nazila998 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 12:09 AM
بۇ مۇنبەردە ئالتۇننىڭ گىپى چىقسىلا ، يىگىتلىرىمىز ت ...
ئالتۇننىڭ باھاسى يۇقۇرلىسا ياكى چۈششسە ،دۆلەت ئىقتىسادىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن بىلەن ، بىراق بىزدەك تۆۋەن قاتلامدىكى كەڭ پۇقرالارغا نىسپەتەن ئانچە روشەن تەسىر قىلىپ بولالمايدۇ .
بىز ئوغۇللار ئۈمىت قىلدىغىنىمىز ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشمىسىمۇ مەيلى ئىدى ،بىراق تويلۇقنىڭ باھاسى چۈشسسە بولاتتى
،بىز بىلەن قىرىشقاندەك ئالتۇننىڭ باھاسى بىلەن قىز-ئاياللارنىڭ باھاسى ئوڭ تاناسىپ بولۋاتىدۇ دىسە ئىچىمىزنى سىقىپ .
ئۆلگۈر ئالتۇننىڭ باھاسىمۇ خۇددى ، تورمۇزى يوق ماشىنا داۋاندىن چۈشىۋاتقان ماشىنىڭ سۈرىتىدەك تىز سۈئەت بىلەن ئۆسىۋاتىدۇ دەيمەن
يا بۇ ئالتۇن كاننىڭ ئىچگە كىرىپ ،كاننىڭ تۆت تىمىغا 360 گىرادۇس بۇرۇلغاچ ،ئاۋازىمىزنى تازا يۇقۇرى قىلىپ ، دۇنيادىكى دەيدىغان جىمىكى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ، بىزدەك بىقۇۋۇل يىگىتلەرنى ئويلاپ قوي بىزەڭ ئالتۇن ، يەر ئاستى كاننىڭ تىگىدە تالاي يىل كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرمەي چىرايىڭنى سارغايتىپ ياتساڭمۇ ياتىدىكەنسەن قارا ، سەن گەپ ئاڭلساڭ ئاڭلايسەنكە ،بىراق ماۋۇ خانىم قىزلىرىمىز ياغاچ قۇلاق بولۇپ كەتتى ، ئۇنداق زەي يەرنىڭ تىگىدە جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرمەي مولۇندەك كۆزۇڭنى پاقىرتىپ ياتقۇچە ، خانىم-قىزلارنىڭ قۇلىقىدا خانىم-قىزلارنىڭ ھىدىنى پۇرىغاچ ئۆزۇڭنىڭ نۇپۇزۇڭنى جىلۋە قىلغاچ ئەلتە-بەش كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرمەمسەن دەپ باقىدىغان ئىشمىكىن يا ؟
-كان ئىچىدكى ھەممە ئالتۇن گەپ چىشلىمىسىمۇ ،ھىچ بولمىغاندا بىر قىسىم كانغا قارا نۇپۇس سىرىق ئالتۇنلار بولسىمۇ گەپ چىشلەپ قالارمىكىن دەيمەن .
مەن دەيمەن بىزمۇ 50~40 يىل ئاۋال پەن-تېخنىكىدا تازا تەرەقى قىلغان بولساق ئىدۇق ، ئاتا-ئانىمىز ، تويلۇقنىڭ باھاسى يامان تۆۋەن مەزگىل ۋاقتىدا ، تىرناقتا توختۇغىدەك قىزلارنىڭ ئىچىدىن چىكىپ تالاپ يۈرۈپ تازا پىشقان پۇراقلىق قىزدىن بىرەنى بولسا ئىككى-ئۈچنى ، يۇقرى تېخنىكلىق ئازۇت گازلىق ئالاھىيدە ئىشلەنگەن توڭلاتقۇدا 30~20 يىللىق توڭلىتىپ قويغان بولسا ، مانا-مۇشۇنداق تويلۇقنىڭ يامان ئىغىر ۋاقتىدا ، توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدىكى جانلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش كۇنۇپكىسنى بىىسپلا، توڭلاتقۇنڭ ئىشكى ئالدىغا خوتەننىڭ ئەزەنراق گىلىمىدىن بىرنى سىلىپ قويۇپ، ئېسىل كىيىنگنچە ،بىر تال گۈلنى تۇتۇپ تۇرساق ، توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدكى قىز ، خۇددى ۇيقۇدىن ئويغانغان ساھىپجامالدەك ،ئاستا تولغانغاشقانچە كۆزىنى ئىچىپ ، توڭلاتقۇنىڭ ئالدىكى خوتەن گىلىمىنىڭ ئالدىغا لەپپىدە چۈشەتتىدە ، بىز بۇ چاغدا مەرھابا مەلىكە ، ئائىلىمىزگە خانىش بولغانلىقىمىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز دىگەنچە قولنىڭ چىڭ ئۇچىىدن يىنىك تۇتقانچە ، ئانا يىڭى كىلنىڭگە ئاشخاننى كۆرسىتىپ قويغىنە چاپسان ، مۇنۇ ئايالىم 30~20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ھىچقانداق سۈنئىي تەم-خۇرۇچىلىرى قوشۇلمىغان تەبئىي لەڭمەننى چاچنىڭ دانىسىدەك قىلىپ ، ئادەم بىشىغا ئىككى تەخسىدىن تەييار قىلسۇن دەپ ئانىمىزغا تاپشۇرۇپ بىرەتتۇقتە ، بۇ چاغدا 30~ يىنلىڭ ئالدىدىكى ساددا قىزلارنىڭ كاللىسدا ، بۇ يىڭى دەۋىردىكى تويلۇقنىڭ قىمەتلگى . ئەر بىرنى قويسا چومۇچ بىلەن ئەرنىڭ بىشىغا ئىككى قويۇش...... دىگەندەك ھوقۇقتا ئەرلەر بىلەن تەڭ بارابەر بولۇش ، قانۇن ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى قوغداش دىگەندەك ئەقلى ساۋاتنى بىلمىگەندىن كىيىن ، ساختىپەز زەگەر ئۇستامدىن سىتىۋالغان ساختا ئۈزۇك بىلەن ئازغىنە تويلۇققا ئەر مۇشۇ ،تۇرمۇش مۇشۇ دەپ ،يىڭى ئائىلىگە قۇمغا سۇ سىڭگەندەك چاپسانلا سىڭىپ كىتەتتىدە .
كىيىن بۇ ئىشلارنى قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئەركە-نايناق تەنناز كىلىنلىرى بىلەن ئولتۇرشقان سورۇنلرىدا بىلىپ قالدىمۇ دەيلى
، بۇ ئىشلارنىڭ تىگى-تەكتىنى چۈشىنىپ بولغۇچە بىشىغا ئاق كىرىپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ھۆتۇت-پۆتۇت دەي دىسە، ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان كىچىككەنلىكىنى ھىس قىلغان ، ئاخىرى دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ، دەردىنى تېلىۋۇزۇردىكى كورىيەنىڭ ئۇزۇن قىسىملىق كىنوسىدىن ئالغاچ خىزمىتىمزىنى قىلاتتى دەپ ، تولىمۇ ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 07:42 AM