مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: soygum

ماڭلاي سۇرۇقتىن مەدەنىيەت ئۇرۇقىغىچە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9806
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4607 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 01:20:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنونى ئازراق كۆرۈڭلار ئىشقىلىپ پايدىسى يوق ،ۋاقىت ئىسراپچىلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 941 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 01:54:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىنو شۇنداق بىر كىنوكى، بۇ كىنودا رېژىسور، ئارتىسلارنى ئېشەك ئېتىپ مىنگەن دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن قالماي يەنە بىز كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھېسىياتىنىمۇ قىلچە ھۆرمەت قىلمىغان. بۇ كىنونى ماڭلاي سۇرۇغ دەپ ئاتىماي بۇددىست ئائىلىسىدىكى فانتازىيە دەپ ئاتاش كېرەك.رېژىسورنىڭ ئاتالمىش ئۇستىلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار مەجبۇرىي ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ مۇمكىن قىلىنغان، كىنو مەجبۇرىي مۇشۇ يوسۇندا داۋاملىشىپ ھېكايىدىن رومانغا ئۆزگەرگەن ..مۇشۇنداق قىلىپ بىز مۇشۇ كىنونى تولۇق كۆرۈپ بولۇش ئۈچۈن كەتكەن جەمئىي ۋاقىتنى  قوشقانداتەخمىنەن ئۈچ كېچە— كۈندۈز ۋاقتىمىزنى پەقەتلا مۇشۇ ئەرزىمەس بىر كىنو ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغان بولىمىز... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   FIRDEWIS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 03:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 941 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 02:00:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىنونىڭ بىزگە بىرەر مەنپەئەت ئېلىپ كىلىشىگە ئىشەنمەيلا قالماستىن بەلكى بۇ كىنونىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ھىلىگەر، قۇۋ، ئاداۋەتخور، پەسكەش، مۇشرىك بولغىلى بولىدىغانلىقىغا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن ..

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

قاراخان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10089
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1934 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 02:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى بىزدىكى خېلى مۇھىم، ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قېلىش ھالىتىگە كېلىپ قالغان بىر مەسىلىنى ئوتۇرىغا قويۇپتۇ.  
توۋا دەيمەن ،بەزىلەر ھەتتا كۆڭۈلدىكى سۆز پىروگراممىسىدا كورىيە فىلىملىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن بولغاچقا شۇنداق ئالقىشقا ئېرىشتى دەپ سۆزلەپ كەتكەنىدى . كورىيەنىڭ دۇنيادىكى سېرىق فىلىم ئەڭ كۆپ ئىشلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى ،ياشلاردىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ ھۆكۈمەتنىمۇ ئەنسىرتىپ قويۋاتقانلىقى ، بۇفىلىملەرنىڭ شۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ،كورىيە ياشلىرىنى ئەدەپكە قايتىشقا دەۋەت قىلىش ۋە سىرتقا قارىتا كورىيە مەدەنىيتىنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىشلەنگىنى دۇنيا ۋەزىيىتىدىن ئازراقلا خەۋەردار كىشلەرگە مەخپىي بولمىسا كېرەك .  شۇچاغلاردا كورىيە كىيىملىرىنى كىيىش قىز -ئاياللىرىمىزدا ئاجايىپ ئەۋج ئالغانىدى ... ئەمدى ھازىر شۇنڭغا ئۇلاپلا تۈركىيە ،ھىندىستان كىنولىرى ھەممىلا جاينى قاپلاپ كەتتى... بازارلاردا بولسا  يالغان -راست تۈركىيە كىيىملىرى پۈتۈن دۇكانلىرىمىزنى بىر ئالدى  ، ئۇزۇن ئۆتمەي ھىندىلارنىڭ كىندىكىنى ئوچۇق قويىدىغان سارى دىگەن كىيملىرىمۇ پەيدا بولمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.  مانا بۇ خەقنىڭ كىنو ئىشلىشىدىكى ئاساسىي مەقسىتى - مەدەنيتىنى ،تاۋارلىرىنى بازارغا سېلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكى چىقپ تۇرمامدۇ؟
كىنونى كۆرۈش كېرەك ،لېكىن ھەممە ئىش ھىسابىدا بولمىسا ، ئاخىرىدا ھەرجەھەتتىن زىيان تاتىدىغىنى يەنلا بىزدەك پاسسسىپ مەدەنىيەت ئىستىمالچىلىرى ..    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 02:32 PM  


مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 766
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13358
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 5282 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 02:51:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ناھايىتى ئەتراپلىق ، ئىزتىراپلىق ئەسەر بوپتۇ . مەنمۇ نەچچە قىسىمنى ناھايىتى بىرىلىپ ۋەقەلىكىگە چۈكۈپ كۆردۈم ، ئەمما فىلىم بارغانسىرى تەبىئىيلىكتىن سۈنئىيلىككە ، رىئاللىقتىن ھالقىپ ئويدۇرمىغا قاراپ تەرەققىي قىلىغىلى تۇردى ، ئەلۋەتتە ئازراقلا ئەدەبىيات ،ۋە قەلەم قۇۋۋىتى بار كىشىلەر ئۈچۈن بۇلارنى بىلىۋىلىش ئانچە تەس ئەمەس . شۇنىڭ ئورنىغا ھىلىقى داڭلىق چولپانلار رول ئالغان بىلەت كىرىمىدە زور نەتىجە ھاسىل قىلغان ، مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان 2-3 سائەتلىك فىلىملەرنى كۆرسە ئادەمنىڭ ھەر تەرەپلىمە ساپاسى ئۈسۈپ بارىدىكەن ، بۇنداق فىلىملەرنىڭ ۋەقەلىك ، پىرسۇناژ ۋە باشقا ھەممە تەرىپى ناھايىتى تەبىئى،ئوبرازلىق ،رىئاللىققا ھۆرمەت قىلغان ،تەربىۋىي ئەھىمىيىتى زور بولىدىكەن .ھەقىقىي كىنو كۆرگەندەك بۇلىدىكەن .

باشقىلار كۆكتە ئ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81
يازما سانى: 2034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13481
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 02:52:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مەن ئۇ كىنونى ھەۋەسكار سۈپىتىدە كۈنى سائەتنىڭ توشۇشىغا يەيدىغان، ئىچىدىغاننى ھەتتا چىقىرىدىغاننى تۈگۈتۈپ ئولتۇرۇپ كۆردۈم. ھەم بۇنىڭدىن بۇرۇن، كېيىن قويۇلىۋاتقان كۆپ قىسىملىق كىنولارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەن دىسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. لېكىن كۆرۈپ بولغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم شۇ بولدىكى كورىيەنىڭ كىنولىرى تۇنجى بولۇپ قىزلىرىمىزغا ئەركە نايناقلىقنى، ئۆز تۇرمۇشىغا نارازىلىقىنى قوزغىسا، يىگىتلىرىمىزگە كىيىنىشىدىن نارازى بولۇشتەك ھالەتنى سۆرەپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن قىزلار گىرىملىرىنى كورىيەچىگە، يىگىىتلەرمۇ بوش كەلمەي كىيىملىرىنى كورىيەچىگە ئۆزگەرتىپ بولدى. بۇلارغۇ مەيلى. ئەمما توي قىلىپ تۇرمۇشلۇق بولغانلار ھىندىستاننىڭ، كورىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئاياللارغا كۆپرەك تەسىر قىلامدىكىن تاڭ) ئەرلىرىدىن رازى بولمايدىغان، تۇرمۇشىدىن بىزار بولىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ، ئاخىرى ئاجرىشىش باسقۇچىغا سۆرەپ كىردى. ئەمما كىنونىڭ تەسىرىدىن ئۆز تۇرمۇشىدىن ۋاز كەچكىنىدە بولسا كورىيەگە، تۈركىيەگە يەنە ھىندىستانغا چىقىپ ئەرگە تىگەلمەيدىغانلىقىدەك كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتنى ئۇنتۇلۇپ كەتتى. قىسقىسى بۇ كىنولارنىڭ بىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنىڭ قىلچىلىكمۇ ياخشى تەرىپى بولماستىن %100 سەلبى تەسىرنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن بۇنداق سۆزلەش بىلەنلا كۆرۈرمەنلەرنى چەكلىگىلى بولمايدىكەن. كۆرگەن كۆزدە قالماپتۇ دەپ، بۇ تېمىنىڭ ياخشى تەرىپىنى مۇنبەردىلا قوبۇل قىلىپ قويۇپ، كەچ بولۇشىغىلا ھەممىنى تاشلاپ كىنوغا يۈگرەيدىغانلار يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بۇنى بىز نېمە دەيمىز، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق دىسەك توغرا بولار.

