مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. ھەقىقى ئوقۇتقۇچىدەك ياشىماقچى بولغانلار ھازىر بىرقىسىم ساپاسىز، پۇل، ھوقۇق، مۇناسىۋەت، تۈرلۈك سورۇن-ئولتۇرۇش، قۇرۇق نام-ئابروي...لارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا، مەسخرىسىگە، يەكلىشىگە ئۇچرىماقتا. ھازىر ‹‹ئوقۇتقۇچى››دەك ئوقۇتقۇچىدىن بىر مەكتەپتە نەچچىسى چىقار؟
كەسىپكە ناھايىتى قىزغىن، بىلىملىك، ئوقۇتۇش ماھارىتى، كەسپىي تەجرىبىسى ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى مەكتەپتىكى ئاز ساندىكىلەر ھۆرمىتىنى قىلسىمۇ، ھازىر كۆپىنچىسى‹‹ مەن كۆتۈمنى ياراتماي باسۇرۇپ ئولتۇرىمەن، كۆتۈم مىنى ياراتماي ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ›› دىگەندەك، ئۆزىدىن قابىلىيەتلىك، ئىستېداتلىق كەسىپ ئىگىلىرىنى كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ. مائارىپ ساھەسىدە ھازىر جانباقتىلار ناھايىتى كۆپ. خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقتىنى دىمەيلا قويايلى، خىزمەت ۋاقتىدا ئىشخانىدا بىكار بولۇپ قالسىلا قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلار %90ىتىن ئارتۇق ساننى ئىگىلەيدۇ.ھەتتا خىزمەتكە چىققىلى ئون-يىگىرمە يىل بولۇپ قالغان بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسىدىن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجىدە ئوقۇغان 6-يىللىقنىڭ ئوقوغۇچىسىنىڭ بىلىم-سەۋىيىسى ئېشىپ كېتىدۇ.
مىسال ئالساق، ئالدىنقى مەۋسۈمدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەلۇم يىللىقىغا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئۆتىدىغان دەرسلىك كىتابتىكى(ئانا تىل دەرسى بولۇشى مۇمكىن) مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەققىدىكى دەرس ئوخشايدۇ. دەرسنىڭ ئاخىرىدىكى مەشىقتە، ئەڭ ئۈستىدە: تۆۋەندىكى مەشھۇر شەخسلەرنى تونۇمسىز؟ دىگەن سوئال باركەن.
ئېينىشتېيىن، نيوتۇن، ئەلىشىر نەۋائىي، يۈسۈپخاس ھاجىپ، ئېدىسون.....قاتارلىق 10غا يېقىن كىشىنىڭ باش رەسىمى بىرىلگەن ئىكەن. ئەمما ئوقۇتقۇچى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ رەسىمىنى ئىسمىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ ھەرھالدا تونۇيدىكەن. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا رېستورانغا ئوينىغىلى بېرىپ، تامغا ئېسىقلىق تۇرغان مەھمۇت قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى كۆرگەن ئىكەن، شۇ يەردە بىلىۋاپتىكەن.
ئەمما ئېينىشتېيىن، نيوتۇن...لاردەك ئىنتايىن تونۇشلۇق بولغان ئالىملارنىڭ رەسىمىنى نەچچە يىل مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ، خىزمەتكە چىقىپ ئون نەچچە يىل ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم قىلچە تونىمايدىكەن. ئىنتايىن ھەيران قالدىم.
قىسقىسى، ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسىدە(ئاساس مائارىپ ساھەسىدە) ئەسلىدە نوچى ئوقۇتقۇچىلار ئاز ئەمەس، كەسپىي ئىقتىدارى تۆۋەن، تىرىشمايدىغانلار ئاز ساندا دىگۈدەك ھالەت بىزدە شەكىللەنسە ياخشى بولاتتى. ئەمما ھازىرقى رېئاللىققا قارىساق، تىرىشىپ ئىشلەيدىغانلار، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىدىغان، كەسپىي بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ تۇرۇشقا ھەركۈنى ئازراق بولسىمۇ ۋاقت چىقىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئازلاپ كەتتى. ھازىر ئىمتىھان بىرىپ، بىزنىڭ مەكتەپكەيېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ھەممىسى(ئەرلەرنىلا كۆزدە تۇتتۇم) دىگۈدەك ئولتۇرۇش-سورۇنلارغا ئىنتايىن ئامراق، خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن بىرەرسىنىڭ كەسىپ ئۈستىدە ئىزدىنىپ تىرىشقانلىقىنى كۆرمىدىم. زامانىۋى ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ياشلار ئەسلىدە خىزمەتتە جۇشقۇن، جەڭگىۋار، ئاكتىپ ھەم مەسئۇلىيەتچان، ئالىي مەكتەپتىكى تىرىشىپ ئۆگىنىش روھىنى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ ئازتولا داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىغان، يىللار ئۆتكەنسىرى كەسىپتە پىشقان، تەجرىبىلىك، پىكرى ئوچۇق، تەپەككۇرى ئۆتكۈر، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئۇنىۋېرسال بىلىمى كۆپ، كەسپىي بىلىم جەھەتتىن باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشكە تىرىشىدىغان رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلاردىن(مەكتەپنىڭ غوللۇق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن) بولۇپ يىتىشىپ چىقسا ياخشى بولاتتى. ئەپسۇس، ئۇنداقلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچراتتىم. يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن قىزلارنىڭمۇ خۇددى چەتئەللىكتەك كىيىنىۋېلىشلىرى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. مىنىڭچە بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىۋى، پىسخىك ساپاسى بەك مۇھىمكەن. يۇقىرىقىدەك بارلىق قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئالدى بىلەن ئىدىيىمىز بەلگىلەيدۇ ئەمەسمۇ.
ئۆزەممۇ چاغلىق
، جىق گەپ قىلىپ ۋاقتىڭلارنى ئالماي.