سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 07:00 PM
تىزلا توردا تارقىلىپتۇ دىسە , ھە شۇ قىنى رەسىملىرى , ئەم ...
يەكەن شەھىرى ھەقىقەتەن چوڭ شەھەر . دىمىسمۇ يەكەن شەھىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى ناھىيە بازارلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردۇ . يېزا بازىرى ئىچىدە مارالبىشىنىڭ سىرىقبۇيى بازىرى ئەڭ چوڭ يېزا بازىرى ھىساپلىنىدۇ . يەكەن شەھرىنىڭ ھازىر ياسىلىۋاتقان ئايدۇرۇمى ۋە ئايدۇرۇم بىلەن شەھەر ئوتتۇرسىدىكى يىڭى تەرەقىيات رايۇنللىرى پۇتۇپ چىقسا ،يەكەن شەھرىنىڭ تەرەقىياتىدا تىخمۇ يۈكسىلىش ئىشقا ئاشىدۇ .
يەكەن دىيارىڭ جۇغراپىيلىك ئەھۋالى ناھايتىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ ، جۇغراپىييلىك جەھەتتە تىكساس شىتاتىنىڭ جۇغراپىيلىك شارائىتىغا ئىنتايىن ئوخشاپ كىتىدۇ ،دىمەك تىكساس شىتاتىدا ئۆستۇرۇلدىغان مىۋە-چىۋە ۋە يېزا-ئېگىلىك زىرائەتلەرنىڭ ھەر قاندىغىنى يىتىشتۇرۇپ مۆلچەرلىگىدەك يۇقۇرى دەرىجىدە مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ ، بىراق ھەر يىلى كۈز پەسلى ۋە باش ئەتىيازدا يۈز بىرىدىغان قىسقا ۋاقىتلىق ئۈششۈك ھادىسى بۇ پىلانغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ . يەكەننىڭ تەرقىياتلىرى ئۇستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان خادىملارنىڭ بۇ تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشى تولىمۇ زورۇردۇر .
ئاللاھ يەكەننى كۆيۇنۇپ باشقۇردىغان ئىقدىدارلىق خادىملەرنى نىسىپ قىلماپتىكەن . قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم قانداق بولدى ، ياكى ئىسىدە يوقمۇ ئىشقىلىپ قاندىغىنى قانداق بولدى ، ئابدىغىنى ئىگەمبەردى ئىسىملىك بىر ھاكىمنى يەكەن ناھىيسىنىڭ باشلىقى قىلغان ئىدى . بۇ ناھىيە باشلىقى ناھايىتى ئىقتىدارلىق ۋە تولىمۇ پاراسەتلىك ياخشى باشلىق ئىدى . قانداق بولدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ خادىملىرى مەسلىكتىن يىشىپ كەتتىمۇ ، ئاپلا ئابدىغىنى ئىگەمبەردىنى يەكەنگە باشلىق قىلىپ خاتا قىپتىمىز دەپ ، يۆتكەپ كەتتى . شۇنداقتىمۇ بۇ باشلىقنىڭ ياخشى نامى قالدى. ھەر بىر ناھىيە باشغلىقىنى سايلاش مەزگىلى كەلسە چوڭ-كىچڭ ھەممە ئابدىغىنى ئىگەم بەردى دىگەن بۇ باشلىقنى تولىمۇ سىغىنىش ۋە تولىمۇ ئىپتىخارلىق بىلەن ياد ئىتىدۇ .
شۇ ئابدىغىنى ئىگەمبەردىن باشقا مەيلى ئىلگىرى بولسۇن ،مەيلى كىيىنكى ۋاقىتلاردا بولسۇن يەكەن خەلقىگە ئىللىق چىراي ئاچىدىغان باشلىق نىسىپ بولۇپ باقمىدى ، بۇندىن كىيىنمۇ ھەم بولماس بەلكىم . بولمىسا يەكەننىڭ ھازىرقىدەك پايدىلىق شەرت-شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ، گەپ يوقلا ئالتە-بەش يىل ئىچىدە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدە غوللۇق شەھەرگە ئايلاندۇرغان بولاتتى .
يۇقارقىلارغا ئاساسلانغاندا يەكەننىڭ پۇقرالىرى ئانىسىنىڭ كۆكسىنى قاتتىق چىشلىۋاتىكەنمۇ نىمە دەپمۇ قالىمەن بەزىدە .
يىمەك-ئىچمەك جەھەتتىن بولسۇن ،ئاشخانا بىزەكچىلىگى جەھەتتىن ،مۇنچا مۇلازىمەت ۋە مۇنچىخانا بىزەكچىلىگى جەھەتتىن بولسۇن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويۇنچە غوللۇق شەھەر ھىساپلانغان ئۈرۈمىچىمۇ بۇ جەھەتتە ھەرگىزمۇ يىتەلمەيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-10 06:54 PM