مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋىي بەختنى قانداق يارىتىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-20 03:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ئائىلە ئەخلاقى ئۇنتۇلمىسۇن


ھەر قانداق بىر مىللەت ئائىلە ئەخلاقىغا رىئايە قىلمىغان ھالدا ياشىيالمايدۇ. چۈنكى ئائىلىدە ئەدەپ – قائىدە بولمىسا، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئائىلىگە، جەمئىيەتكە، ھەتتا مىللەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلە ئەخلاق تەربىيىسى ھەر بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا چوڭ ئورۇن تۇتىدۇ.
ئەرلەر ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ ” يېرىم دۇنيا ” لىق رولىنى ئىتراپ قىلىشى، ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى، ” ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار ” دەيدىغان فـېئوداللىق ئىدىيىنى تۈگىتىپ، بالۋاقىلىرىنى خارلىماسلىقى، ئايالىنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك. ئاتا بولغۇچى ھەر كۈنى بىر قىسىم ۋاقتىنى ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە سەرپ قىلىشى لازىم. مۇنداق بولمىسا، ئائىلىدە مېھرى – مۇھەببەت سوۋۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر ئائىلە مۇھەببىتىنىڭ قەدرىگە يەتمەي، تالادا لاغايلاپ يۈرسە، مەست – ئەلەست بولۇۋىلىپ باشقىلارنىڭ كەينىدە يۈرسە، ئۇنداق ئەرلەرنىڭ ئايالىمۇ يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ. بۇنداق ئائىلىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.
ئاتا بولغۇچى پەرزەنت تەربىيسىگە ئۆزى ۋە ئايالى يېتىشەلمىگەندە، پاك، ئەخلاقلىق تەربىيچى ياللىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئاتا بولغۇچى پەرزەنتلىرىنى ھەر دائىم نەزىرىدىن يىراق قىلماي، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى نازارە قىلىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ تەلىم – تەربىيسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. پەرزەنتلەرنى كېچىكىدىن ئەدەپلىك ۋە چىرايلىق سۆزلەيدىغان قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال ( ئاتا – ئانا، ئۇستازلار ) بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، سىلىق، يۇمشاق، مەرھەمەتلىك بولۇشى لازىم. پەرزەنتلەر تۇرغان جايدا ئاتا – ئانىلار قاتتىق – يىرىك سۆزلەرنى قىلىش تۈگۈل، ھەتتا قاپاق تۈرۈپ، چىرايىنى ئۆزگەرتىپ بىر – بىرىنى سىلكىشلەشمۇ خاتا. بەزىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ تۇنجى تىلىغا ‘ ئاناڭنى ” دەپ ئۆزى ” خېمىرتۇرۇچ ” سېلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ دەسلەپكى تىلى ئەدەپسىزلىكتىن باشلىنىپ، كېيىن بۇ يېڭى تەلۋە نوسخا تەرەققىي قىلىپ ئائىلىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن بالا بولىدۇ؛ بەرزەنتلەر تالا – تۈزدە ئۇرۇش – جىدەل قىلىپ باش – كۆز يارىدىغان، ھەتتا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. بىزدىكى ساقلىنىۋاتقان ناچار ئەخلاق – قىلىقسىزلىقلارنى زادى كىم ئۆگەتتى ؟ بىر مەررە بولسىمۇ مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى : ئىنسانلارغا ئۆگىتىلگەن ياخشى ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى تەربىيە، مەجبۇرلۇق  – زورلۇق بىلەن بولسا، يامان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلۈكىدىن دوراش ئاقىلىق يۇقىدۇ. شۇنداق ئىكەن، پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئاتا – ئانىلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى تىللاش، ئۇرۇشماق، ئۇلارغا كۆرسىتىپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، كەيپ خۇمارى ئۈچۈن لازىملىقلار ( تاماكا، سەرەڭگە، ھاراق – شاراپ ) نى پەرزەنتلىرىگە بۇيرۇپ ئەكەلدۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىز قىلمىشلار بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ” پەرزەنتلىرىم مېنىڭ قىلغانلىرىمنى دورىسۇن ” دەپ، ئۇلارغا كۆرسەتكەن ” ئۈلگە” ۋە ئۇلارغا سىلىپ بەرگەن ” مەبلەغ ” دۇر خالاس.
ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە نازارەتچىسى. شۇنداق ئىكەن، ئايالىنى ھەر ۋاقىت شەپقەت قانىتى ئاستىغا ئېلىشى، ئايالىنىڭ ئۆزىگە بولغان مېھىر – مۇھەببىتىنى قەدىرلىشى، كۆڭۈل شادلىقىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشى، ئايالىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى بىجىرىشكە زورلىماسلىقى، ئۆيدە بار – يوق نەرسىلەر توغرىسىدا تەڭلىكتە قويماسلىقى لازىم. ئايال سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئېغىر – بىسىقلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى، ئەپۇ قىلىشى، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئايالى بىلەن جىدەللەشمەسلىكى لازىم. ئۆيگە يات ئەرلەرنى باشلاپ كېرىپ ئولتۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش، ئۆزى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئايالىنى سودا – سىتىق ئۈچۈن سىرتقا بۇيرۇماسلىق لازىم. ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا كۆز – قۇلاق بولۇشقا، ئۇلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان يۈرۈش – تۇرۇشىنى چەكلەشكە ۋە توسۇشقا ھەقلىق. ئاياللارنى خورلاپ ۋە ئۇلانىڭ يامان يولغا مىڭىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇش مەسئوليىتىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا بولغان كىشى ئائىلىدىكى بالا – چاقىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قىز – ئاياللارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا مەسئول بولمىسا، ئۇنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن ؟
ئەر – ئايالنىڭ بىر – بىرىگە سادىقلىقى بەختتۇر. سالامەتلىك جاننىڭ راھىتى بولغىنىدەك، ئىناقلىق كۆڭۈلنىڭ راھىتىدۇر. ئائىلىدىكى خۇشلۇق دىلغا ھۇزۇر بېغىشلاپ، لەززەتسىز تائاممۇ لەززەتلىك بىلىنىدۇ. ئەر كىشى ئۆز ئايالىدىن رازى بولسا ۋە كۆڭلى باغلانسا، بارلىق راھەت – پاراغىتى ۋە سەرپ – خىراجىتى ئائىلىسىدىكى زۆرۈر نەرسىلەر ئۈچۈن بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنياسىنى ئائىلىسىگە بېغىشلايدۇ. ئەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولسا، شۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ياخشى بولىدۇ. شۇ چاغدىلا ئۆزىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كونىلار : ” ياخشى ئايالغا ئېرىشمەك بىرەر ئەلگە پادىشاھ بولغاندىن ياخشىراقتۇر ” دېگەن. ھەر قانچە بىلىملىك، مەرتىۋىلىك،  باي ياكى تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئىشلەپ تاپقىنىغا ۋە ئۆزىنىڭ ئاچ – يالىڭاچ قالمىغىنىغا شۈكۈر قىلىدىغان ساپ ۋىجدانلىق بىر كىشىنىڭ تەربىيە كۆرگەن ئايالى بولمىسا، بەختلىك ھېسابلانمايدۇ. ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىك ئۇنىڭ قەلبىنى بىئارام قىلىدۇ، لەززەتلىك تائاممۇ لەززەتسىز تېتىپ، ئۆمۈر گۈلىنىڭ تېز قۇرۇپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ.
ئىنساننى بەختلىك قىلىدىغان نەرسە ئىلىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئىشنى ئىلمىي يۇسۇندا ئادا قىلماقتۇر. ئەرلەر ئالدى بىلەن ئۆز مەجبۇريىتىنى بىلىشى، ئائىلىنىڭ ئەخلاق – پەزىلەت تەرتىپىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. دانىشمەنلەرنىڭ قارىشىچە، ئىشچانلىق، ھەقىقىي دوست، ئەدەپلىك پەرزەنت، مېھرىبان خوتۇن، شېرىن ۋە يېقىملىق سۆز، ئەقىل – پاراسەتتىن ئىبارەت ئالتە نەرسە راھەت ياشاشقا ياردەم بىرىدىكەن.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 01:45:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرى


