uyghur05 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 05:03 PM
ئاۋۇ ئەڭ ئاستىدىكى نىمانچە قىززىق .سانتىمىتىر بىلەن مې ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىمزايىڭىزدىكى شىئىرنىڭ بىر مىسراسى خاتا يىزىلىپ قاپتۇ. يەنى 2.مىسرادىكى «مىسالدۇر بۇقا ئىسكەندەر» دىگەن يىرى ئەسلى مۇنداق ئىدى. «مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان». مىسرادىكى «بۇڭا» سۆزى بولسا «بۇنىڭغا» دىگەن گەپنىڭ شىئىردىكى قىسقارتىلمىسى خۇددى «ئاڭا» سۆزى «ئۇنىڭغا» دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولغانغا ئوخشاش بىر گەپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىئىر مۇخەممەس شەكلىدە يىزىلغان شىئىرنىڭ بىر كۇبلىتى ئىدى. مۇخەممەس شەكلىدىكى شىئىرلار 5 مىسرادىن تۈزىلىدۇ لىكىن سىز 5.مىسرانى تاشلىۋىتىپسىز. توغىرىلاپ يازسىڭىز ئەسلى مۇنداق بولىدۇ.
جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت خەلىقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.