Gvljahan يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 12:15 AM
تېمىنى ئىنچىكىلەپ ئوقۇپ چىقتىم ، مەن ئۇقۇتقۇچى بولمىغ ...
تورداش گۈلجاھان، ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ دادىڭىزغا شۇ قەدەر ھۆرمىتىم قوزغالدى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەھۋالىغا ئىنتايىن ئېچىندىم، ئىچىم سىيرىلدى. پۈتۈن ئۆمرىنى ئەۋلات تەربىيىلەشكە ئاتىۋەتكەن، شەخسىيەتسىز قۇربان بېرىپ ئۆتكەن بىر ئىنساننىڭ كېسەل كارىۋىتىغا يىقىلغان ۋاقتىدا تىگىشلىك كۈتۈنۈش، ئىمتىياز ۋە ھۆرمەت ئۇياقتا تۇرسۇن ئەقەللى داۋالىنىش شارائىتىغىمۇ ئېرىشەلمەي، ھاياتىدا ئوقۇش، ئوقۇتۇش ۋە كېسەل كارىۋىتىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھېچقانداق ئۆزگىچە ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىنى كۆرمەي ئۆتۈپ كېتىشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. بۇ ماھىيەتتە مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى يادرو قىلغان ساختا، ناتوغرا قىممەت قارىشى سېستىمىسىنىڭ جەمىيەتنى ئىچىدىن سېسىتىۋىتىۋاتقانلىغىنىڭ، يىمىرىۋىتىۋاتقانلىغىنىڭ ئىپادىسى، سوتسىيالىزىمنىڭ ئەل قەلبىنى ئۇتالمايۋاتقانلىغىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىغىنىڭ بىرى دەل مانامۇشۇ مەنپەئەتنى يادرو قىلغان قىممەت قارىشى ۋېروسىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاشقا ئاجىز كېلىۋاتقانلىغىدا ھەتتا بۇ خىل قىممەت قارىشىنىڭ ھاكىمىيەت سېستىمىسىغا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىغى ۋە ئۇنى بەلگىلەپ كېتىۋاتقانلىغىدا.
مەن ئوقۇغان چاغلىرىمدا ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئوقۇتقۇچى بولۇش ئېدى، ئەمما ئۆرلەپ ئوقۇغان كەسپىم ۋە كىيىنكى تەقسىمات ئۇ ئارزۇيۇمغا مۇخالىپ چىقتى. لىكىن يەنىلا ئۆز كەسپىمنى سۆيۈپ، ئەڭ زور تېرىشچانلىغىم بىلەن ئۆز بۇرچۇمنى، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، ۋىجدانىم ئالدىدا يۈزۈمنى يورۇق قىلىپ ئىشلەپ كەلدىم. ئايالىم ئوقۇتقۇچى. بۇ كەسىپ مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، چوقۇنىدىغان كەسپ بولغاچقىمۇ ئايالىمغا خىزمىتىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەلەپ قويىمەن ھەم قوللايمەن. لىكىن ئايالىم مائارىپ ساھەسىدە بولغاندىن كىيىن بارا-بارا شۇنى ھېس قىلدىمكى، جەمىيەت ساھەلىرىدىكى ئەڭ پاكىز، ئەڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا تىگىشلىك مائارىپ ساھەسى مەن ئويلىغاندەك پاكىز ئەمەس ئىكەن، ئوقۇتقۇچىلار تۈرلۈك-تۈمەن ئالۋاڭ رەسمىيەت خىزمەتلەر تۈپەيلىدىن ئوقۇغۇچىلارغا، دەرىسكە يىتەرلىك ۋاقىت چىقىرىش ۋە ئۆزى ھەم باشلىقلىرى رازى بولغىدەك تەييارلىق قىلىپ، مىھرىنى مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ دەرىس ئۆتۈشكە قادىر بولۇپ بولالمايدىكەن، باشقۇرۇش ساھەسى، ئۈنۋان، يېقىن ۋە ياخشى خىزمەت ئورنى....دىگەنلەر بىلىمى ۋە ئىقتىدارىغا ئەمەس بەلكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىگە، ئوقۇغۇچىلارغا، خىزمەت مەسئۇلىيىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىىسىگە ئەمەس بەلكى رەھبەرلىككە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە، خىزمەت ئورنىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئەمەس بەلكى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ «ئېھتىياجى»غا قاراپ بەلگىلىنىدىكەن...... بۇ خىل مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن چىققان ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسىگە بىرنەرسە دىمەك ھەقىقەتەن قىيىن......