مانا ئامىنە شىركىتى ھەققىدە
ئەمەتجان نامەت ۋە "ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ" ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ
ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ
بۇنىڭدىن 18 يىل مۇقەددەم ئەمدىلا 19 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر يىگىت ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئەل-جامائەت بىلەن رازىلىق ئېلىشقاندىن كېيىن، ئاتىسى بەرگەن بارى-يوق 250 يۈەن پۇلنى قوينىغا مەھكەم سېلىپ، ئاجايىپ بىر ھاياجان، قىزىقىش، يەنە قانداقتۇر بىر خىل جىددىيلىك ۋە تېڭىرقاش ئىچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى يوپۇرغا ناھىيىسىدىن ئۆزىگە تولىمۇ ناتونۇش بىر شەھەرگە – ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى، چۈنكى ئۇچۇرما بولغان قۇش ئۆز ئۇۋىسىدىن ئايرىلغىنىدەك، ئۇمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قوينىدىن ئايرىلىپ، ئۆزى مۇستەقىل كۈنىنى ئالىدىغان ياشقا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يەنە بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى. ئۇ يۇرتىدىن بېيجىڭغا كەلگىچە بولغان پۈتكۈل مۇساپىدە 100 يۈەننى كىرا، 40 يۈەننى خىراجەت قىلىپ، قالغان 110 يۈەننى دەسمايە سېلىپ، ئىشنى ئاۋۋال ئۇششاق تىجارەتتىن باشلىدى.
خۇشخۇي، ئايىغى چاققان، تەۋەككۈلچى ۋە سەمىمىي بۇ يىگىت خاراكتېرىدىكى شۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن نەگىلا بارسا يۇرتداشلىرى ھەم باشقىلارنىڭ يار-يۆلەك بولۇشىغا مۇيەسسەر بولدى ھەمدە تېز كۆكلىدى. بۇ يىگىت دەل كېيىنكى كۈنلەردىكى «ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رەئىسى، ياش كارخانىچى ئەمەتجان نامەت ئىدى. ئەمەتجان ئىچكى ئۆلكىلەردە بىرقانچە يىل تىجارەت قىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تىجارىتى ۋە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللاندى. 2002-يىلى بازارنى ئىنچىكە كۆزەتكەندىن كېيىن، تەۋەككۈل دەرياسىغا قېيىق تاشلاپ، «ئامىنە» شىركىتىگە پاي قوشۇپ كىردى. ئۇچۇرما ھالەتتىن تازا قىرانلىق دەۋرىگە كىرگەن بۇ يىگىت ئون نەچچە يىللىق تىجارەت ھاياتىدا گەرچە نۇرغۇن ئىشنى كۆرگەن، بىلگەن، سودا-تىجارەتكە ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن بولسىمۇ، ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدىكىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن تامامەن باشقىچە يول ئىدى، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى ئەنئەنىۋىي يەككە، پارچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولسا، ئەمدى قىلىدىغىنى ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش قائىدە-قانۇنىيىتى بار بولغان شىركەتنىڭ ئىشى ئىدى.
«ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 2000-يىلى ئۈچ ئادەم شېرىكلىشىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ، دەسلەپتە شىركەت تەتقىق قىلىپ ياسىغان نوقۇت تالقىنى يوشۇرۇن بازارغا ئىگە بولغاچقا، شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالى قارىماققا ياخشىدەك قىلاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۈچ پايچىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىگەنلەر بولغاچقا، ئۇلاردا زامانىۋىي كارخانىچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئىقتىدار ۋە بىلىملەر كەمچىل ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، مەبلەغ يېتىشمىگەچكە، شىركەتنىڭ ئىقتىسادى قىيىن ئەھۋالدا قالغانىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، ئەمەتجان نامەت شىركەتنىڭ 79 پىرسەنت پاي چېكىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
ئون نەچچە يىل ئەنئەنىۋىي شەكىلدىكى تىجارەت بىلەن شۇگۇللىنىپ كەلگەن بىر يەككە تىجارەتچىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا قالپىقىنى كىيگەن بىر شىركەتنى چۆرىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. ئۇ شىركەت ۋە ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىپ، شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم ئىختىساسلىق خادىملارغا تايىنىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئالدى بىلەن ئىختىساسلىق خادىملارنى خىزمەتكە تەيىنلەشنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى مائاش بىلەن ھەر بىر بۆلۈمگە ماس كېلىدىغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى، نەتىجىدە شىركەتنىڭ مالىيە، ئادەم باشقۇرۇش ئىشلىرى قېلىپلاشتى، مال سېتىش يوللىرى بارغانسېرى كېڭەيدى. ئۇ بازارنى ئىنچىكە كۆزىتىش ئارقىلىق شىركەتنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتى بولغان قۇۋۋەت تالقانلىرىنى داۋاملىق ئىشلەپ بازارغا سېلىشنى دادىللىق بىلەن توختىتىپ، شىركەتنىڭ يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە تەييار چۆپ تۈرى بىلەن ئىچىملىك تۈرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. «ئامىنە» شىركىتىنىڭ تەييار چۆپلىرى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ئىستېمالچىلارنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ئىستېمالچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، سېتىلىش مىقتارىنىڭ يىلسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ بازىرى بارغانسېرى كېڭەيدى. بۇ «ئامىنە» شىركىتىنىڭ مىللىي كارخانىلار بويىچە تۇنجى بولۇپ تەييار چۆپ زاۋۇتى قۇرۇش ئىشىنى ئەمەلگا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەتنىڭ 2005-يىلى10-ئايدا قەشقەر ئايروپورت سانائەت رايونىدا 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئەنئەنىۋىي مىللىي خاسلىقنى ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى – قەشقەر «ئامىنە» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ شىركەتنىڭ كۆلىمى 3500 كۇۋادراتمېتىر، يىللىق ئۇن سەرپىياتى 7500 توننا، ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى 120 مىليون قاپقا يەتتى. شىركەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان ئىدى. ھازىر شىركەت ئىشلەپچىقىرىۋاتقان تەييار چۆپلەرنىڭ تۈرى 23 خىلغا يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بازارلىرىنى تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىچكى ئۆلكىلەر، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بازار تېپىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.