رەببىمنىڭ ئاللاھ، دىنىمنىڭ ئىسلام، پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغىنىدىن مەمنۇن بولدۇم....!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8300
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4607
تۆھپە نۇمۇرى: 651
توردا: 7222 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 03:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېندىستاننىڭ كىنوسىنى  بىز  ئويغورلا  كوردىكەنمىز  ئولارچۇ  بىز ئويغورلا   كىنوسىنى   كورەمۇ ياق  ئولا كۇمەيدۇ                 يوقالسۇن   ھېندىستاننىڭ كىنولىرى

çok sevmek hataysa, ben büyü

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25578
يازما سانى: 234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5742
تۆھپە نۇمۇرى: 295
توردا: 195 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 04:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچبىر يېرى قىزىمايدىكەنغۇ بۇ كېنۇنىڭ......كۈندە خەنزۇچە خەۋەر قانىلىنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالدىم....
كېنۇ كۆزگگندىن باھادىرنامىنى ئوقۇڭلار....ئاشۇ كىتاب بەك قىزىقكەن.

باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ھەم ھەسەت قىلغۇدەك ياشا!!!!

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 911
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13009
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5020 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 04:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   باشقىچە تەلەپپۇزدا ئىنكاس يازغىنىمنى كەچۈرۈڭلار ..........  مۇشۇمۇ كىنو بولدىمۇ ؟ بۇ كىنونىڭ نەرىنى ياقتۇرۇپ كۈرىدىغىنىنى بىلمىدىم ، بەلكىم ئاشۇ ھىيلە - نەيرەڭلىرىگە ، ئىپلاسلىقلىرىغا قىزىقىپ كۆرسە كىرەك . مۇشۇ تىلىۋىزىيەدىكىلەرمۇ مۇشۇنداق تېتىقسىز نەرسىلەرنى قۇيۇشقا ، تەرجىمە قىلىشقا كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئەخلەت تەرگەن بولسىمۇ خېلى پۇللۇق بۇلۇپ قالاتتى ........... ............... ھەي بايقۇشلار سىلەر قويغىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ كىنوسى يوقمۇ ؟ يوق بولسا ئىشلىسەڭلار بولمامدۇ ؟ مەن كۆرەلەيدىغان ئۈچ قانالنىڭ ھەممىسىدە ساپ باشقىلارنىڭ كىنولىرى قۇيۇلىدۇ ، سىلەر بىزنى مايمۇن قىلىۋەتمەكچىمۇ ؟ سىلەر سەۋەپلىك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قانچىلىك ۋەيرانچىلىققا يۇلۇقتى ................................... ؟ بۇ تۆھپىمۇ ياكى جىنايىتىڭلارمۇ ؟...........................................................................
   توردا كۆرگەنلەر بولسا ئۇنىڭ يۇلى بۇلەك ، تىلىۋۇزۇردا كۆرگەنلەرگە كەلسەك مۇشۇنداق فىلىملەرنى ئۇيغۇرلار كۈرۈۋاتامدۇ ياكى ئۇيغۇرلارغا كۆرگۈزۈلۈۋاتامدۇ ئويلىشىپ باقساق بۇلىدۇ . كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىدا خەنچە قاناللارنى كۆرگىدەك خەنتىل ئىقتىدارى يوق ، بولمىسا  خەنچە قاناللاردا خېلى ياخشى نەرسىلەر بار . پالانى پۇلغا تىلىۋۇزۇر ئېلىپ قۇيۇپ ، سىنتەخسە ، ۋس د سېتىۋېلىپ  كۆرگىدەك ئىقتىساد تېخى يوق . شۇنداق بولغانىكەن  ش ج ت ۋ نىمىنى قۇيۇپ بەرسە شۇنى كۆرمەي ئامال يوق . ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك ئورۇن ، قانۇنى ساپا  ............ تېخى يوق . شۇڭا تىلىۋۇزۇر ئەخلەتكە كۈمۈلۈۋاتىدۇ ، بارا - بارا ئۇنىڭ ۋاستىسى بىلەن بىزنىڭ روھىيىتىمىزمۇ ئەخلەتكە كۈمۈلۈۋاتىدۇ .............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 04:32 PM  


كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82915
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3160
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 04:22:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەنىڭ  بولىشىدىن   قەتتىي   نەزەر  مەن  مۇشۇ  كۆپ   قىسىملىق   نەرسىلەنى  قەتتىي  كۆرمەيمەن..

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 100 چاكىنا ئىنكاس...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش