nasrulla يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:32 AM
بۇ فىلىم 1999 يىلى قەشقەردە ئىشلەنگەن{ ۋۇلىۋۇد }يەنە بىرئ ...
بۇ كىنوغا مەنمۇ رول ئالغان. يەنى بىرمۇنچە ئادەم مانداق يولدىن ئۆتۈپ كىتىدىغان كۆرۈنۈش شۇ.
بۇ كىنوغا قەشقەردە ئۇيغۇرلار بىلەن تاشقورغاندىكى تاجىكلار رول ئالغان. ئەينى چاغدا بۇ كىنونى تۈركىيەدە ئىشلىمەكچى بولغاندا تۈركىيە دۆلىتى مۇسۇلمانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان فىلىمكەن دەپ قوشۇلمىغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەردە كۆرۈنۈشكە ئالغان. دىيارىمىزدىن رولغا چىقماي ياردەملەشكەن ھوقوقدارلار نۇرغۇن پايدا ئالغان. يەنى رولغا چىققانلارنىڭ تاماق،ياتاق پۇلى دىگەندەكلەردىن نۇرغۇن پايدا ئالغان.
بۇ فىلىمگە رولغا چىققانلارغا ئادەتتە رولغا چىقىش ھەققى 250 يۈەن،بىر كۈنلۈك. ياتاق پۇلى 100 يۈەن. تاماق پۇلى 100 يۈەن بولۇپ 450 يۈەن ھەق ئالىدىغان يەرگە خوتەندىن كەلگەن ساقاللىق ئارتىسلىرىمىز ئاران 150 يۈەن ئالغان. قالغان پۇللار بولسا يولدا كەلگۈچە ھىرىپ قالدىمۇ ياكى ئۆلەپ قالدىمۇ ئىز-دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن.