ئاياللار ۋە ئانا ھەققىدە ھېكمەتلەر
* ئايالنىڭ ئۇششاق نۇقسانلىرىنى كەچۈرەلمىگەن ئەر ئۇلارنىڭ بۈيۈك پەزىلەتلىرىدىن بەھرىمەن بۇلالمايدۇ. ـــــ جىبران.
* تالانتلىق ئاياللار ئەرلەرنى جەلپ قىلىدۇ، ئاقكۆڭۈل ئاياللار ئەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، چىرايلىق ئاياللار ئەرلەرنى ئازدۇرىدۇ، چارە-تەدبىرلىك ئاياللار ئەرلەرنى چارچىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ــــــ رومىن روللان.
* دۇنيادىكى ھەممە گۈزەللىكلەر ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن. ـــــ م . گوركىي.
* قىز بالىنىڭ ھەممە بايلىقى ئۇنىڭ نومۇسى، ئۇ بايلىق ھەرقانداق مىراستىن قىممەتلىك. ـــــ ۋ . شىكىسپىر.
* ئانىنىڭ قەلبى قىزلار ئۈچۈن بىر دەرسخانىدۇر. ـــــــ بېكون.
* سېنى سۆيىدىغان ئايال چوڭ خاتالىقلىرىڭنى كەچۈرىدۇكى، كېچىككىنە ۋاپاسىزلىقىڭنى كەچۈرمەيدۇ. ـــــــ لارۇشىخوكى.
* ئايالنى ئازاپقا قالدۇرغان ئەر بەخىتلىك بۇلالمايدۇ. ــــــ ھىيوگۇ.
* ئايالنى سۆيۈشنى بىلمىگەن كىشى دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل سىرلىرىدىن بىخەۋەر ئۆتىدۇ. ــــــ سىتىندال.
* تەبىئەت ئايالغا مۇراجىئەت قىلىدۇ: ھۆددىسىدىن چىقالىساڭ گۈزەل بول؛ خالىساڭ ئاقىل بول؛ ئەمما، دىتىڭ بولسۇن. ـــــــ پ. يامارىشى.
* ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئايالنىڭ گۈزەل بولۇشى ئەمەس، ئەقىللىق بولۇشى مۇھىم. ــــــــ ئا. پ. چېخوپ.
* ياخشى ئايال بىر مەكتەپكە ئوخشايدۇ، ياخشى ئەر شۇ ئايال ئارقىلىق دۇنياغا قەدەم تاشلايدۇ. ــــــــ لىياڭ شىياۋشىڭ.
* ياخشى خوتۇننىڭ كۆڭلى ئوچۇق، ھەرىكىتى توغرا بولىدۇ، ئۇنى نازارەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. يامان خوتۇننى نازارەت قىلىشمۇ كارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى توسۇۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. ــــــ گورىسى.
* ئانا سىز يۆلىنىۋالىدىغان ئادەم ئەمەس، بەلكى يۆلىنىۋېلىشقا مۇھتاج بولماسلىقنى ئۆگىتىدىغان ئادەم. ـــــــ فىشىر.
* مەن ھاياتلىق دۇنياسىدا بىر دېڭىزنى كۆردۈم، مانا ئۇ ـــــ ئانا.
ـــــــ گىيوتى.
http://www.radioxj.com/n17636c27.aspx