sabaat يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 02:28 PM
ئۇلۇغ ئاللاھ دادىڭىزنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇ ...
مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئۈمۈتلەردە ياشاۋاتىمەن . دادام قايتىپ كېلىدىغاندەكلا ، ئۆيگە كىرسەم كۈرۈشۈش ئۈچۈن قول ئۇزۇتىدىغاندەك ھىس قىلىپ ، ھەممە ئۆيلەرگە كىرىپ چىقىمەن . ئەپسۇس ......
دادام نەپەس ئۈزۈش ئالدىدا ، دادامدىن ، نىمە يىگۈڭىز بار ؟ دەپ سورىسام ، دادام ، ئىچى ئەزايىم بەك قىززىپ كەتتى . سەينى جىق سالغان سۇيۇقئاش ئىچكۈم بار دىدى . ئەمما ، دادامنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى .
مەن ئىلگىرى سۇيۇقئاشنى ئانچە ياقتۇرۇپ باقمىغان . دادام تۈگەپ كەتكەندىن ، دادام ئىچىشنى ئارزۇ قىلغان ، سۇيۇقئاشنى ياخشى كۆرىدىغان بوپ قالدىم .
دادام بىلەن شۇنچىلىك مۇڭداشقۇم كېلىدۇ ، قولىنى چىڭ تۇتقۇم كېلىدۇ .
مۇنبەرگە كىرسەم ، بەزىدە باش سۆرىتىمگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن .
دادامنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار ، يولدا ئۇچراپ قېلىپ دادامنىڭ ئەھۋالىنى سورىسا ، ئاللاھقا شۈكرى ، ياخشى دەيمەن ، تۈگەپ كەتتى دىگۈم كەلمەيدۇ .
ھەر ئىككىمىزنىڭ دادىسى ئاللاھقا قايتىپتۇ ، ئاللاھ ! ئەشۇ دادالىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي . ئامىن ........