1 - ئادەتتە ئېرى خوتۇنىدىن ياش جەھەتتە سەل چوڭراق بولۇشى ، بىلىمىمۇ يۇقىرى بولۇشى كېرەك  .

2  - بىر  - بىرىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ ، توي قىلغان بولۇشى كېرەك  .

3  - توي قىلغاندىن كېيىن ئاتا -ئانىسىنىڭ ئىختىسادىي ياردىمىنى قوبۇل قىلماي ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشى ،خىزمەت قىلىشى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت باغلاشقا كىرىشكەن بولۇشى كېرەك .

4 - ئائىلە ئىختىسادىنى ئورتاق باشقۇرۇشى ، ئائىلە چىقىملىرىنى تەڭ قىلىشى كېرەك .

5 -   ئەر - خوتۇن ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىشى كېرەك .

6 - پەرزەنىتلىرىنى تەربىيلەشتىكى كۆز قاراش بىردەك بولۇش كېرەك .

7 - بوش ۋاقىتلارنى ئەر - خوتۇن بىرگە ئۆتكۈزۈش كېرەك .



مەنبە  : ‹‹ ئائىلە ۋە مۇۋەپپەقىيەت ›› ناملىق كىتاب 117 - بەت .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئىت سەمىميمۇ ئادەممۇ؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84777
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 81
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 02:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-10-22 01:45 PM
بەخىتلىك ئائىلىنىڭ ئاساسىي ئامىللىرى

1.ئېرىنىڭ يىشىلام چوڭ قارا قوساق بولسىچۇ؟

2.ياخشى كۆردۈم دىگىنى يالغان بولسىچۇ؟

3.ئىقتىسادى جەھەتتە ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋىلىش ئەمەس بەلكى ئاتا-ئانىسىنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىنى تەمىنلىگەندىن سىرىت تەنە پۈتۈن ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭكىنى تايىنى يوق ئاغىنە-بۇرادەرلىرىنىڭكىدىن تارتىپ تەمىنلەپ خوتونىغا سىرىق سىنىت كۆرسەتمەيدىغان بولسىچۇ؟

4. ئىقتىسادنى خوتونىغا ئۇقتۇرماي،با پۇلىنىمۇ يوق دەپ تۇرىۋالغان بولسىچۇ؟

5.ئائىلە ئىشلىرىنى خوتونىغىلا مالايدەك قىلغۇزسىچۇ؟

6.بىردەكلىك دىگەن نەرسە مەۋجۇت بولمىسىچۇ؟

7. بوش ۋاقتىنى سىرتلاردىلا ئۆتكۈزسىچۇ؟

....

بۇنداق ئائىلىنىڭ ئاقىۋىتى_بىچچارە ئايال يىغلاپ تۇرۇپ ئەركىن بولىدۇ، چاكىنا ئەر بولسا ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىسىدىن چۈشمەي قۇرۇق قاقشال بوپ كىتىدۇ.

