؟؟
ئادىلنىڭ بۇ سۆزىدىن تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدىم . يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ ياققىسىغا ئېسىلىپ كاچىتىغا بىر تەستەك سالغۇم كەلدى . لېكىن ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپ بۇنداق ھازازۇللۇق قىلىشنى خالىمىدىم . ئۆزەمنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن ؛
ـــ ئادىل ئۆزىڭىزنى بىر ئەركەك ، بىر دادا دەپ ھېساپلىسىڭىز ، جېنىڭىز چىقىپ كەتسىمۇ سەۋەبىنى دەڭ ، سىزنىڭ تاش يۈرەك ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىمەن . شۇنداقلا قىزىمىزنى ھەم مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى يۈرىكىم سىزىپ تۇرۇپتۇ .
ـــ ياق ،سىز خاتالىشۋاتىسىز ، مېنىڭ يۈرۈكىم سىزدىن ئاللىقاچان سوۋۇپ بولدى ، ھازىر مەن پەقەت دادىلىق مەسئۇليىتىم ئۈچۈنلا ،سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن داۋاتىمەن .
ئادىلنىڭ باش -ئاخىرى ماسلاشمىغان تاققا -تۇققا گېپىدىن ، قانداقتۇر بىر سەۋەپ بىلەن قەستەن شۇنداق داۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ بولدۇم .
ـــ نېمە ئۈچۈن ؟ سەۋەبىنى دىمەي ئاجىرشىمەن دەپ خام خىيال قىلماڭ .
ـــ ماھىرە ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا بۇ گەپلەرنى دېمەسلىكىم كېرەك ئىدى . سىزمۇ چارچاپ كەتتىڭىز ، بالدۇرراق ئارام ئېلىڭ . بۇ گەپلەرنى كېيىن دىيىشەرمىز .
ـــ ياق ئادىل ، ئېغىز ئاچقان ئىكەنسىز ، دىيىشىڭىز كېرەك ، مۇشۇنداق يۈرگىنىڭىزگىمۇ خېلى ئۇزۇن بۇلۇپ قالدى ، ئىدىيىسىدە بىرە توقۇنۇش بولسا ، كاللىسىدىن ئۆتكەندە ئۆزى چىرايلىقچە دەر دەپ كۆزىڭىزنىڭ ئىچىگە كىرىۋالمىدىم .سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىڭىزگە ، توساتتىن ئۆزگەرگەن ئەسكى مىجەزلىرىڭىزگە سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزدۈم ،چۈنكى ھازازۇللۇق قىلىش مېنىڭ قۇلۇمدىن كەلمەيدىكەن . ئەجىبا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كۈتۈشلىرىمنىڭ جاۋابى ‹ئاجىرشايلى › ما ؟ سەۋەبىنى دەپ بېرىڭ ، مېنىڭ ئەمدى ساقلاپ ئولتۇرغۇچىلىقىم قالمىدى .
ـــ بولدى قىلىڭ ماھىرە . بۇ دېگەن دوختۇرخانا ، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ .
ـــ سىز مەن بىلەن مۈكۈشمەك ئويناۋاتامسىز ؟ ئاجىرشايلى دېسىڭىز مەن يەنە ئۆزەمنى تۇتىۋالامدىم ؟!
ـــ قارىغاندا دېمىسەم بولدى قىلمىغىدەكسىز ، مەن باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .
ــ يالغان !
ـــ راست ماھىرە ، شۇڭا سىزگە ئەمدى مۇھەببىتىم قالمىدى . ئاجىرشىش توغرۇلۇق ئوبدان ئويلۇشۇپ قۇيۇڭ . بالىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ ، ئۆزىڭىزنى كوپرەك ئاسراڭ . مېنى كەچۈرۈڭمۇ دېمەيمەن ، خوش مېنىڭ قىلىدىغان ئىشىم بار ئىدى .
ئادىل شۇنداق دېگىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى . مەن ئادىلنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشتىن ، ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ بولدۇم ، ھەم ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ چىقمىدىم .
قىزىمنى بۈگۈن دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ ئۆيگىمۇ قايتىپ كەلدىم . ئەمما مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئادىل ئىككىنچىلەپ ياتاققا ئاياق باسمىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلمىدىم ، كۆڭلۈمگە ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىگى ئايان ئىدى . گەرچە ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق سۆزلەپ بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۋاتقانلىقى توغرۇلۇق كاللامدا نۇرغۇن تۇقۇنۇش بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ توقۇنىشلارنىڭ تۈگۈنىنى يەنىلا ئادىل يېشەلەيتتى . شۇڭا ئامال بار ئۆزەمنى قالايمىقان خىيالدىن نېرى تۇتۇش ئۈچۈن ، بارلىق ئىس يادىمنى قىزىمغىلا قاراتتىم .
