muttelib يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 01:39 PM
سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز ئادەمنى ھەرخىل ئويلارغا سىلىپ ق ...
ئۇ سۈرەت دادامنىڭ قەبرىسى . مەرھۇم دادامنىڭ نەسىھەتلىرىنى ھەر دائىم ئۇنتۇپ قالماسلىق ، ئۆزەمنىڭ مەجبۇريىتىمنى ئادا قىلىش ، ھەر جايدا دادامنىڭ نەسىھەتلىرى ، مەن ئۈچۈن ھاياتى كۈچ بولىدىغانلىقىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق كەلگۈسىدە مېنىڭمۇ ئەشۇ قەبرىدە ، قىلمىش - ئەتمىشلىرىمدىن ھىساپ بىرىش ئۈچۈن ، دادامنىڭ قەبرىسىنى باش سۈرەت قىلىپ چىقىرۋالدىم .
مەن خىزمەتكە ماڭىدىغان يول ، دادامنىڭ قەبرىسى بار قەبرىستانلىق يېنىدىكى يول ، مەن بۇ يولدىن كۈندە نەچچە ئۆتىمەن ، ھەر ئۆتكىنىمدە ، دادام ماڭا قاراپ تۇرغاندەك ھىسسىياتقا كېلىمەن .
مېنىڭ يان تېلىفۇنىم ئىكرانىدىمۇ ، مۇشۇ باش سۈرىتىم بار .
دادام 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 كۈنى ( جۈمە ) تۇيۇقسىز نەپەستىن قالدى . شۇ كۈنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ، خوتەن شەھەر تەيۋىزىم مازىرىغا دەپنە قىلدۇق .
دادامنىڭ قەدىرىنى ، دادامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تۇنۇپ يەتتىم .