كۈلۈپ تۇرۇپ گۇناھ سادىر قىلغۇچىنى،ئاللاھ يىغلاتقان پىتى دوزاققا تاشلايدۇ.
يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىنى بولسا،ئاللاھ كۈلدۈرگەن پىتى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 06:00:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ


  
ياخشى ئايال ئەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىيالايدۇ. ئەرلەرنىڭ قىزغىنلىقى ھەم قىممەتلىك، ھەم قورقۇنچلۇقتۇر. بۇ خىل قىزغىنلىق ئەرلەرنى تولۇپ -تاشقان كۈچ -قۇۋۋەت بىلەن ئالغا باستۇرىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم بىر ئىشنى ئەسەبىيلەرچە قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا ياخشى ئايال بولسا، ئۇ ئېرىنىڭ ئالدىراقسانلىق، قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشتەك روھىي ھالىتىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئېرىدىكى قىزغىنلىقنى مۇلايىملىق، ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
ئەرلەرنىڭ قەلبى خۇددى بىر پارچە مۇنبەت تۇپراق، لېكىن تۇپراق بەك مۇنبەت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا ياۋا ئوت-چۆپلەرمۇ تېز ئۆسىدۇ. ياخشى ئايال بىر ياخشى دېھقان. ئۇ جان-دىلى ۋە ھالال ئەمگىكى بىلەن ياۋا ئوت-چۆپلەرنى ئوتاپ ، يۇمران مايسىلارنى سەۋرچانلىق بىلەن پەرۋىش قىلىپ، چېچەك ئاچقۇزۇپ مېۋە بەرگۈزىدۇ. ئەرلەر دۇنيانىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلسا، ياخشى ئايال دۇنيانىڭ يەنە يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ يېرىم دۇنياسىنى تولۇقلىغاندىلا، ئاندىن ھەسەن-ھۈسەنلەر چىقىپ، بۇ دۇنيانى پارلاپ تۇرغان يۇرۇق دۇنياغا ئايلاندۇرىدۇ . ياخشى ئايالنىڭ دۇنياسى پۈتۈن بولىدۇ ، ئۇ ياردەمگە موھتاج ئەرلەرگە ياردەم بېرىدۇ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئەرلەرنى ئۆزگەرتىدۇ.




http://www.radioxj.com/n3860c25.aspx

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 11:58:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       
       
                تۇرمۇش ھەققىدە


  
  ◆پۇل بولماسلىق بىچارىلىك، پۇل ئۈچۈنلا ياشاش رەزىللىكتۇر، پۇللا بولغان تۇرمۇش ئەپسۇسلۇق ئىچىدىكى تۇرمۇشتۇر.

    ◆ئەقىدىسىز تۇرمۇش قاقاسلىشىپ كەتكەن باغ، ئىشەنچ بولمىغان تۇرمۇش يولى ئېگىز تاغ – داۋانلار بىلەن تولغان يولدۇر.

    ◆ئىجاد – ئىختىرا بولمىغان تۇرمۇش ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ كۈن ئۆتكۈزۈشتۇر.

    ◆تۇرمۇش ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغۇچىلار تولۇق نېسىۋىگە ئېرىشسە، بىكار تەلەپ، لايغەزەللەر ئاخىرى بېرىپ نادامەت پاتقىقىغا پاتىدۇ.

    ◆تۇرمۇشنىڭ ھەممە يوللىرى ئادىللىق بىلەن تولغان ھەم ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋال سىز كۆرگەن شېرىن چۈشلەردىلا ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولىدۇ، بىراق چۈش ئۇ رېئاللىق ئەمەس.

    ◆تۇرمۇشى مول مەنىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەسەن – ھۈسەندەك رەڭدار بولىدۇ؛ مەززىسى يوق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇشى توختام سۇغا ئوخشايدۇ.

    ◆دۇنيادا ئۈمىدسىز تۇرمۇش بولمايدۇ، ئۈمىدسىز ئادەملا بولىدۇ.

    ◆تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور بەختسىزلىك — تۇرمۇشقا قۇللارچە ئىتائەت قىلىشتۇر.

    ◆تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەرگىز بەتتام بولمايدۇ.

    ◆تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كىشى ئۈشكە روھىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلسا بولىدۇ.
ئۈشكىگە چۈشكەن بېسىم قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۇنىڭ تېشىپ كىرىش كۈچى شۇنچە زور بولىدۇ.

    ◆تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئېلىش ئىستىكىدىلا يۈرگۈچىلەر ھەر دائىم تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە بېخىللىق قىلىۋاتقانلىقىدىن، مەززىسىزلىكىدىن زارلانسا، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان ئىلتىپاتلىرىغا، ئۇنىڭ رەڭدارلىشىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

    ◆تۇرمۇش پېچىدا ئاجىزلار يوقىلىپ، كۈچلۈكلەر پولاتتەك تاۋلىنىدۇ.

    ◆تۇرمۇش پۈتمەس – تۈگىمەس، مەنىگە باي، شۇنداقلا لەززەتلىك قامۇسقا ئوخشايدۇ، ھەر كىم ھەر كۈنى بۇ قامۇس ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدۇ، ئەمما ھەركىمنىڭ ئۇنى يېزىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ.

    ◆تۇرمۇش تەڭرىتاغ چوققىلىرىدىكى قار لەيلىسىگە ئوخشايدۇ. قارلىق چوققىلاردىكى قەھرىتان سوغۇق، كۈچلۈك شىۋىرغانلارنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىقلا ئاشۇنداق چىرايلىق، كۆركەم قار لەيلىسى كۆز ئاچىدۇ.

    ◆تۇرمۇش يېڭىلىق يارىتىش، ئالغا ئىنتىلىش دېگەنلىكتۇر. تۇرمۇش قىسسىسى كۈرەشچان قەلەم ئارقىلىقلا يېزىلىدۇ.

    ◆تۇرمۇش — بىپايان دېڭىز. ئۇنىڭدا قورقۇنچاقلا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، قەيسەر ئوغلانلارلا دولقۇنلار ئەۋجىدە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

    ◆تۇرمۇش ئاچچىق – چۈچۈك زەيتۇن مېغىزىغا ئوخشايدۇ.

    ◆تۇرمۇشقا تولۇق ئىشەنچى بار كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن ئەپسۇسلانمايدۇ، بۈگۈنىنى قەدىرلەيدۇ، ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 03:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى ئانا ، بالىلار مەسىلىسى بىلەن ئانىلار مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلالىغان ئانىدۇر .

  بالىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالىغان ئانا ھەقىقى ئانىدۇر .

ئۆزىنىڭ ئانىلىقىنى تونىغان ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتكەن ئانا ھەقىقى ئانىدۇر .

  سەن ھەقىقى ئايال بولاي دېسەڭ ، ئانا بولغاندىن كىيىنكى ھاياتىڭنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئىرىڭ ھەم باللىرىڭغا تەۋە ئىكەنىكىنى ئىتىراپ قىلىشىڭ كېرەك .

      سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ ، ئۆزۈڭنى بىر ئايال سۈپىتىدە تونىغىن ، ئۆز مەسئۇلىيتىڭنى ، بۇرچۇڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ قالمىغايسەن .

       سەن ھەقىقى ئانا بولماقچى بولساڭ ، پەرزەنتىڭنىڭ تەقدىرىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشنى بىلگىن .

          قىز – ئاياللارنىڭ ئىپپىتى ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى . شۇڭا سەن ھەقىقى ئايال بولماقچى بولساڭ ، ئىپپىتىڭنى جان تىكىپ قوغدىغىن .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 03:32:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھەقىقى ئايال


●مېھرىنى ھەممىگە، سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالىغان ئايال ھەقىقىي مۇھەببەتلىك ئايال؛

● ھەم جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالىدىغان، ھەم روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلىكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايال. ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان، ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەخلاقلىق ئايال؛

●گۈزەللىكىنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان، لېكىن ئۇنى ھەرگىز بازارغا سالمايدىغان ئايال ھەقىقىي نومۇسلۇق ئايال؛ كۆڭلى بولمىسا، ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ، ئىشقى باغلانسا، كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قويالايدىغان ئايال ھەقىقىي ئىپپەتلىك ئايال؛

●ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە كەكرىنىمۇ شېرىن ھېس قىلدۇرالايدىغان ئايال ھەقىقىي پەزىلەتلىك ئايال؛ ھەم سۆيگەن يارىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان، ھەم يىقىلغان يارىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي ۋاپادار ئايال؛

●راستنى ھامان راست دەيدىغان، لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان يەردە، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي سەمىمىي ئايال؛ ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە يىغالايدىغان، ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان، شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى، يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئايال ھەقىقىي سالماقلىق ئايال؛

●چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ، ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان، لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچېپ ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۇۋەتمەيدىغان ئايال ھەقىقىي ئەقىللىق ئايال؛ ئۆزىنى قەدىرلىگەنگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقىشنى بىلىدىغان ئايال ھەقىقىي غورۇرلۇق ئايال؛

●ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى يارىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان، بېشىغا جۇدالىق كەلسە، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋىتىپ، يەنە يېڭىۋاشتىن ھاياتنى سۆيەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي ساداقەتمەن ئايال؛ بالا ئۈچۈن ئانا زېمىندەك بارلىق ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ ئىڭرىمايدىغان، ھەتتا قورساقتىكى بالىسىنىڭ ئامان-ئېسەن تۇغۇلىشى ئۈچۈن كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرەلەيدىغان ئايال ھەقىقىي پىداكار ئايال؛

●پەرزەنتىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيلەشنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئايال ھەقىقىي كۆيۈمچان ئايالدۇر.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 03:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     دانـىـشـمـەنـلـەر قـىـزلارغـا نـىـمە دەيدۇ؟


1. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورانغىنىدۇر. ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەم قاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسىمۇ شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ. ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نومۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقىملىق كۆرىنىدۇ. ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر. كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭ ئۇيتى بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.

2. ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر. قىزلارنىڭ تەبىئىتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپسىلىك، زىيانلىق، ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ. قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق، ئەقلى بولسا خەزىنە. ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:‹‹ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەتلىك ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز جانسىز جەسەت كەبىيدۇر›› دېگەن ئىدى. دەر ھەقىقەت ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسق كۆرسىتىدىغان نەرسە-كىشنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر. ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەنگەن قىز ھامانەم ھەققىي ئىنسانلىق خاراكتېرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

3. ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بۇلىقى. بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ. بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب: تىل-يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلىسا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ، كىشلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈ كۈت قىلىش بىلەن ماختان. ھەر نەرسىنىڭ دەلىلى بار. ئەقلىنىڭ دەلىلى-پىكىر، پىكىرنىڭ دەلىلى-سۈكۈتتۇر. سەن سۈ كۈت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىڭگە يېتەلەيسەن. سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.

4. ئەي قىزىم، كىشىنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما. ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسىلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر، ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە، كۈچۈ ڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما. ھەر ئىشتا ئوتتۇرىھاللىقىنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك . جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارە سۆزلە، زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق. ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گوياكى ئاجىزلىقىدىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن. بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن-كەلمىسۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا. چۈنكى سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.

5. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى سىلىق-سىپايە، دەل جايغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر. سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛ ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلماسلىق كېرەك. خەلقىمىز تولا گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا دەپ ئاتايدۇ. كۆپ گەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلىتىدۇ، خاراكتېرىدىن مەمەدانلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىدىكى مەقسىتى ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.

6. ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان، ھايالىق بولىدۇ. يۈرۈش-تۈرۈش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ. كىشلەر ئارىسىدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىش، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ. ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرىنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ. ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ. قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر. ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ھەددىن زىيادە پەرداز قىلىش ، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن.

7. ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى، ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر. دانا كىشلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ. چۈنكى، ئىلىم ئاۋۋال پەزىلەتلىك كىشلەردىن مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛ ئىككىنچى، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلسا، بايلىق مەنمەنلىك پەيدا قىلىدۇ؛ ئۈچىنچى، ئىلىملىك كىشنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولىدۇ؛ تۆتىنچى، مالدار كىشلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولىدۇ؛ بەشىنچى، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاب كەلتۈرىدۇ.

8. ئەي قىزىم، ئۈ چ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىردىدۇر. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈ چ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋېردىغانلار، بۇنداق كىشلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسىنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقماي يەۋېرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۈچىنچىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ.

9. ئەي قىزىم، ياخشى خۇيلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتېرىدا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپىلەپ تەربىيلەپ ئەجىر سىڭدۈرىشىگە، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

10. ئەي قىزىم، شىجائەت، ساخاۋەت ۋە خۇشخۇلقلۇق ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشلەر ھەر دائىم ئۇلۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمان بولۇر. مەزكۇر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلقلۇق ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. چۈنكى، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشلەرگە ھەرخىل شەرت-شارائىتلار كېرەك. ئەمما، خۇشخۇلقلۇق شۇنداق نەرسىكى، ئەمما، ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ. يېقىملىق خۇلق ئىگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ. بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلشتىن تاشقىرى ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ. باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.

11. ئەي قىزىم، دەۋرداشلىرىڭىدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تولىمۇ نۇمۇسلۇق ئىش. ئادەم تۇرۇپ ئادىمىيلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ. شۇڭا ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب بىلىمسىزلىكتۇر. نۇمۇس قىلىش توغرا كەلسە ئۆزەڭنىڭ نادانلىقىدىن نۇمۇس قىل، خورلۇق ھېس قىلىش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان. بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تۇيغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، سەن ئالدىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ، ھاقارەتلىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ ھېس قىلالايسەن. نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەيسەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچىلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن.

12. ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا ئىلىشكەن يامان داغ- نۇمۇسنىڭ كېتىشى بەكمۇ قېيىن. بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبرىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۈبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ. بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قىلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىنىنى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ. ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى قىز بالا مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك. ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشلەر ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ.

13. ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمىد يار بولسۇن. تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىدسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ. ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم. ئۈمىد بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ، ئەمما قورساق تويغۇزىۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ. باشقىلارنىڭ ياخشلىقىنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىك لازىم. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۆزۈڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم. ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر.

14. ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ. باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش ئۆزىگە ياپدا يەتكۈزگەنلىك، باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۆزىگە زىيان سالغانلىق، باشقىلارغا يول قۇيۇش ئۆزىگە يول قويغانلىق، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ. باشقىلارغا يول قۇيۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز، يول قويسىڭىز نىيتىڭىزگە يېتسىز. ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. يول قۇيۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگىلىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك.

15. ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولغايسىز. تاكى جەمئىيەتكە كىشلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ: <بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ، نېمە ئىش ھەۋەس قىلىدىغاندۇ، ئەجەپ ئەدەپلىك قىزكىنا> دەپ ئېغىزنى چاكىلدىتىپ قالسۇن. سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن، ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەپسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بۇلغىنىدۇ، ئابرۇيىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسز. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسنى چىڭ ساقلىيالىسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ، ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرىسىز.

16. ئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ. شۇڭا زەربىگە ئۇچرىغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرىڭىزدا، سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ.بولۇپمۇ بەزىلەر ساڭا بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يوقلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سەن ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قولچۇمىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ.

17. ئەي قىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تونۇشتا بولمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلىنىشى مۇقەررەر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئۆزىمىزنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئويغۇتالىشىمىز، ئاندىن تامامەن يېپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارىتىشىمىز مۇمكىن، ئۆزىگە ئىشىنىش-مۇمكىنسىزلىكىنى مۇمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئەمما، ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك-ئەسلىدىكى مۇمكىنچىلىكىنى مۇمكىنسىزلىككە ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

18. ئەي قىزىم، ئاقىللار ئۆزلىرىنى دۈشمەن ھىيلە-مىكىرىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ. غاپىل كىشلەر بولسا دۈشمەننىڭ يالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقىنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ. ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشىگە قەست قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىسە، ھىيلە ئىشلىتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولىنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۇم بولىۋېلىپ، سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولىدۇ-دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلارنى سالىدۇ. خامىنىدىن باشقىسىنى كۆيدۈرمەيدۇ ۋە قازا ئوقىدەك مۇرات نىشانىسىدىن بۆلەك نەرسىگە خاتالىشىپ تەگمەيدۇ.

19. ئەي قىزىم، ئەگەر بىرى سېنىڭ ئەيىب، نۇقسانلىرىڭنى ئېيتسا قۇبۇل قىلىپ كەمچىللىكىڭنى تۈگىتىشكە تىرىش. سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالنى ئېيتىپ كەلگەن كىشنى زادى كەمسىتمە، بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقىدىن قۇتۇلدۇر. ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول. چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممە ئىشىڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ. ئەگەر تېرىلغۇلىرىڭ ۋەيران بولسا تىرىكچىلىكىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتىدۇ. دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول. خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولۇشنى ئىزلىسەڭ، ئالىيجاناپلىق يولىنى تۇت.

20. ئەي قىزىم، ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ مۇئامىلىسى قۇپال، چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئشىنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم، ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆڭلى قالىدۇ. ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايەن قىلالمايدۇ. قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەت بەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى، مۇئامىلە سەنئىتىنى بىلمىسە، ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭ ھۆرمەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يۇقىرى بولۇش كېرەك.

21. ئەي قىزىم، سۆزلەش ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ. ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەككى، ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم جەۋگاننىڭ توپىسىغا ئايلاندۇرغان، جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نۇقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان. سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم. بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىك ۋە بىمەھەللىك كىلىتى بىلەن سۆزلىشىش قۇلۇپنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرى توغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭ گۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈچىلىرى نەزىرىدە ئېتىباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ.

22. ئەي قىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دېگەن ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە، پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدىغان گەپ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى، پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بۇلغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر. ئۆزىنى پۇل قاپقىنىدىن ئامان ساقلىيالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇنداق چىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتسىمۇ ئەرزىيدۇ. پۇل تاپ، لېكىن-پۇلنىڭ ئەسىرى بولۇپ قالما. پۇل دېگەن ئادەمنى ئەزىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ. پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بۇلغاپ ئىنسانىي پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش خارلىق دېگەن شۇ. _

23. ئەي قىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نۇمۇس چۈمپەردىسىگە چۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرىنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈرىكىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يوسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈرىكىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ؛ ئەگەر سىز كەسپى ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلىسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان شەخسكە ئايلىنىسىز.

