kapsizparixta يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 04:44 PM
ئاداش ، بۇ ئىككىسىنى سىلىگە سوۋغا قىلاي ، يىزىلغان خە ...
ياخشىمۇسىز كەپسىز پەرىشتە!
سەمىمى بىر تەكلىپ بەرمەكچىمەن.
سىز يوللىغان سۈرەتلەردە سەل ئېگىز پەس سۆزلەر بار ئىكەن. بەلكىم ئۆزىڭىزمۇ ئالدىراشچىلىقتا كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز دىققەت قىلمىغان بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئاۋۇ سۆزلەر راستىنلا سەل خەتەرلىك سۆزلەر ئىكەن.ئەھلى مۇسۇلمانلاردىن بىلىپ تۇرۇپ مۇنداق سۆز چىقمايدۇ ھەم بۇنداق سۆزنى ئوقۇمايدۇ. ھەم بۇنداق سۆزنى تەشۋىق-تەۋسىيە قىلمايدۇ. ناۋادا قەستەن قىلغان بولسا ئۇنىڭدىن ئەھلى مۇسۇلمان مۇستەسنا. ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئاللاھ بېكىتكۈچىدۇر...
مەن بىر ئەھلى ئالىم، داموللام ئەمەس، بىراق ئاددى بىر مۇسۇلمانمەن. بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانچىلىق دىققىتىمىزنى تۈزلىنىپ كەتكەندەك ھىسياتقا كەلدىم. كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولدى.
ئىنكاسىم ئارقىلىق مەزكۇر ئىنكاسنى يوللىغۇچىنى بىرنەرسە دىمەكچى ئەمەسمەن، ئۇنى ئاللاھ بىلىدۇ. بىراق مۇشۇنداق بىر ئادەم كۆپ مۇنبەردە مۇشۇ سۆزنىڭ دىققەت قىلىنماي مۇشۇ چاغقا كەلگىنى، بىرەر باشقۇرغۇچىنىڭ بولسىمۇ تەھرىرلەپ ئەسكەرتىش بېرىۋەتمىگىنىگە بەكمۇ غەشلىك ھىس قىلدىم...
-------------------------------
(بۇ توغرىسىدا زور مۇنازىرە بوپ كېتىشىنى خالىمايمەن ھەم ئۇنداق مەقسىتىم يوق، ئەھۋال يۇقىرىدا دىگەندەك، شۇنى كۆرۈپ بىلىپلا قالساق، خاتالىقنى كۆرگەن بولساق تۈزەتسەكلا بولىدۇ. ئۆز ئارا ئازارلىشىدىغان ئىش بىلەن زادى خوشۇم يوق.)