akbar0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 10:44 AM
مەن خاتا كۆرۈپ قالمىغاندىمەن .مەرھۇم ئۇيغۇر تارىخشۇن ...
بۇ يەردە بىر ئۇقۇشماسلىق بار.
ئافغانىستاندىكى پارس تىللىق "Hazara" بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىللىق "Khazar" ئوخشاشمايدىغان ئىككى مىللەت.
بەلكىم تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىم "Khazar"نى ھازار دەپ ئالغان ئوخشايدۇ.
"Khazar" دېگەن بۇ تۈركى تىللىق مىللەتنى مەيلى"قازار"دەپ ئالايلى ياكى "ھازار" دەپ ئالايلى،يەنىلا ئافغانىستاندىكى"ھازارا" نى كۆرسەتمەيدۇ.
مېنىڭچە تۈركى تىللىق"Khazar" بىلەن پارس تىللىق "Hazara"نى ئۇيغۇر تىلىدا تېخىمۇ ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقىسىنى "قازار" كېيىنكىسىنى "ھازارا" دەپ ئالساق بىر قەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ،چۈنكى ۋىكىپىدىيەدە تونۇشتۇرشىچە ھازىرقى "قازاق" دېگەن نام دەل "Khazar" دېگەن نامدىن ئۆزگەرگەنىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 10:58 AM