24. ئەي قىزىم، ئېغىر بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۆھەر دېسەڭ، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغان مەدەندۇر. بۇلار ئارقىلىق سەن شاھ بىلەن گاداينى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرالايسەن. ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشىنى ئادەملەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەردىن، ئارازچىلىق ۋە پىتنە پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ. مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك بولۇش ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مېۋىلىك بېغىدۇر، ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولغان زەر كانىدۇر. بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس. ئۇنىڭدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خوش ھىدى پۈتكۈل يەر جاھاننى دائىما ئىللىتىپ تۇرغاي.

25. ئەي قىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق ياتلىنىدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ قايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ. مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بول، ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شۆھرىتىنى ئۆزۈڭ كۆرىسەن.

26. ئەي قىزىم، بىلىم بىلەن جاسارەت ئۇنتۇلماستۇر، دېمەك ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇلماس قىلىپ قويالايدۇ. سەن قانداق بىلىم ئىگىلىگەن بولساڭ، شۇنداق ئادەم بولىسەن. ھەققىي ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولساڭ، خالىغىنىڭچە ئىش قىلالايدىغان بولىسەن. ھېچنىمىدىن خەۋىرى يوقلار ئۆزىنى قاراڭغۇ دۇنياغا قاماپ قويغان بىلەن باراۋەر. جىسمانىي قۇدرەت ۋە ئەقلىي قابىلىيەت گويا ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشايدۇ. پاراسەتلىك، ئەمما جاسارەتسىز بولغانلارنىڭ پاراسىتى مېۋە بەرمەيدۇ.

27. ئەي قىزىم، مۇنۇ ئون گۈزەل خىسلەت ئادەمگە بەخت-قۇت كەلتۈرىدۇ: ھايا، مۇرۇۋۋەت، ساداقەت، تەۋازۇ، ئەمگەك، سېخىيلىق، نۇمۇس، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئادالەت، ھېلىم (مۇلايىملىق) ۋە شىجائەت. مۇنۇ ئون يامان خىسلەت ئادەمنى بەختسىزلىك-پالاكەتكە سۆرەيدۇ: ھەسەت، ئاداۋەت، بېخىللىق، تەكەببۇرلۇق، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، چېقىمچىلىق، خىيانەت، جاھىللىق ۋە ھورۇنلۇق. كىمنىڭ ھىممىتى ئۈستۈن بولسا، شۇنىڭ بىلەن قەدىر-قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولغۇسى. بىراۋ ئەدەپ ئۆگەتسە، ئۆگەنمىگەن كىشى ھايۋان؛ ئۆزۈر سورىسا، قوبۇل قىلمىغان كىشى شەيتاندۇر.

28. ئەي قىزىم، ئېيتقان سۆزىدىن يانمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەم بۈگۈن سۆزلىگەن سۆزىدىن ئەتىسى كۈنى تېنىۋالمايدۇ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. كىشى ۋەدە قىلىپ قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلسا، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنچى ئاشىدۇ ۋەدىنىڭ ئاپىتى-ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق ياكى ئۇنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتۇر. ۋەدىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋەدە قىلغۇچى باشقىلار ماقۇل بولغۇدەك بىر ئۆزۈر كۆرسىتەلمىسە، كىشلەر ئۇنىڭدىن ۋەدە تەلەپ قىلمايدىغان، ۋەدە بەرسىمۇ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش چىن ئىنسانلىق خىسلىتىدۇر.

29. ئەي قىزىم، ئىنسانلار ئۈچۈن ھايا-ئىنتايىن شەرەپلىك بىر خىسلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر. ھايا ئادەمزات جەمىئىيىتىنىڭ گۈزەل ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر شەرتتۇر. ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەخلاق كىشلەر ئارىسىدىن يوقىلىپ كەتسە، كىشى-كىشىدىن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۇيالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئالەمنىڭ نىزامى بۇزۇلىدۇ. خەلقئارا ئېسىل رەسمىيەتلەر يوقىلىدۇ. مەئىشەت ئامانلىقىغا زور بالالار تۇغۇلىدۇ. كىشلەر بىر-بىرىنىڭ ھەققىدە دىيانەت ۋە ساداقەت ساقلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى تالاپ ۋەيران قىلىدۇ. ھايا كىشىلەرنى ناچار ئەخلاق ۋە قىلىقلاردىن چەتكە تارتىدىغان تەبىئىي كۈچتۇر. ئىنسانغا ھايادىن تولۇق پايدا ۋە مەنپەئەت باردۇر، ياخشى خۇي-ئەخلاق مېۋىسى ھايانىڭ سۈيى ۋە ئاپتىپىدىن پەرۋىش تاپمىسا، تولۇق پىشالمايدۇ.

30. ئەي قىزىم، ھۆكۈمالار خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى ئون خىل بولىدۇ دەيدۇ. بىرىنچى ياخشى ئىش توغرىسىدا كىشلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىق. ئىككىنچى، ئۆز نەپسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئىنساپ كۆرسىتىش. ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك. تۆتىنچى، كىشلەردىن نالايىق ئىشلار سادىر بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا سېلىش. بەشىنچى، گۇناھكار گۇناھىدىن ئۆزرە ئېيتىپ كەلسە قوبۇل قىلىش، ئالتىنچى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىش. يەتتىنچى،كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىش. سەككىزىنچى، ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەسلىك. توققۇزىنچى، باشقا كىشلەرگە چېھرىدىن مېھرىنى كۆرسىتىش. ئونىنچى، كىشلەرگە ياخشى سۆز قىلىش.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 11:28:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         ئايالنىڭ ئائىلىدىكى مەۋجۇدىيىتى


ئاياللار ئائىلىنىڭ گۈل-تاجى بولۇش بىلەن بىرگە شۇ ئائىلىنىڭ بەختى ۋە خۇشاللىقى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان شەخسىيەتسىز مېھنەتكەشتۇر. ئائىلە ئايال بىلەن بەخت بوستانىغا ئايلانسا، ئۆز نۆۋىتىدە ئايال سەۋەبلىك بوران ئۇچقان خارابلىققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئاياللارنى ئاسراش، ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى. ئانىلارغا كۆيۈنۈش پەرزەنتلەرنىڭ بۇرچىدۇر.

ئۆي ئىشلىرى دېگەندە ئەڭ ئاۋۋال ئۆز- ئۆزىگە خىزمەت قىلىش، ئۆي- جاي ئىشلىرىغا قاراش، ئۇلارنى تازىلاش، ئازادە تۇتۇشقا ئوخشاش ئىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئايالنىڭ زىممىسىدىكى ئىشلار بولۇپ، گەرچە ئۇلارنىڭ ئىشنى نىسبەتەن يېنىكلەشتۈرىدىغان تېخنىكىلىق جابدۇقلىرىدىن چاڭ- توزان سۈمۈرگۈچ، كىرئالغۇ قاتارلىقلار ھازىر ئاساسەن ھەممە ئائىلىدە ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆي ئىشى يەنىلا ئاياللانىڭ كۆپ ۋاقتىنى، قۇۋۋىتىنى خورىتىدۇ.

ئىنگىلىز ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كىر يۇيۇش ۋە يۇيغان كىرلەرنى يېيىش ئۈچۈن سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ مىقدارى تىراكتور بىلەن ئىشلەش، ئەينەكلەرنى سۈرتۈش، ئاپتوموبىل ھەيدەشتىنمۇ كۆپرەك بولىدىكەن. بىر بىر قىسىم ئاياللار بۇنى كۆرۈپ، بىر كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆي يىغىشتۇرۇپ، ھەم كىر يۇيۇپ، ھەم ئەينەك سۈرتۈپ، يەنە كىيىم- كېچەكلەرگە دەزمال سالغان ۋاقىتلىرىمىز ئازمۇ؟ دېمىسىمۇ بۇ ئىشلار بىز دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشلارغۇ، دېيىشى مۇمكىن. ئاياللارنىڭ دۆلەت ئىشىدا ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلسىمۇ، ئۆي ئىشىدا ئۇلاردىن خېلى كۆپ مېھنەت سەرپ قىلىدىغانلىقى راست.

ئەنە شۇ مېھنەت كەينىدە ھەممىسى بىر خىللىقى بىلەن زېرىكەرلىك تۇيۇلىدىغان تاماق ئېتىش، ئۆي يىغىشتۇرۇش، كىر يۇيۇش، تۈرلۈك پىشۇرۇقلارنى تەييارلاش، نان يېقىش، سېيىر سېغىش، گۈللەرنى پەرۋىش قىلىش، يەنە پەرزەنتلەر تەربىيىسى، ئۇلارنى يۇيۇپ-تاراش، مېھمان كۈتۈش دېگەندەك ئىشلار تۇرىدۇ.

ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ئىشتىمۇ، ئۆيدىمۇ ئىككى ھەسسە مېھنەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ يېزا شارائىتىدا ياشاۋاتقان ئاياللارغا تېخىمۇ تەس. ئۇلار ئېتىزدا ئىشلەپ كېلىپ ئۆيدىمۇ ئارام ئالمايدۇ، ئۇلارنىڭ دەم ئالغۇدەك بوش ۋاقتىمۇ بولمىغاچقا دائىم ئۆي تەشۋىشلىرى بىلەن بەند بولىدۇ-دە، نېرۋىلىرى جىددىيلىشىپ ئاسان ئاچچىقلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆزىگە ئايرىم بوش ۋاقىت ئاجرىتالمىغانلىقتىن ھايات خۇشاللىقلىرىدىنمۇ يېتەرلىك بەھرىمان بولالمايدۇ.

ئەنە شۇنداق شارائىتتا تۇرۇقلۇق يەنە «سىز بەختلىكمۇ؟» دېگەن سۇئالغا ئۇلار:

- ھەئە، بەختلىكمەن، چۈنكى ئائىلەم بار، پەرزەنتلىرىم بار، ئۆيۈمدە مەن سۆيگەنلەر ۋە مېنى سۆيگەنلەر بار!- دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

بۇ بەختنىڭ تولۇقلىقى ۋە باقىيلىقىنى ئۇلار ئاۋۋال ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا، ئائىلىگە بولغان مۇناسىۋىتىدىن كۆرىدۇ. ئەگەر ئەر ئايالنى ھۆرمەت قىلسا، ئۇ ئەلۋەتتە ئۆي ئىشلىرىدا ئايالىغا ياردەم بېرىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئەلشىر نەۋائىي «مەھبۇبۇل قۇلۇپ» ناملىق ئەسىرىدە «ياخشى ئايال- ئائىلىنىڭ دۆلىتى ۋە بەختى. ئۆينىڭ ئازادىلىكى، ئۆي ئىگىسىنىڭ خاتىرجەم ئاسايىشلىقى ئۇنىڭغا باغلىق. چىرايلىق بولسا كۆڭۈل كۆركى، خۇش مۇئامىلە بولسا جان ئوزۇقىدۇر. ئائىلە بولسا ئۆيدە تەرتىپ، ئىنتىزام بولىدۇ. ئۆي جابدۇقلىرى پاكىزە ۋە رەتلىك تۇرىدۇ. كىشى بۇنىڭدەك جۈپتى ھالال بىلەن قوشۇلسا، غەم ۋە كۈلپەتتە سىرداشقا، ئاشكارا ۋە پىھان دەرد- ئەلەمدە ھەمنەپەس ۋە بەرداشقا ئىگە بولىدۇ» دەپ ئايالنىڭ ھاياتتىكى ئورنىغا مۇناسىپ باھا بەرگەن.

ئۆز جۈپتىنى ئايىغان ئەر ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە ئوزۇق- تۈلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېتەرلىك، كەم- كۈتىسىز بولۇشىنى ئۆز زىممىسىگە ئالىدۇ. بازارلىق، سودا- سېتىق ئىشلىرى بىلەن ئاساسەن ئۆزى شۇغۇللىنىدۇ. ئوغۇللارنىمۇ كىچىكىدىن شۇنىڭغا ئادەتلەندۈرگەن ياخشى. ئۆيدىكى بارلىق ئېغىر ئىش- تېرىقچىلىق ئىشلىرى، ماللارغا قاراش، ئوتۇن يېرىش، يىراقتىن سۇ يا بىرەر نەرسە كېرەك ئەكىلىش، ئۆيلەرنى ئاقارتىش، ئىشىك- دېرىزىلەرنى سىرلاش، پەرزەنتلەرنى بولۇپمۇ ئوغۇل بالىلارنى ئىشقا سېلىشنى بىلىش، ئۇلارغا ھۈنەر- كەسىپ ۋە سودا ئىشلىرىنى ئۆگىتىش ئاتىنىڭ ۋەزىپىسى. بولۇپمۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەرلەر بۇ ئىشلارنى ئۆز زىممىسىگە ئالسا، بۇ ئايالغا راھەت، ھوزۇر بېغىشلايدۇ.




http://www.radioxj.com/n14521c27.aspx

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 10:11:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           ئاياللارنىڭ ساپاسى مىللەتنىڭ ساپاسىنى بەلگىلەيدۇ


ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .

ئائىلە ــــ  بىر ئادەمنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىتىنىڭ يارىتىلىشىدىكى تۇنجى ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم مەكتەپ . دەل ئاشۇ ئائىلىدە ھەر بىر ئادەم ئەڭ ياخشى ياكى ئەڭ يامان ئەخلاقىي چېنىقىشقا ئۇچرايدۇ .
ئائىلىدە ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ قەلبى ئېچىلىشقا ، ئادەتلىرى پەيدا بولۇشقا ، ئەقلى ئويغىنىشقا ، ئېسىل ياكى قەبىھ ئەخلاق ــ پەزىلىتى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلايدۇ .
مىللەتنىڭ گۈللىنىشى يەسلىدىن باشلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بالىلارنى تەربىيلەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھۆكۈمەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىنمۇ چوڭقۇر بولىدۇ .
شەخىسنىڭ ھاياتىدا ئائىلىسىدىكى ياخشى باشلىنىش ۋە تەقدىم قىلىش روھى بولمايدىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەخلاقى پەقەت ساختا نىقابقا ئورالغان ئەخلاق ــ پەزىلەتتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ .
ئۆز پەرزەنتىگە مېھرى بولمىغان كىشىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان ھەقىقىي مېھىر ـ مۇھەببەتنى ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن ئەمەس .
ئائىلە مەدەنىيلىككە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان مەكتەپ . چۈنكى ، مەدەنىيلىكنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھېسابتا شەخس مەشىق قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ . جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ياش ــ ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئالغان ياخشى ياكى يامان تەربىيىسى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ .
مىلتوب : « سەھەر شۇ كۈندىن ئالدىن بىشارەت بەرگەندەك ، بالىلىق دەۋر بىر ئۆمۈردىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدۇ » دېگەنىدى .
قەدىمكى يۇناننىڭ مۇنداق ئەقلىيە سۆزى بار : « ئەگەر بالىڭىزنى قۇلغا  تەربىيلەتكۈزسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز بىر قۇلغا ئەمەس ، ئىككى قۇلغا ئېرىشىسىز . »
گېئورگې خېربېرت : « بىر ياخشى ئانا يۈز نەپەر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ » دېگەنىدى .
ئانا بىز ئىنسانلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان ئىلاھىمىز ، ئۇنىڭ تەسىرى مەڭگۈلۈك ۋە ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ .
تۇرسى : « مەيلى سىز قانچە ئۇزق ياشاڭ ، تۇنجى يىگىرمە يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تەڭ يېرىمى بولىدۇ » دېگەنىدى .
فرانسىيەنىڭ : « ئاياللار بولمىسا ، ئەرلەر مەڭگۈ ئىش كۆرمىگەن كىچىك بالا بولۇپ قېلىۋېرىدۇ » دېگەن ماقالى بار .
بىر ئائىلىدە ئەگەر ئانىنىڭ ئەخلاق پەزىلىتى دۇرۇس بولمىسا ، ئاتىنىڭ سۆز ــ ھەرىكىتى ھەر قانچە مەدەنىي بولسىمۇ ، بالىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ياراملىق ئادەم بولالىشى تولىمۇ قىيىن .
ئاياللار ئىنسانىيەتنىڭ ئېسىل ئەخلاق ــ پەزىلىتىنى يارىتىدۇ . بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر رەسىملەرنى سىزىشى ، ئۆلمەس مەشھۇر ئەدەبىي ئەسەر ۋە درامىلارنى يېزىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن بولىدۇ .
ئايال كىشى ئاقىلانە تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ، ئارتۇقچە گۆدەكلىك قىلمايدىغان ۋە يەڭگىللىك بىلەن قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدىغان بولىدۇ . ئەخلاق ۋە دىننىڭ تەربىيىسىگە  ئېرىشكەندىن كېيىن ، ئۇ ۋۇجۇدىدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا ئۇچرىمايلا قالماي ، ھەرخىل تەسىرلەرنى توسىيالايدىغان تېخىمۇ زور كۈچ ۋە ئىرادىگە ئىگە بولىدۇ .
ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئەھۋالى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ ئائىلىدە ئالغان تەربىيىسىگە باغلىق بولسا ، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىش مەسىلىسىى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە دەپ قارىلىشى كېرەك .
ئەرلەرنىڭ ئەخلاق ــ پەزىلىيىتى ۋە مەنىۋى كۈچى پەقەت ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پاكلىقى ۋە زېھنىي تەربىيلىنىشى ئىچىدىلا ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالەت ۋە مەدەتكە ئېرىشەلەيدۇ .





http://www.nur.cn/news/2009/12/816.shtml

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش