ئاپتورنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش روھىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمىدىم
دەل ۋاختىدا ئېلان قىلىنغان ماقالە بوپتۇ بۇ.مەن ماقالىدىكى تەھلىللەرگە قوشۇلىمەن،پىكىر ئورتاقلىغىمىز باركەن.
كۆپىنچە كىشىلەر(بىزدە بەك كۆپ)كۈن بويى ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي يۈرىدۇ،مانا مۇشۇنداق 100-200قىسىملىق فىلىملار بولسا،قىلىىدىغانغا ئىش چىقىپ دۈملا چۈشىدۇ.مەن يېقىنقى بىر ئايدىن بويان جەنۇپ-شىمال تەرەپلەرگە بېرىپ كەلدىم شىمالدا ئالتاي،چۆچەك،ئىلى،جەنۇپتا خوـەندىن تارتىپ كۈندە كەچتە ئۆيدىكى قىززىق تېما مانا سىز دېگەن ھىندى فىلىمى ماڭلاي سۇرۇق.چەت قىرلاردىكى،يايلاقلاردىكى قازاق چارۋىچىلارمۇ كۈن نۇرى باتارىيەنىڭ كۈچى بىلەن مۇشۇ فىلىمنى كۆرۈشۈپ ئىڭەكلىرىنى يۆلەپ ئولتۇرشىدىكەن،ئۇيغۇر يۇرتلىرىدىكى ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر،مەسچىتنىڭ ئىماملىرى كۆرۈشكە ۋاقىت چىقمىغان بولىشى مۈمكىن،قالغان 7ياشتىن 70ياشقىچە ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەن دۈم چۈشۈپتۇ
.مېنىڭ باشتا سەل ئاچچىغىم كەلدى،كېيىن تەھلىل قىلىپ باقسام،بۇ نوقۇل خەلقنىڭ ساپا مەسىلىسى ئەمەستەك قىلىدۇ.