جىسمانىيىتىمىزگە تەھدىت بولىۋاتقان «ئەخلەت»لەر ھەققىدەھەممىمىز ھەرھالدا بىر قەدەر ئېنىق تونۇشقا ئىگە،روھىيىتىمىزگە خەۋىپ ئىلىپ كىلىدىغان «ئەخلەت»لەر ھەققىدە بولسا بۇنداق « ئەخلەت»لەر بەك نۇرغۇن ۋەئالامىتى رۇشەن بولمىغانلىغى سەۋەبىدىن بولسا كىرەك ـ ئانچە تونۇشلۇق ئەمەسمىز.نىمىلا بولسۇن ھازىر جەمىيىتىمىز«مىڭە يۇيۇش»،«پىرۇگىراممىلاش»قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەن ئۈچراشتى.تۇۋەندىكى ئىككى پارچە ئۆزۆندىدە دىنى ساھە ۋە پەننى ساھەدىكى «ئەخلەت»لەر گە بولغان قارشىلىق ئەكىس ئەتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.قاراڭ:
.............................
دوكتور نەسىرنىڭ پىكرىگە يانداشقان ھالدا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئسىلام قانۇنشۇناسلىق نەزىرىيسى پەنلىرى ئۇستازى دوكتور مەھمۇد ئابدۇراھمان مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە نەق مەيدان بېرىلىۋاتقان پەتىۋالار مۇسۇلمانلاردىكى ئالىم-ئۆلىمالارغا قارىتا ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا.»
.................................
شۇ خىل پىكىرنى يەنە «ئەينى شەمس» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت پەنلىرى ئۇستازى دوكتور سەئىد ئەبۇلفۇتۇھمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى تەرتىپسىزلىكتە چېكىگە يەتتى. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك ئىلمىلىك ياكى ئىلىمسىز بولسۇن ھەممە ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىشقا ئۆزىنى ئۇرۇدىغان بولۇپ كەتتى.» دوكتور سەئىد يەنە يۇقىرىقى سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى: پەتىۋا ساھەسىدە كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار تەرپىدىن چىقىرىلغان بىر قىسىم پەتىۋالارنىڭ نۇرغۇنلىغان قانلارنىڭ تۆكۈلۈشى ۋە جەمىيەتنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.»
«ئالدىراقسانلىق بىلەن بېرىلگەن پەتىۋالار»دىن.
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-21574.html
جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسى فېئودال پادىشاھلىقنىڭ ئاۋامنى كولدۇرلىتىدىغان كونا ئۇسۇلىنى ئىلىم-پەنگە ئېلىپ كىردى: «مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي ئىلىم-پەن،ئەل-ئىچىدىكى ئىلىم-پەن ساختا ئىلىم-پەن.ئەمەلداربىلەن پۇقرا مەڭگۈبىر- بىرىگە قارشى.شۇڭا،ھەقىقىي ئىلىم-پەن بىلەن ساختائىلىم-پەنمۇ بىر-بىرىگە قارشى.ئاتالمىش مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئېيتماقچى بولغىنى شۇكى،ئىلىم-پەننى ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇتۇپ تۇرغاچقا،ھەقىقەت ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قولىدا؛ئاۋام-پۇقرادا ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى يوق،ئاۋام پۇقرانىڭ قولىدا ھەقىقەت يوق؛ ئاۋام-پۇقرا ھايۋانغىمۇ يەتمەيدۇ».مانا مۇشۇنداق ئىپلاس قاراقچى لوگىكىسى جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپىتىدۇر.بۇ جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ«ئالاھىدىلىكى»،جۇڭگو ئىلىم-پېنىدىكى چىرىكلىكنىڭ يامراش خاھىشى ۋە ئىدىيسى.
جۇڭگودا،ھەركۈنى مۈلكى ئىلىمگەرلەر ۋە ئەل ئىچى ئىلىمگەرلەرنىڭ غەۋغاسىنى قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرئىلىم-پەننىڭ نېمىلىكىنى،ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلىشىدە نېمىگە تاينىدىغانلىقىنى،قانداق روھقا تاينىپ چۆرگىلەيدىغانلىقىنى ئەسلا بىلىشمەيدۇ.
«جۇڭگۇ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يۇقاتتى»دىن
http://kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=7334
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-24 09:10 AM