سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 04:33 PM
مۇشۇ ئالتۇن گىپى چىقسا بۇ ئوغۇللارنىڭ قايناۋاتقىننى ك ...
شۇ پۇل تاپىلى دەپ يىتەرلىك پۇل تىپىپ بولغۇچە سىللەرنىڭ قىممىتڭلار ئۆسۇپ ، بۇرۇنقى يىتەرلىك تاپقان پۇلىمىز دىرىغا يىتىپ ئۆسۈپ كەتكەن يىرىگە يەنە يەتمەي قالدىكەن . يەتمەي قالغان يىرىنى تاپىمىز دەپ پۇلنىڭ كەينىدىن يەنە چاپىدىكەنمىز . بىر چاغدا پۇلنى تىپىپ ئۇھ دەپ قىزنىڭ ئىشكىنى چىكەي دىگەن نىيەتنى قىلىۋاتقاندا، بىز قىرىپ كۆزۈمىزنىڭ نۇرى قالماي . خۇتۇن ئىلىشنىڭ غىمىدىن ئۆلۇمنىڭ غىمى ئىشىپ كىتىدىكەن ئەمەسمۇ سۈمەيياخان ؟
بىزگە پۇل تىپىڭلار ! پۇل تىپىڭلار دەۋەرگۈچە قىممىتىڭلارغا تومۇز ئورنىتىپ قويغان بولساڭلار مۇشۇ قىينچىلىقمۇ يوق ئىدى .
مىنىمۇ پۇل تىپىڭ دىگەنتى .مەن پۇل تىپىش دىگەن ئۈنچە تەس ئىشمۇ ئەمەسقۇ ،
پاكىستاننىڭ لىراسىنى بىلەن كۇبانىڭ پۇلىسىدىن بىرنى تاللاپ دەڭ، شۇ خىلدىكى پۇلنى تاپاي دەسەم . خىلى باغرى يۇمشاق دەپ قارىغان ناتىۋان،كۆزىنى يۈمۈپ تۇرۇپ، ئافرىقا بىلەن كۇبانىڭ پۇلىمۇ پۇلمۇ ھەي ھازىر . ئامېرىكىنىڭ پۇلىنى تىپىڭ دەيدۇ .
مەن ھوي بىز جۇڭگۇلۇق تۇرساق ،ئامېرىكىنىڭ پۇلىنى قانداق قىلىمىز دىسەم ،گىپىڭىزغۇ توغرا. بوپتۇ بىر قىتىم گەپ چىشلەي ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇلىنى تاپسىڭىزمۇ تىپىڭ ، بىراق ئەمسىە قىزىل رەڭلىكىدىن تىپىڭ .قىىزل رەڭلىكى يامان ئاقسا ۋە بەك شۈشەن كۆرىنىدىكەن .مەنمغۇ پۇلنىڭ قىزىلى بولامدۇ سىرىغى بولامدۇ بەرىبىر ، بىراق ھازىرقى مودا دەۋرىدە زاماننىڭ كەينىدە قالمايلى دەيدۇ .
مەن ، ھە ماقۇلە !- سىز ئۈچۈنمۇ بولسا قىپقىزىل پۇلنىڭ، خەقنىڭ قولىغا ئۆتۈپ باقمىغىنىنى تىپىپ كىلەي دەپ ، ماۋۇ دۆلىتىمىزنىڭ پۇل باسىدىغان زاۋۇتىنى ئىزدەپ بۇ شەھرىگە كەلگەن ئىدىم ، مانا شۇنچە يىل بولۇپ كەتتى بۇ زاۋۇت پۇلىنى بىرەر قىتىم بولسىمۇ يايما قىلىپ توپقا سېتىپ باقمىدى .
شۇنچە پۇلنى زاۋۇتنىڭ ئىسكىلاتىدا تاي پاختىدەك بىسىپ قويغۇچە . كەچلىك بازاردا يايما قىلىپ 100 يۈۋنلىكنىڭ پارچە باھاسىنى 90~85 يۈۋەنگۈچە . توپقا ئالساق تىخمۇ ئىتىبار قىلىپ 80~70 يۈۋەنگۈچە بىر باھادا قىلىپ ، باھاسىنى بىر كۈنى يۇقۇرى بىر كۈنى پەس قىلىپ خىرىدارنى ئۈكىتىۋەتمەي يۇقارقىدەك بىر خىل باھادا ساتسا ، ھەممىنى يىغىپلا سېتىۋىلىپ شىنجاڭغا ئىلىپ چىقىپ، تازا بىر يۇقۇرى باھادا سىتىپ بىر پۇل قىلايمۇ دەپمۇ ئويلىغان. بىراق پەقەت بەخىت قۇشى نەلەردە ؟ كىملەرنىڭ تاز بىشىغا قايسى بىشى قىچىشىپ قالغانلارنىڭ بىشىغا قونىۋالدىكى شۇنچە ئىسقىرىتسام ھىچ بىر كىلىشىدىن شەپىمۇ يوق .
ھەر راسىت نەچچە ھەپتە بولدى . قاق ئەتتىگەندە يۈز-كۆزۇمنىمۇ يۇماستا چالا ئەسنىگەچ دەرىزىدىن كۆچىغا كۆزۈم چۈشۈپ قاپتۇ .قارىسام كوچىدا بىر تەنزىكەش بىر تالاي 100 يۈۋەنلىك ،50 يۈۋەنلىك پۇللارنى سىتىۋىتىپتۇ . يا مانا ماۋۇ ساراڭدىن بىرسىمۇ بولسا باركەن پۇل ساتىدىغان دەپ پورتىمالىمنى ئالدىميۇ پەسكە ئۆزۇمنى شۇقاردەك تەنزىكەشنىڭ تەنسىزگە ئاتتىم ، ئىككىنجى قەۋەتتىن تەزنىە ئۈستىگە چۈشكەچكىمۇ تاڭ ؟! بەدىنىم ئانچە ئاغىرىپمۇ كەتمىدى . تەنزىنڭ ئۈستىدىن قوپتۇم يۇ ،- ھە خەن يولداش ماۋۇ ھەممە پۇلۇڭنىڭ باھاسى قانچە چاپسان بىر دىگىنە دەپ سورسام، 100 يۈۋەنلىك پۇلدىن 100 دانىسىنىڭ باھاسى 10 يۈۋەن ، 50 يۈۋەنلىكتىن 100 دانىنىڭ .....دەپ بولغۇچە بولدى جىم جان دوستەك . ئاۋازىڭنى پەس قىل . باشقىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن . بولدى ھەممە پۇلۇڭنىڭ ھەر 100 دانىسىنى 50 يۈۋەنلىكتىن ئالدىم دەپلا ،تەنزىكەشنىڭ ئىگىسى ۋاي سەن ئالجىپ قالدىڭمۇ ،بۇ پۇل ....دەپ بولغۇچە ، مەنمۇ ھە سەن دىمىسەڭمۇ بىلىمەن بۇ پۇل شۇ مەن ئىزدەۋاتقان پۇل شۇ . بۇ پۇلنى تاپىمەندەپ نىمە
كۈنلەرنى كۆرمىدىم مەن دىگەنچە ،تەنزىكەشنىڭ ھەممە پۇللىرىنى سومكىغا تىقىپ . تەنزىكەشنىڭ چالۋاقلارشىرىغا پەرۋا قىلماي . ياتاققا ئىلىپ چىقىپ كارۋاتنىڭ ئوتتۇرسىغا قويۇپ قويۇپ ، شۇنچە پۇلنى شۇنچە ئەزان ئىلىۋالغىنىمغا ئۆزۇممۇ ئىشەنمەي يىنىشلاپ-يىنىشلاپ قارايمەن . يۈزۈمنى موتاپ چىمداپ باقىمەن . يۈزۈم ئاغىرۋاتىدۇ دىمەك مەن رىئاللىقتىكى ئادەم . توقام-توقام پۇلنى ئىلىپ كىچىك بالىلار ئويۇنچۇق تىزغاندەك . ئۆزۇمچە ھەر خىل شەكلىدىكى نەرسىلەرنىڭ مودىلى شەكلىدە 100 يۈۋەنلىك پۇل بىلەن 50 يۈۋەنلىك پۇلنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ ياساپ باقىمەن . پۇتۇپ بولغاندا چۇۋۇپ باقىمەن . بۇنىڭدىنمۇ زىرىكىپ . ياتاقنىڭ تورىسغا قارىتىپ ئىتىپ باقىمەن . قانداق بولدى تورسقا قارىتىپ ئاتقان بىر باغلام پۇل بەك ئىگىز ئىتىلىپ كەتكەن چىغى تورۇستىكى ئاسما چىراققا تىگىپ كىتىپ يەرگە شارررررررررررىدە چۇۋۇلۈپ چۈشمەمۇ . بۇ پۇلنى رەتىلۋىتەي دەپ يەرگە قولۇمنى ئۇزاتقىنىمنى بىلىمەن . قارىسام يەرگە تەتۇر چۈشكەن پۇلنىڭ كەينى تەرىپى ئاق . ......ئىشەنمىدىم . بۇ بەلىكم بۇ پۇلنى زاۋۇتتاد بىسىش جەرياندا ئىھتىياتسىزلىقتىن پۇلنىڭ كەينى تەررىپىگە باسىدىغان رەسىمنى بىسىشنى ئۇنتۇپ قالغان چىغى دەپ ، چوقۇم باشقا پۇل مۇنداق ئەمەس دەپ باشقا پۇلغا قارىسام . بۇلارنىڭمۇ كەينى تەرىپى ئاق ...... ئۇ پۇلنى كۆرۇپ باقتىم . بۇ پۇلنى كۆرۇپ باقتىم ھەممىس ئوخشاش ،ھەممىسىنىڭ كەينى ئاق . ئۆڭسۇلۇم ئۆچتى . دىمدىم سىقىلىپ نەپسىم يىتىشمەي قالدى . ماڭا مۇنچە ساختا پۇلنى ساتقان ھىلىقى تەنزىكەشنى تىپىپ ئۇرۇپ-دەسسەپ يۇمۇلاق قىلىۋىتەي دەپ پەسكە چۈشۈپ تەنزىكەشنىڭ يىنىغا كەلسەم ، بۇ تەنزىكەش غىنىدا يوق بىخىرامان ھالدا يەنە پۇل سىتىۋىتىپتۇ . مەن پۇل سىتىۋالغانلارنى بىر ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، بۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش تەنزىكەشنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ . ھەي خىرىدارلار بۇ پۇل ساختا ، بۇ پۇلغا يىقىن كەلمەڭلار دەپ شۇنچە ۋاقىرساممۇ . باشقىلار گەپ-سۆزمۇ قىلماي ،بەس-بەس بىلەن پۇل سېتىۋىلىش بلىەن ئاۋارە . مەن تىخمۇ جىلى بولۇپ ھەي يولداشلار بۇ پۇل ساختا ،سىللەر ھەرگىزمۇ .....دىيشىمگە بىر خىرىدار ، ماڭا قاراپ ۋاي بولدى ! -سەن بىزگە دىسىەڭمۇ ،بۇ پۇلنىڭ ساختىلىقىنى بىزمۇ بىلمىز دىگەنچە پۇل سېتىۋىلىش بلىەن بەنىت بولىۋاتىدۇ . توۋا دەيمەن ! بۇ خەقنى ،ساراڭ بوپتۇ بۇلار !- ساختا پۇلنىمۇ ئالامدۇ ؟ -ھەي ! -توختا ساختا پۇلنى ئالدىغان مۇنداق ئەخمەق شەھەردە ،مەنمۇ ساختا پۇل ساتايچۇ دەپ . نەچچە كۈن بولدى دىگۈچە قەزىر پۇل دىگەننى بولدى دىگۈچە تەييار قىلىپ،ھىلىقى ساختا پۇلدىن 50 نەچچە يەشىك ئىلىپ ،بازارنىڭ تازا ئاۋات يىرىگە يايما قىلىپ شۇنچە خىرىدار كۈتسەمۇ بىرمۇ خىرىدار يوق . ۋاقراپ باقسام يەنە جىم . ئاخىرى بىر كىشىدىن سوردۇم يولداش . نەچچەكۈن ئىلگىرى مۇشۇ كوچىدا ،مۇشۇ ئورۇندا كىشىلەر ساختا پۇلنى بەس-بەستە سېتىۋالغىلى تۇرۇپتىكەن. مەنمۇ شۇ تىجارەتنى قىلىپ باقاي دەپ ،بۈگۈن شۇ پۇلدىن تازا ئىلىپ چىققان ئىدىم ، بىراق مانا شۇنچە ساقلىساممۇ بىرمۇ خىرىدارمۇ يوق دەپ دەرت تۆكسەم .ئۇ يولداش كۈلۈپ كىتىپ ،يولداش ئۇ كۈنى دىگەن ئەجداتلارغا قەغەز پۇل كۆيدۇردىغان بايرام ئىدى . بۈگۈن بولسا ساختا پۇلغا قارشى تۇرۇش بايرىمى دەيدۇ . بىر كۆزۈم شۇنچە زىيانغا چىدىماي يىغلاۋاتىدۇ
،بىر كۆزۈم بولسا ئۆزۇمنىڭ مۇنچە ئەخمەقلىكىمگە كۈلىۋاتىدۇ
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-24 04:28 AM