يولدا كەلگۈچە مۇشۇنىڭدەك خىياللار ئىلكىدە ئادىلغا پات -پات قاراپ قوياتتىم . توساتتىن ئادىل مەندىن ؛
_ ماھىرە ، شۇنىڭغا ھەيرانمەن ، سىز نېمىشقا ئايگۈلنى ئۇنداق كېسەل ئەمەس دەپ جەزىملەشتۈرگەن ئىدىڭىز ؟ مەنمۇ ئۆزەمنى خېلى سەزگۈر دەپ چاغلايدىغان ئەمما بۇ ئىشقا كەلگەندە بەك قەيمۇقۇپ كەتتىممۇ ، ھەجەپ سىز ئويلۇغاندەك ئويلۇمىغان ئىكەنمەن . دەرۋەقە ئەھۋال سىز ئويلۇغاندەكلا چىقتى دېسە . يا خۇدايىمنىڭ بىزنى بەختسىز قىلغۇسى يوق ئوخشۇمامدۇ ؟
_ ھا ھا ھا ، ئادىل ئەمدى كېسىلىم يوقكەن دەپ خوشاللىقىڭىزدا نېمە دىيىشنى بىلمەي ،مۇشۇ گەپنى داۋاتامسىز ؟ بۇرۇنراقلا ماھىرەگە بۇ ئىشلارنى دېگەن بولسىڭىز ھەر ئىككىڭلار بۇنچىلىك ئەلەم تارتىپ ئۆزەڭلارنى بىھۇدە ئازاپلاپ يۈرمەيتتىڭلار ،كىشىلەر ئائىلىنى بىر چىنىغا ئوخشۇتىدىكەن ، ناۋادا ئۇ چېنە سۇنۇپلا كەتسە ، ھەر قانچە قىلسىمۇ دەز قالىدۇ ، ئەسلىگە كەلمەيدۇ دەيدىكەن ، سىلەرنى خۇدايىم بىر ساقلىدى ،ماھىرەنىڭ قەتئى پوزىتسىيىسى بۇ تىرادىگىيەنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ساقلاپ قالدى ئادىل . شۇڭا ماھىرە بەك ئېسىل جۇما ،- دېدى گۈلزارمۇ چاقچاق ئارىلاش .
_ ئېسىللىگىنى بىلگەچكە تاللاپ تۇرۇپ ئېلىۋالغان مەنمۇ !
_ ھا ھا ھا ،پو دېگەننى غۇلجىلىقتىن قالماي توننىلاپ ئاتىمىز دەڭ .
_ ھە بوپتۇ گۈلزار ، ئادىلنىڭ پو ئېتىشىغا يول قۇيايلى ، ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلىمىغىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولغان ، مۇشۇنداق كۈنگە ئېرىشكىنىمدىن بۈگۈن ئۆزەمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن .
_ توغرا ئادىشىم ، ھايات يولى سىناقلارغا تولغان دەپ ، ئاللا ئېگەم ئىككىڭلارنى سىناپ باققاندەكلا بىر ئىش بولدى بۇ . لېكىن بۇ ئىش ئارقىلىق ، بىر -بىرىگە سادىق يۈرەكنىڭ ئاسانلىقچە باشقىلار قۇلىدا مىجىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ، ھەم ھەر قانداق مەسىلىگە سۇغاققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئىككىڭلار ماڭا ھېس قىلدۇردۇڭلار . بۇرۇندىن سىلەرگە مەسلىكىم كېلىدىغان . ئەمدى تېخىمۇ مەسلىكىم كېلىۋاتىدۇ . ئاراڭلاردىكى مۇھەببەت ئادەتتىكى مۇھەببەت ئەمەسكەن . مەنمۇ ئەمدى بەزى ھاكاۋۇرلۇقلىرىمنى تاشلاپ ، مۇھەببىتىمنى بەكرەك قەدىرلىسەم بولغۇدەك .
- توغرا گۈلزار ، سىلەر ئاياللار ئەزەلدىن مېھرىبان ، قەلبى گۈزەل پەرىشتىلەر ئىدىڭلار . مۇشۇنداق بەزىبىر باشلىقلىرىمىز ، ئاداشقان ئەركەكلىرىمىز سىلەرنىڭ ئاشۇ نامىڭلارغا داغ تەككۈزمەكتە . مەن بىر كىتاپتىن ‹ناۋادا بىر ئەر بىر قىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتسا ، ئۇ قىز ئون ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدۇ › دەپ كۆرگەن ئىدىم ، جەمىيەتتىكى مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ ككپىيىپ بېرىشىدا بىز ئەرلەرنىڭ باش تاترىپ بولمايدىغان مەسئۇليىتىمزى بار . ماھىرە مېنىڭ قەلبىمدە ئەخلاق ۋە باشقا جەھەتلەردە تۇلۇق يېتىشكەن پەرىشتە . ئۇنىڭ ھۇجودىدىن ئاياللارغا خاس گۈزەللىكنى ، ئانىلارغا خاش مېھرىبانلىقنى ، گۈدەكلەرگە خاس تاتلىقلىقنى ھېس قىلىۋالغىلى بۇلىدۇ .
- ۋاي مەن ئۇچۇپ كەتمەي ئەمدى ، گۈلزار قېنى تېزراق تۇتىۋېلىڭە !
- ھا ھا ھا ھا
ھەمىمىز قانتتىق كۈلۈشۈپ ئۇخلاپ قالغان قىزىمنىمۇ ئۇيغىتىۋەتتۇق .
ئادىلنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمىگەن بولساممۇ ، ئەمما ئۈچ ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىش كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى .
بۇندىن ئۈچ يىل ئىلگىرى توڭ قىشتا ئاپام كېچىدە توساتتىن قاتتىق ئاغرىپ ئۆزىنى ئىككى يانغا ئاتاتتى . شەبنە كۈنى بولغاچ مەنمۇ مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەن ئىدىم . دادام يۇرتقا كەتكەن بۇلۇپ ،ئۆيدە ئاپام بىلەن ئىككىمىزلا قالغان ئىدۇق . دەرھال 120مىگە تېلفۇن قىلىپ ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپاردىم . دوختۇرلار ئاپامنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى ، بىر چاغدا بىر سېستىرا كېلىپ رەسمىيەت ئۆتەڭ دېگەندىلا ، يېنىمدا ئۇنچىلىك پۇلنىڭ يوقلىغىنى ئېسىمگە ئالدىم ، ئالدىراشچىلىقتا ئويدىن پۇل ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ چىققان ئىكەنمەن . ئامال يوق ئۆيگە بېرىپ كېلىشكە توغرا كەلدى . تاكسى بىلەن ئۆيگە بېرىپ ، تاكسى شوپىرىغا ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتىم ، ئويدىن چىققىچە شوپۇرمۇ ساقلاپ تۇرۇپتۇ . مەن يەنە دوختۇرخانىغا مېڭىشنى ئېيتقان ئىدىم ،ماشىن بىر دەم مېڭىپلا يۈلۈنىشىنى ئۆزگەرتىپ مېنى باشقا بىر ياققا ئېلىپ ماڭغىلى تۇردى . مەن ماشىننى توختات دەپ توۋلىساممۇ شوپۇر ھېچ بىر قۇلاق سالىدىغاندەك ئەمەس ماشىنىنى تېخىمۇتېز ھەيدەپ ماڭدى . مەن ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى پەملەپ ، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆزەمنى سىرتقا ئاتاي دەپ ئويلاپ ئىشىكنى ئاچسام ،ئېچىلمىدى . شوپۇر ئوتتۇز نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى ئادەم بۇلۇپ ، ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلمىگىنىدىن ئۇنىڭ خۇيزۇ ياكى خەنزۇ ئىكەنلىگىنىمۇ بىلەلمىدىم . بىر چاغدا ئۇ مېنى بىر دەرەخلىكنىڭ ئارىسىغا ئاپىرىپ توختىدى . ماشىنا توختىشى بىلەن ماشىندىن چۈشۈپ قاچاي دەپ ئويلۇدۇم ، ئەمما ماشىندىن چۈشۈشىمگە قاياقتىن پەيدا بولدىكىن ئىككى ئادەم پەيدا بۇلۇپ ئالدىمنى توسىدى . مەن قوققىنىمدىن غال -غال تىتىرەيتتىم .
ئەتراپ قاراڭغۇ بولغاچ ، ئۇ ئادەملەرنىڭ چىرايىنى ئىنىقمۇ كۆرەلمىدىم ، پەقەت ئۇلارنىڭ قىلىشقان پاراڭلىرىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدىم .
- قاچاي دەپ خام خىيال قىلما ، يېنىڭدىكى پۇل -پىچەكنىڭ ھەممىسىنى چىقار !،- دېدى سېمىزرەك بىرسى .
- ھە ماقۇل ئاكا ، ھەممىنى سىلەرگە بېرەي ، ئەمما تېزراق دوختۇرخانىگە بارمىسام بولمايدۇ . ئاپام ئۇ ...
- ئاپاڭ ئۆلۈپ قالمايدۇ ، ئالدىرمىساڭمۇ بۇلىدۇ ، ئالدى بىلەن بىزلەرنى رازى قىلىپ بۇلۇپ ئاندىن بارساڭمۇ ئۆلگۈرىسەن . ھا ھا ھا ...
ئۈچەيلەن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى . قوققىنىمدىن ئەمدى ئاگزىمغا گەپمۇ كەلمەي قالغان ئىدى . سۇمكامدىن پۇلنى چىقىرىپ ئۇلارغا سۇندۇم ، بايامقى سېمىزنىڭ يېنىدا تۇرغان پاكار ئادەم كېلىپ قۇلۇمدىن پۇلنى يۇلۇپلا ئالدى .
- بۈگۈنكى ئولجا يامان ئەمەسكەن بۇرادەر ، كاللاڭ خېلى ئىشلەيدۇ سېنىڭ ، بۇندىن كېيىن كوپرەك ھەمكارلىشايلى .
-بۇلىدۇ ئاغىنە ، سەنمۇ دىيىشكىنىمىزنى ئۇنتۇپ قالما ، - دېدى شوپۇر راۋان بولمىغان ئۇيغۇر تىلىدا .
- بۇ ئولجىمىز ھەقىقەتەن ياخشى ئولجا ، پېچىتى بۇزۇلمىغاندەك تۇرىدۇ تېخى ،دېيىشكىنىمىز بويىچە ئالدى بىلەن مەندىن ئايلانسۇنمۇ ھى ھى ھى ...
- ئايلانسۇن بۇرادەر ئايلانسۇن ، دىققەت قىلغىن ئەمىسە ،ئالدىنقى قېتىمقىدەك پەشۋا يەپ كەتمىگىن ھا ھا ھا
ئۇلار شۇنداق دېگىنىچە سەت چىقىرىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، خۇددى ‹مۇشۇككە ئۇيۇن ، چاشقانغا قېيىن › بولغاندەك ، ماڭا يىقىنلاپ كىلىۋاتقان ۋەھىمىلىك رىياللىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيتتىم .
- ۋاھ خېلى كىلىشكەن تۇمۇچۇق ئىكەن بۇ ، - دېدى بايامقى سېمىز ئادەم چاقمىقىنى ياندۇرۇپ ،يۇزۇمگە يېقىن ئەكىلىپ تۇرۇپ . ئۇنىڭ ئاغزىدىن پۇراپ تۇرغان قاڭسىق ھاراقتىن سەسكەنگىنىمدىن ئارقامغا ئىككى قەدەم داجىپ كەتتىم . كەينىمدىن بىر قاتتىق قول كېلىپ ،بېلىمدىنلا قۇچاقلىۋالدى . قورقۇنىمدىن چىقىراپ كەتتىم ، بۇ چاغدا ھېلىقى سېمىز ئادەم يوغان قوللىرى بىلەن ئاغزىمنى ئېتىۋالدى . مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۇلقۇنۇپ ، پۇتۇم بىلەن ئالدىمدىكى سېمىزنى تېپىپ يىقىتۋەتتىم . جان -جەھلىم بىلەن كۈچىگەچكىمۇ ياكى ئېگىز پاشىنلىق ئايىقىمنىڭ كۈچىمۇ ھېلىقى سېمىز ئادەم كەينىچىلەپلاچۈشكەن ئىدى .
ئەمما كەينىمدىن قۇچاقلىۋالغان قولدىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزەمنى بوشىتالمىدىم .
-خەپ جۇۋاينىمەك ،ئۆزەڭ جەينەكتەك بولغىنىڭ بىلەن كۈچۈك خېلى باركەن سېنىڭ ، ئەمدى سېنى قانداق قىلىمەنكىن كۆرۈپ قوي !،- دېگىنىچە ئورنۇدىن تۇرغان سېمىز ئادەم كېلىپلا چېچىمدىن قاماللىدى . ۋە شوپۇرغا ؛
-بولە ماۋۇنىڭ پۇتىنى باغلا ، سەنمۇ قويۇۋەتمەي چىڭ تۇت ، بۇنىڭغا قارشىلىقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قۇيايلى ،-دېگىنىچە قوسۇقۇمغا بىرنى تەپتى .
- ئاكا ، سىلەردىن ئۈتۈنەي ، ئۇنداق قىلماڭلار ، مېنى كەتكىلى قۇيۇڭلار .سىلەرنىڭمۇ ئاناڭلار ، سىڭلىڭلار باردۇ ئاكا ،
-ئاغزىڭنى يۇم جۇۋاينىمەك . ئالدىرساڭ گېپىمىزنى ئاڭلاپ جىم يات ، ئىشلار تۈگۈگەندە كېتىسەن بۇيەردىن ، ئۇنداق ئاسان كېتىمەنمىكىن دەپ ئويلاپ قالما قانچۇق ! ،-دېدى سەت ئاۋازدا خىقىراپ . مەن بار ئاۋازىمدا‹ قۇتقۇزۇڭلار› دەپ ۋاقىردىم ،ئەمما ئاۋازىم قاراڭغۇ دەرەخلىق ئىچىگە سىڭىپ كەتتى . ئۈچەيلەن مېنى ئامبۇردەك قىسىپ ، قول –پۇتلىرىمنى باغلىدى ، ھەم سۆرەپ دىگىدەك دەرەخلىكنىڭ ئىچىگە ئېلىپ ماڭدى . ئۇلارغا يېلىنىشلىرىم ، كۆزلىرىمدىن يېپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئېقىۋاتقان ياشلار ئۇ تاش يۈرەك كىشىلەرنى توسۇپ قالالمىدى . ئاخىرى بىر خىلۋەت جايغا كىلىپ توختاشتى .
- بۇرادەر ، دىيىشكىنىمىز بويىچە بۇ قانچۇق ساڭا مەنسۇپ بولدى . بىز سېنى ماشىننىڭ يېنىدا ساقلايمىز ، تېزراق بۇلاسەن ، ئۇ ۋاقىرسا ۋاقىراۋەرسۇن ، بۇ يەرگە ھېچ كىم كەلمەيدۇ .-دېدى پاكار كىشى .
قوققىنىمدىن جۇلىقىم چىقىپ كەتتى ، ئۇلار ئىككىسى شوپۇرغا شۇنداق دېگىنىچە كېتىپ قېلىشتى .
شوپۇر سەت پۇشۇلداپ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى ، شۇ چاغدا كاللامغا بىر ئەقىل كەلدى ؛
- ماڭا چېقىلغۇچى بولما ، مەن ماشىناڭنىڭ نۇمۇرىنى كۆرۈۋالدىم ، ئەتىلا ئۆزەڭنى تۈرمىدە كۆرىسەن ئەبلەخ ،
- ئۇ دېگەن مېنىڭ ئاغىنەمنىڭ ماشىنىسى ، ھەتتا ئاغىنەممۇ بۈگۈن مېنىڭ بۇ ماشىنىنى ھەيدىگىنىمدىن خەۋەرسىز ، تولا مېنى قوقىتىمەن دېماي ، يۇۋاشراق بولغىن . بولمىسا جېنىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن . –دەپ قوينىدىن بىر پىچاقنى چىقاردى .
-ھۇ دېتى يوق ئەبلەخ . يامان بولساڭ مېنى ئۆلتۈرۋەتكىن .مەنمۇ بۇ جاندىن جاق تۇيغان ، باشقىلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بار ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بەلكىم سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن .بۈگۈن ماڭا ياردەم قىلىپ ، قېنى مېنى بۇ ئازاپتىن قۇتقۇزغىن .قېنى بولمامسەن !!
يىغا ئارىلاش كەسكىن ئېيتقان بۇ سۆزلىرىم ،باياتىنقى ياۋۇزلىقى چىقىپ تۇرغان شوپۇرنى بويسۇندۇردى . ئۇ قولىدىكى پىچاقنى يىغىشتۇرۇپ ؛
-سەن راسلا ئەيدىزما ؟
-ئىشەنمىسەڭ سىناپ باققىن ، مانا مەن ئالدىڭدا ياتمامدىم ، سىناشقا پېتىنالىساڭ مەن جىم تۇرۇپ بېرىمەن ، باياتىن شۇنچە قارشىلىق كۆرسۈتۈشىمنىڭ سەۋەبى ، باشقىلارنىڭ بۇ خورلۇققا قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى ، لېكىن سىلەر بۇ جازاغا لايىق ئىكەنسىلەر . بولسا ئاۋۇ دوستلىرىڭنىمۇ چاقىرغىن !
-ۋۇي بۇزۇق ، چىرايىڭغا قارىسا خام يىگۈدەك بولغىنىڭ بىلەن ئىچىڭ سېسىق بىرنىمە ئىكەنسەن ئەسلىدە ، تۈفى !،-شوپۇر شۇنداق دېگىنىچە كەينىگىمۇ قارىماي كېتىپ قالدى .
