سىز يوللىغان بۇ تىما ،مەن بىلىدىغان تۆۋەندىكى شىئىرنى ئەسلەتتى،بۇ شىئىرنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلمەيمەن،بىراق ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان.
_سىزگە سۇندۇم قوبۇل قىلىڭ.
كىم بىلەن ئۆتكۇزدۇم ئايدىڭ كىچىنى؟
كىملەرنى ئازاپتا قالدۇرۇپ كەتتىم؟
ئىستىقبال مەن ئۇچۇن كۇلۇپ باققاندا،
كىم ئۇچۇن ئۇنىڭدىن تامام ۋاز كەچتىم؟
كىم ئۇچۇن ئۆرتەندىم تۇندە ياش تۆكۇپ؟
كىم بولدى شۇ تۈندە يانغان بىر تال شام؟
ئاھ كىملەر سالغانتى چوڭقۇر جاراھەت،
كىم بىلەن ساقايدى شۇكۆڭۇل يارام؟
كىم ئۇچۇن بەرگەنتىم قانچىلاپ قۇربان؟
كىمدۇر ئۇ قۇربانلىق تىلىسەم قاچقان؟
كىم بولدى قولۇمنى ئاۋايلاپ تۇتقان؟
ھەم كىم ئۇ مەن ئۇچۇن جاننى ئاتىغان؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahfiret2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-13 11:47 PM