بىر يەردە تۇرىۋاتقانلارغا تېلفۇن ئەرزانچىلىق بولغاندىن كېيىن بۇنى ئىشلىتىش ئانچە زۆرۈر ئەمەس مېنىڭچە ، لېكىن بالىلىرى ئىچكىرىدە ياكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بۇ ياخشى نەرسە ، تېلفۇندىلا ئاياقتىن رەسىم تارتىپ ماياقتىن يوللاپ بېرىمەن ، نەدىن بولسام شۇ يەردىن جاۋاب قايتۇرالايمەن ، خەلقئارا تېلفۇن قىلىش ئۈچۈن تېلفۇن بوتكىسى ياكى كارتا ئىزدەپ ئاۋارە بولمايمەن ، تۇققانلار ئارا گۇرۇپپا بولىۋېلىپ ھەرخىل قىززىق گەپلەرنى قىلىمىز ، ھەتتا ئەتكەن تاماقلىرىمىزدىن تارتىپ سۈرەتكە تارتىپ چىقىرىمىز .
شۇڭا بۇ خېلى بولىدىغان نەرسە .
ئۆزۈمنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ قويسام نەدىكى پىسپاسلار گۇرۇپپىغا قوشۇۋېلىپ ‹‹ ھېي خان ›› دەپ چىشىمغا تەگكىلى تۇرغانتى ، باش سۈرىتىمنى باشقا سۈرەت قىلىۋالدىم ، شۇنىڭ بىلەن قۇلاق تېش بولدى . بولمىسا ۋەتەندە كەچ بولۇپ نەق بۇ پىسپاسلارنىڭ گۇرۇپپىسى قىززىيدىغان ۋاقىت نەق بىزنىڭ چۈشتىن كېيىن دەرىس ۋاقتىمىزغا توغرا كېلىدۇ ، دەرىس ۋاقتىدا تېلفۇنۇم تىتىرەپ قوياتتى ئەمما ... ئىشقىپ ھازىر قۇلاق تېش ، يوللۇق ئىشلەتسە بەك ئوبدان نەرسە بۇ .
ئۈندىدار دېگەن ئىسىم بولىدۇ مېنىڭچە ، ئىخچام .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-6 09:11 PM