ئۆيگە كىلىپ ئۆي ئىچىدىكى مەنزىرىگە قاراپلا ئادىلنىڭ ئۆيگە كىرمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم . ئوينىڭ ئىچى قىزىمنى دوختۇخانىغا ئېلىپ ماڭغان چاغدىكى قالايمىقانچىلىق ھالەتتە ئېدى .
- ئەجىبا ئادىلنىڭ دېگەنلىرى راستمىدۇ ؟ - دېگەن خىيال كاللامدا پەيدا بۇلۇپ ، مېنى ھاردۇرۇپلا قويدى .مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئىنىم مەكتەپكە بېرىپ -كىلىپ يۈرۈپ ، يۈگۈر -يىتىم ئىشلىرىمغا خېلى ئەسقاتتى . ناۋادا ئۆيدىكىلەرنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا ، ئۆزەم يالغۇز خېلى قىينىلاتتىمكەن . ئۆيدىكىلەر بولسا ئادىلنى تېخىچە خىزمەت بىلەن سىرتتا دەپلا ئويلايتتى .
ئويدىكى مەنزىرلەرگە قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن ،قىزىمنى ياتقۇزۇپ قۇيۇپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۋاتاتتىم ، تېلفۇنىم سايراپ كەتتى ، چوقۇم ئادىل دەپ پەرەز قىلىپ يۈگۈرۈپ تېلفۇننى ئالدىم ؛
- ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
-ھە مەن ، ئەركىيەنىڭ ئەھۋالى قانداقراق ؟
دەرۋەقە ئادىل ئىدى .
- ياخشى ، ھازىر ئۆيدە ،بۈگۈن دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتۇق . بىزمۇ ئېسىڭىزدە باركەنمىز -ھە ؟
ئۆزەمنى ھەرقانچە تۇتىۋالاي دېسەممۇ تۇتىۋالالمايۋاتاتتىم . ئەرلەرنىڭ ‹خوتۇن كىشى دېگەن كوت -كوت كىلىدۇ › دىگەنلىرى راسمۇ ئەتىمالىم خۇددى بومبا پارتلىغاندەكلا ئاغزى -ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتىم ؛
- ئادىل سىز دوختۇرخانىدا دېگەن سۆزلىرىڭىزگە قەتئى ئىشەنمىگەن ئىدىم . سىزنى ئۇنداق ئادەم دەپ ئويلۇمىدىم . ھەتتا مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدىمۇ ،يوقلىغىڭىزنى چاندۇرماي ، ئۆز - ئۆزەمنى بەزلەپ ، يەنە سىزدىن ئەنسىرەپ ئۆتكۈزدۈم .ئەمما بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ،سىزنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە كۈندە ئۆيگە ئاياقمۇ باسمىغىنىڭىزنى كۆرۈپ ، ئۆزەمنى ئەخمەق چاغلاپ قېلىۋاتىمەن . دەڭە قېنى نەلەردە نېمە قىلىپ يۈرۈۋاتىسىز ؟ ئەجىبا راسلا تۈلكە جىندىن بىرنى تېپىۋالدىڭىزما ؟؟
- ماھىرە ئاستىراق سۆزلەڭ ، بالا قورقۇپ ،خوشنىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن .
- ئۇھۇۇ ، بۈگۈن دورىنى خاتا يەپ قالمىغانسىز ؟ ئىلگىرى نىمىشقا سىز مۇشۇلارنى ئويلىمىغان ؟؟
- بولدى قىلىڭ ، تېلفۇندا دىيىش ئەپسىز ، مەن كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە بارىمەن . شۇ چاغدا دىيىشەيلى .
ئادىل شۇنداق دەپلا تېلىفۇننى قۇيۇۋەتتى . ئۇنىڭ بۇ قىلىقى تېخىمۇ يارامغا تۇز سەپكەندەك جۈدۈنىم ئۆرلەپ ، قۇلۇمدىكى تېلفۇننى يەرگە زەردە بىلەن ئاتتىم. كونىلارنىڭ كۈندەشلىك بەك يامان دېگىنى توغرا ئىكەن ،بۇنداق چاغدا ئادەمنىڭ كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ دەپ قىزىمنىڭ قورقۇپ كېتىشلىرىنى ئويلۇمىغان ئىدىم . ئۆزەمگىمۇ ئوخشۇماي قالغىنىمنى پەقەت قىزىمنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھېس قىلدىم ھەم قىلغانلىرىمغا پۇشايمان قىلدىم .
ئادىلنىڭ ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقتىمۇ بولدى ، ئۇ كەلگىچە ئۇ ئامراق لەغمەننى ئېتىپ ساقلاپ تۇردۇم ، بايامقى ئال كۈچۈكلىرىم قايسى تاققا چىقىپ كەتتىكىن ،ئىشقىلىپ ئادىلغا بولغان سېغىنىشىم ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىمدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى . يەنىلا يۈرىكىم ئادىلنى ئاقلاۋاتاتتى . پەقەت بۈگۈن ئادىل كەلسىلا بۇ كۆڭۈلسىز كۈنلەر ئاياقلىشىپ ،بەختلىك كۈنلىرىمىز قايتىدىن باشلىنىدىغاندەك بىرئىسسىق تۇيغۇ مېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان ئىدى .
ئادىلنىڭ بىنادىن چىقىۋاتقان ئاياق تېۋىشى ئاڭلاندى ، ئىككى يىلدىن بۇيان بۇ ئاياق تېۋىشى يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن بۇلۇپ ، بىرىنچى قەۋەتتىن تۆتىنچى قەۋەتكە چىققىچە بولغان ئاياق تىۋىشىدىن ئادىلنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ھېس قىلالايتتىم . شۇڭا ئۇنىڭ ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىنى ساقلاپ تۇرمايلا ئىشىكنى ئاچتىم ،ئاچتىميۇ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . ئالدىمدا تۇرغان ئادىلنىڭ ساقال -بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بۇلۇپ خۇددى كۆزۈمگە نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك بىلىندى .
ــ ھە نېمە بولدىڭىز ماھىرە ؟ ئەتتىگەنكى ئەلپازىڭىزدىن ئىشىكتىن كىرسەملا ئۇرۇپ كىتەرمىكىن دېگەن ئىدىم ، روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ئالدىمدا تۇرماي ، مېنى كىرگىلى قۇيۇڭ
- ھە ،ياق ،ھېچنىمە . كىرىۋەرمەمسىز ،ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىغۇ بۇ
- ئەركىيە ئۇخلاپ قالدىما ؟
- ياق ، ھازىر ئۇيغۇنىپ تۇرغانتى ، بۆشىكتىن يېشىۋالاي دەپ تۇرسام ، كەلگەندەك قىلدىڭىز شۇڭا ئىشىكنى ئېچىشىم .
ئادىل بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئىچكىركى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ؛
- ئۇماق قىزىم ، ئاپاڭ سېنى بۆشۈككە تېڭىپ قىيناپ قۇيۇپتۇ -ھە ، كېلە سېنى يېشىۋالاي !
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم ، ئالدىمدا تۇرغان تەرسا ، قوپال ، تاش يۈرەك ئادىلنىڭ ئەسلىدە بىر تولىمۇ كۈيۈمچان دادا ئىكەنلىكىگە قاراپ ،‹ سەن ئەسلىدىنلا شۇنداق ئادىل ئېدىڭ ، نىمىشقا مۇشۇ كۈنلەردە شۇنداق بۇلۇپ قالغانسەن ؟› دەپ ئىچىمدە پىچىرلىدىم .
بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بۇلۇپ تاماق يېسە ، غورا بولسىمۇ ھالۋا تېتىيدۇ دەپ تاماقنى ھەر ھالدا ئوبدان يىيىشتۇق ،ئادىلنىڭ يەنە بىر نىمە دەپ تاماقتىن قۇسۇر تېپىپ قاچىنى يەرگە ئېتىشىدىن ئەنسىرەشلىرىم ئورۇنسىز بۇلۇپ چىقتى . بۇدا ئادىل باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى . گەرچە ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى جايىدا بولمىسىمۇ ،ئەمما داستىخان ئۈستىدە ئارتۇق گەپ سۆز قىلىشمىدۇق ،پەقەت بىر -بىرىمىزگە سۇئال نەزىرىدە قاراپ قۇيۇشاتتۇق. ئۇنىڭ ياداپ كەتكەن تۇرقىغا قاراپ ، دوختۇرخانىدىكى ھەم ئەتتىگەنكى يولسىزلىقىمغا قاتتىق ئۈكۈندىم .لېكىن ئاللىقانداق بىر ئەنسىزلىك يۈرىكىمنى چىرماشقا باشلىدى .
تاماقمۇ يىيىلىپ ، داستىخانمۇ يىغىلدى . پەقەت شۇ چاغدىلا ئادىل ئېغىز ئاچتى ؛
- ماھىرە ، مەن سىزگە دېگەن ئاجىرشىش ئىشىنى ئويلاشتىڭىزمۇ ؟
ئادىلنىڭ بۇ گېپىدىن ئەندىكىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . قۇچىقىمدا ئەركىيە ئۇخلاپ قالغان ئىدى .
-توۋۋا ئادىل !
- توۋا دەپ ھەيران قالماڭ ماھىرە ، مەن قەتئى نىيەتكە كەلدىم ، بىز چىرايلىقچە سۆزلىشەيلى
ئادىل شۇنداق دېگىنىچە كېلىپ قۇلۇمدىن بالىنى ئېلىپ ، ئىچكىركى ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قۇيۇپ چىقتى . مەن تۇرغان جايىمدا قاققان قوزۇقتەك تۇراتتىم ،ئۆزەمچە ئادىلنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىدىن ئەمدى ئۇ گەپنى ئېغىزىغا ئالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم .
- كىلىڭە ئولتۇرۇڭ ماھىرە ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ .
- سەۋەبى مەندىن كوڭلىڭىز سۇۋۇپ كەتتى ، ئەمما باشقا بىرسىنى تېپىۋالمىدىڭىز شۇنداقمۇ ؟
- ياق ماھىرە ، مەن راسلا باشقا بىرسى بىلەن سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلدىم .
- ناۋادا مەن مەيلى دىسەمچۇ ئۇ ئىشلىرىڭىزغا ، يەنىلا مەندىن ئاجىرشامسىز ؟
- شۇنداق
- يالغان ئادىل ، ئىشەنمەيمەن ، مەن دوختۇرخانىدا شۇنداق دىگەنتىڭىزمۇ ئىشەنمىگەن ، ھازىرمۇ ،بۇندىن كېيىنمۇ ئىشەنمەيمەن ، پەقەت ئەتتىگەن بىردەمچىلىك كاللامدا شۇنداقمىدۇ دېگەن ئوي كەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن يەنىلا ئىشەنمىگەن ، مۇشۇ ئەپتىڭىز ، مۇشۇ بۈگۈنكى قىلىقلىرىڭىز بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . سىز باشقا بىرسىنى تېپىۋالمىدىڭىز ، پەقەت سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۋاتىسىز .دەڭە بۇنىڭ سەۋەبى نېمە ؟
- مەن بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .
- ۋاي مۇبارەك بولغاي ، قارىغاندا ئۇ ئايال سىزنى رەت قىلغان بولسا ،ئۇنىڭ ئىشقىدا سەۋدايى بۇلۇپ ،چۆل -جەزىرلەردە يۈرگەچكە مۇشۇنداق ساقال -بۇرۇتلىرىڭىزمۇ ئۆسۈپ گېلىڭىزدىن تاماقمۇ ئۆتمەي قېرىپلا كېتىپسىز-دە ؟!
ھەي بولدى قىلىڭە ئادىل ،تولا مېنى چالماي . بۇ گېپىڭىزگە كىم ئىشىنىدۇ . قارىڭە ئەپتىڭىزگە !
- راست داۋاتىمەن ماھىرە ، قانداق قىلسام ئىشىنىسىز ؟
- ئەمىسە مېنى ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىڭ ، مېنىڭ شۇنداق كېلىشكەن ئېرىمنى مۇشۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئاشۇ تۈلكە جىندىن ئۆچىڭىزنى ئېلىپ بېرەي .ئاندىن ئۇ جىنغا ماۋۇ ئېرىمنى بۇندىن كېيىن بۇنداق كوچىغا چىقارماڭ ، ئەر كېشى دېگەن سۆلىتى بىلەن ئەر بۇلىدۇ . كىيىم -كېچەكلىرىنى دەزماللاپ ، ساقال -بۇرۇتلىرىنى پاكىز قىرىپ ، ئايىقىنى مايلاپ ئاندىن كوچىغا چىقسۇن دەپ دەرس ئۆتۈپ ،نىكاھىڭلارنى ئوقۇتۇپ قۇياي !
ئاچچىق تەنە گەپلىرىمدىن سەۋىر قاچىسى چېقىلغان ئادىل ؛
- بولدى قىلىڭ ماھىرە ، بۇنداق ئايال ئەمەستىڭىز ، ھەجەپ كوت -كوت بۇلۇپ كېتىپسىز ، سىز بىلەن چىرايلىقچە پاراڭلاشقىلى بولمامدۇ زادى ؟
- سىزمۇ بۇنداق ئادىل ئەمەستىڭىز ، قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى ئالدىسىڭىز مەن يەنە گومۇشتەك ئالدىڭىزدا قاراپ تۇرامتىم ؟ ئىشقىلىپ مەن ئىشەنمەيمەن !
- ئەمىسە سىزگە ئىسپاتلاپ بېرەي
- ماقۇل ،ئاشۇ خوتۇننى ئالدىمغا ھازىرلا باشلاپ ئەكىرەلىسىڭىز ئاندىن مەن ئىشىنىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-11 06:10 PM