«ئىككى ئەخلەت»تىن ھەزەر ئەيلەڭ!
ـــــ زامانىمزدىكى «ئىككى ئەخلەت»ھەققىدە تاقا-تۇقا بايان
قاسىم سىدىق
ئاتالمىش«ئەلپەنچىلەرگە قارشى تۇرغۇچى»،«ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى چىركلىككە قارشى تۇرۇش ئاۋانگارتى»،«جوڭگۇ تىبابىتىگە قارشى تورغۇچى»مەشھور زات فاڭ جوزى«گېن كۈچۈرۈلگەن يىمەكلىك»لەرنى كۈچەپ تەرغىپ قىلغۇچى ئىكەن.بۇ سەۋەپتىن جوڭگۇ ئۇچۇر-ئاخبارات دۇنياسىدا ئاز بولمىغان دەتالاشلار مەيدانغا كىلىپ ،ھازىرغىچە بىسىقمايۋىتىپتۇ.فاڭ جۇزىنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىگىنى خەنزۇ تىل-يىزىغىنى بىلمەيدىغانلار بىلمەكچى بولسا جىك ئەپەندىنىڭ«ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا»سەرلەۋھەلىك يازمىسىنى ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپ تىپىپ كۇرۆپ چىقسا،بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيدۇ.
نەق گەپكە كەلسەك ،بۈگۈن جوڭگۇ« ئىلىم- پەن تورى»دا«فىرانسىيەدە گىنى ئۈزگەرتىلگەن قۇناق يىگەن چاشقانلارنى ئۆسمە قاپلاپ كەتتى»دىگەن خەۋەر ئېلان قىلىندى.تەتقىقات-تەجىرىبە نەتىجىلىرى ئىسپاتلاپتۇكى،«گېن كۈچۈرۆلگەن يىمەكلىك»تە بېقىلغان چاشقانلار راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ،ئۈلۈم نىسبىتى يوقۇرلاپ كىتىپتۇ.
تۈۋەندىكىسى شۇ خىل يىمەكلىكتە بېقىپ تەجىرىبە قىلىنغان چاشقانلارنىڭ سۈرىتى:
ھازىر بىزنىڭ جىسمانى ۋە مەنىۋى بىخەتەرلىگىمىزگە خەۋىپ ئىلىپ كىلىدىغان ئەخلەت يازما،ئەخلەت يىمەكلىكلەر بەكمۇ كۆپۇيۇپ كەتتى.ئەخلەت يازمىلار روھىمىزنى،ئۈمىت -ئىشەنچىمىزنى،جاسارىتىمىزنى ،ئۆز ئارا مىھىر -مۇھەببىتىمىزنى،ھەمكارلىشىش روھىمىزنى كاردىن چىقارسا،ئەخلەت يىمكلىكلەر سالامەتلىگىمىزنى،ساغلام ئەۋلات قالدۇرۇش ئېقتىدارىمىزنى كاردىن چىقارماقتا.بىز پىرىنسىپال ئاساسى بولمىغان،ساختاتېما،ئويدۇرماتېمىلارنىڭ مەنىۋى زىيانكەشلىكگە ئۇچراپ بىھۇدە تەپرىقىچىلىك ۋە زېھنى كۈچ ئىسراپچىلىغىنىڭ دەردىنى تارىتماقتىمىز.ھالبۇكى بىزنىڭ ئەخلەت يازمىلارغا بولغان سەزگۈرلىگىمىز ،ئەخلەت يىمەكلىكلەرگە بولغان سەزگۈرلىگىمىزدىن ئىنتايىن تۇۋەن.
مەن «كەڭساي»تورىدا«
ئالدىراقسانلىق بىلەن بېرىلگەن پەتىۋالار»دىگەن تېمىنى ئۇقۇپ چىقىپ قالايمىقان پەتىۋا چىقىرىدىغان،قالايمىقان باھا بىرىدىغان ئىشلارنىڭ دىنى ساھەدىلا ئەمەس ،پەننى ساھەدە،ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا مەنسۈپ بەزى يازمىلاردا ئۇچرايدىغانلىغىنى ھىس قىلدىم.
ھەر خىل مەنىۋى ۋە جىسمانى كىسەللەردىن خالى بولاي دىسىڭىز سىرتتىن ئىلىپ كىرىلگەن ھەرخىل مەنىۋى ۋەماددى «يىمەكلىك»لەرگەئىھتىياتچان مۇئامىلە قىلىڭ، قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ.
«گېنى ئۆزگەرتىلگەن »بەزى مەنىۋى ۋە ماددى«يىمەكلىك»لەرسىزنىڭ روھىڭىز ۋە جىسمىڭىزنى يۇقۇرقى سۈرەتتىكى چاشقانلاردەك قىلىپ قويمىسۇن.ھىلىھەم ھەرخىل ئەخلەتلەردىن ئاز بولغانمىدۇق،جىسمانى ۋە مەنىۋى مەۋجۈتلىگىمىزنى قوغداپ قالايلى دىسەك،«ئەخلەت يازما»،«ئەخلەت يىمەكىلىك»دىن ئىبارەت«ئىككى ئەخلەت»تىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيلى،ھوشيار تۇرايلى!.
پايدىلىنىش مەنبەلىرى:
1.法国吃转基因玉米实验鼠长满肿瘤
2.
جىك: ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا
3.ئالدىراقسانلىق بىلەن بېرىلگەن پەتىۋالار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 12:50 PM