توساتتىن كەلگەن بۇ ئەقلىم بەدىلىگە ئىپپەت نۇمۇسىمنى ساقلاپ قالغىنىم ئۈچۈن خوشال بولدۇم ، گەرچە ئاپام كىچىكىمدىن ‹ئادەم دېگەن راسچىل ، سەمىمى بۇلىشى كېرەك › دەپ تەربىيە قىلغان بولسىمۇ ، بۈگۈنكى ئېيتقان يالغان سۆزىم ئارقىلىق قىممەتلىك نەرسەمنى قوغداپ قالغىنىمدىن ،ئاپامغىمۇ يۈز كېلەلەيمەن دەپ ئويلۇدۇم .
مۇشۇ خىياللار بىلەن ئۆيگە كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماپتىمەن .
- ماھىرە ، نېمە بولدۇڭ ، خىيالغا چۈكۈپلا كەتتىڭغۇ ، مۇشۇ دەقىقىلەردە ،خوشال بولساڭ بۇلۇدۇ ئاداش.
-مەن خوشال ئاداش ، بىر ئېغىز يالغان سۆز بەختلىك ئائىلەمنىڭ بېشىغا چىققىلى تاسلا قالدى ، بەخت ناخشىسىنى ئۈنلۈك توۋلاۋاتقان ، دەرت –ئەلەمدىن مۇستەسنا تىنىچسىز قەلب دۇنيايىمنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ ، روھىم تېنىمدىن سوغىرىلىپ ، ئۇلۇغ قۇياشتىن پاناھلىق تىلەپ ،چەكسىز ساماغا ئۇچۇپ كەتكىلى ئازلا قالغان ئىدىم . يۈرىكىمدىكى كۈندىن –كۈنگە چوڭىيىۋاتقان دەز ،مېنى ئارامىمدا قويمايتتى ،لېكىن، قەلبىم ئاسمىنىمدا گويا ئاقار يۇلتۇزدەك قىسقىلا چاقناپ ئۆچكەن قۇياشىمنىڭ مۇشۇنداقلا تۇمان ئىچىدە قاپسىلىپ قېلىشىغا يۈرىكىم يەنىلا يول قويمايتتى.مانا ئەمدى كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىشكە ئازلا قالغان رىياللىقتىن قۇتۇلدۇق . بۇنى مەن ھەم ئادىلنىڭ ئەمەس ،بەلكى قىزىمىز ئەركىيەنىڭ بەخت –سائادىتى دەپ قارايمەن . ھەر كۈنى چۈشكۈنلەشكەن چېغىمدا قىزىمنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى ماڭا ئۈمۈت ئاتا قىلاتتى . ناۋادا قىزىم بولمىغان بولسا ، بۇ كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈشنىمۇ بىلمەي ، بەلكىم ئۈمۈرلۈك پۇشايمانغا قالغان بۇلاتتىم ئاداش . شۇڭا قىزىمغا رەھمەت ،- دەپ قىزىمنىڭ مەڭزىگە سۈيۈپ قويدۇم .
ئادىلمۇ بۇ سۆزلىرىمدىن خىجىللىق ھېس قىلدى بولغاي ؛
- ماھىرە ، ئالدى بىلەن سىزدىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن ، ئاندىن قىزىم بىلەن ئىككىڭلارغا كۆپتىن –كۆپ رەھمەت . ناۋادا سىز قەتئى تۇرۇۋالمىغان بولسىڭىز ،مەن ئاخىرقى ئۈمرۈمنى پۇشايمان ، ئازاپ ئىچىدە ئاياغلاشتۇراكەنمەن . بايام كېلىۋېتىپ ئويلاندىم ، مېنىڭ مۇھەببىتىم يەنىلا ئانا –بالا ئىككىڭلارنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان مۇھەببىتىڭلارنىڭ قۇلىغا سۇ قۇيۇپ بەرمەيدىكەن . سىلەرنى بىر مەزگىل بەك ئازاپلىدىم . بۇندىن كېيىن ئۆز مەسئۇليىتىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ ماھىرە .قەلبىڭىزدە پەيدا بولغان دەزنى ،ئىللىق مۇھەببىتىم بىلەن مەلھەم ياساپ ساقايتىشقا تېرىشىمەن جېنىم .
-ھاي –ھاي ،مېنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ، قاراپ تۇرسام جېنىم دەپ كەتكىنىنى!
-ھا ھا ھا
ئۈچىمىز تەڭلا كۈلۈشتۈق ، قۇچۇقۇمدىكى قىزىم ئەركىيەمۇ ، خۇددى گېپىمىزنى چۈشەنگەندەك ،بىزگە قاراپ تاتلىققىنە گۇڭراپ كەتتى .
تۈگىدى
- بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-12 11:39 AM