قەشقەر «ئامىنە» مۇسۇلمانچە يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى خامئەشيا باھاسى كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈۋاتقان، رىقابەت بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان ھازىرقىدەك پەيتتىمۇ قىلچە تەۋرەنمەي، مەھسۇلات سۈپىتىنى كارخانىنىڭ جېنى دەپ بىلىپ، خام ماتېرىيال كىرگۈزۈشتىن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغانغا قەدەر ھەرقايسى ھالقىلاردىكى سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتى، تەييار چۆپكە چىرىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇچ، سۈنئىي تېتىتقۇ قوشماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىشەنچلىك ۋە سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇ شىركەتنىڭقۇرۇلۇشى نۇرغۇن كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، شۇ جايدىكى دېھقانلارنى ئۆزلىرى تېرىغان مەھسۇلاتلارنى تېزدىن قولدىن چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.
«ئامىنە» ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك يۇقىرى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يەن ئىستېمال ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان زەپە ھەم قارىقاتنى ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رېتسېپ بىلەن ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، «ئامىنە» ماركىلىق «زەپە خۇشرۇھ ئىچىملىكى»، قارىقات شەربىتى، قىزىل چاي، يېشىل چاي، شاپتۇل شەربىتى، ئانار شەربىتى ھەم گىلاس شەربىتى قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ بازار تاپتى. شىركەت ۋە مەھسۇلاتلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 2000-، 2001- ۋە 2002-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «داڭلىق ماركا» مۇكاپاتىغا، 2001-يىلدىكى 21-ئەسر جۇڭگو غەربىي رايون داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدە «ئالتۇن مۇكاپات»قا؛ 2000-يىلى شىركەتنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى 4-نۆۋەتكلىك «شىنجاڭ ياشلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى؛ شىركەتنىڭ زەپە خۇشرۇھ ئىچىملىكى 2001-يىلى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى تەرىپىدىن «كۈچەيتكۈچى ئىچىملىك» دەپ تەستىقلاندى، 2002-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (ۋتھو)نىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ فدا گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى؛ شىركەت 2003-يىللىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «داڭلىق كارخانا» مۇكاپاتىغا، 2004-، 2005-يىللىرى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «كۈمۈش تاۋار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 2005-يىلى يەنە شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى شەرىپىگە، 2006-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە «ئالتۇن تاۋار» مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىستېمالچىلارنىڭ يوچۇرۇن ئاۋاز بېرىشى بىلەن ئاپتونوم رايوندىكى 50 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.
ياش كارخانىچى ئەمەتجان نامەت دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي كارخانىلار بويىچە تۇنجى بولۇپ سانائەتلىشىش، كۆلەملىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ پۇل تاپقاندا مۇھتاجلىقتا قالغانلارنى ئۇنتۇمىدى. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ قۇياشى ئىئەكنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ھەم ئۆز ئىشلىرىدا يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ خاسىيىتىنى ئوبدان كۆرگەن ئەمەتجان نامەت ياش ئەۋلادلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مېھرىبان ئانىلارنىڭ ساخاۋەتلىك ۋە سائادەتلىك ئىشلىرىغا ھەمنەپەس بولۇپ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىلىپ ئالغان بىر تۈركۈم يېتىم بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنى مەرىپەت بېغىدا خاتىرجەم شىرنە يىغىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «ئامىنە» شىركىتى يەنە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندى. شىركەت 2005-يىلى «ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى» بولۇپ باھالاندى، كۆپ قېتىم تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
ﻣﻪﻧﺒﻪ : ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻝ ﺗﻮﺭﻯ
www.biliwal.com