|
|
|
|
مەمتىمىن توختاش «گۈزەل يەكەن» ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى يەكەندە ئېچىلدى
2012- يىلى 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:40 دە يەكەن خەلق مەيدانىدىكى موزىيخانىدا يەكەن ناھىيىسىنىڭ 28- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈزىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن "گۈزەل يەكەن" تېمىسىدىكى مەمتىمىن توختاش ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى داغدۇغىلىق ئېچىلدى. كۆرگەزمىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەركەز، ئاپتونۇم رايۇندىن كەلگەن پروفىسسور، رەسساملار، قەشقەر رايۇنىدىكى رەسسام، خەتتات، فوتوگىراف، جامائەت ئەربابلىرى بولۇپ، 1000 غا يېقىن ئادەم كۆردى. كۆرگەزمىگە رەسسام مەمتىمىن توختاشنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بىرى جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، سىزىلغان ماي بوياق ئەسەرلىرىدىن تاللاپ قويۇلدى. كۆرگەزمىنى ھەر قايسى ساھەدىن كەلگەن خەلق ئاممىسى سىزىلغان ماي بوياق ئەسەرلەرگە ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى. تۆۋەندە نەق مەيدان كۆرۈنۈشلەر:
قالغان سۈرەتلەرنى كەچتە يوللىۋىتىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-8 06:58 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-9-8 07:31 PM):
قالغان رەسىملەرنى يوللىۋەتتىم. 2- بەتنى ئېچىڭ!
|
|
|
|
|
|