chaqmaq137 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 12:04 AM
مانا ئامىنە شىركىتى ھەققىدە
سىز دىگەن ئامىنە، تەييار چوپ ئىشلەشنى ئەڭ دەسلەپ نەدە باشلاپتىكەن سوراپ باقتىڭىزمۇ؟مانا مەن شۇ زاۋۇتتا ئىشلىگەن،ئۇلارنىڭ يۇقۇرى مۇئاش دىگىنى قاپ قارا يالغان،كۈنىگە 12سائەت ئىشلەپ ئايلىقىغا ساق ئالساق 520 كوي ئالاتتۇق،بىر مىنۇت كىچىكسەك 3 كوي تۇتىدۇ،بىر سائەت ئۇشۇك ئىشلىسەك 1.5 كوي بىرىدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا يۇقۇردىكى تەييار چوپ زاۋۇتىدىكى ئەھۋاللار ئۇمۇمەن ھەممە زاۋۇتتا بار،بىراق مىنىڭ ھازىرغىچە ئەقلىم يەتمەيدىغىنى بۇ چوپكە ئىشلىتىلگەن ماي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كىلىدۇ،توڭلىتىلغان ھالەتتە ،ئۇسۇملۇك مېيى دەپ قۇيىدۇ زادى قانداق ئۇسۇملۇكتىىن شۇنداق ماي چىقىدۇ قايسىڭلار دەپ بىرەلەيسىلەر؟تەكشۇرگۇچىلەر كەلسە ئۇلار ئاڭ ئاۋال خەۋەر تاپىدۇ،تەييارلىقنى ياخشى قىلىدۇ ،ھەتتا ۋاختى ئۆتكەن تاييار چوپنى بولىقىنى سۇكۇپ قايتا قاچىلايمىز،زاۋۇت بۇزۇلۇپ قالسا يۇقۇردىكىگە ئوخشاش ،ئۇبۇرنىغا كىرگەن ئاياق بىلەن 50توننىلۇق چوڭ قازانغا چۇشۇپ خېمىرنى خالىتىگە قاچىلايدۇ،چوپ ئىشلەش جەريانىدا چالا پىشقان ،پۇچۇلۇپ كەتكەن خېمىرلارنى يەرگە تاشلايمىز،ئۇستىگە بىز دەسسەپ تۇرۇپ ئىشلەيمىزكەشتە ھەممە خېمىرنى چىلاپ قۇيۇپ ئەتىسى يەنە شۇ قازانغا تۇكىمىز،بۇنىمۇ مەيلى دەيلى بىراق ئۇنداق چوڭ زاۋۇتقا كەلگەن ئۇنمۇ ئاز ئەمەس ،ئۇنى بىر خالتا بىر خالتىدىن قازانغا تۇكۇشمۇ ئاسان ئەمەس شۇڭا بىرسى مەخسۇس خالتىنىڭ ئاغزىنى كىسىدۇ بىرسى ئۇن تۇكىدۇ ،ئۇنلارنىڭ ئىچىدىن چىققان نەرسىلەرنى كۆرىدىغان بولسىڭىز ھەر چاشقان ،خېمىر يېيىلغاندا يوللۇق بۇلۇپ كىتىدۇ مايدا چىلىشىپ سېرىق رەڭگە كىرگەندە ئاندىن بۇ يوللۇقلار يۇقىلىدۇ ،شۇنى كۆرگەندىن كىيىن مەن ئەمەس باللىرىمغىمۇ ھەر قانداق ماركىدىكى تەييار چوپنى يىگىلى قۇيمايمەن،مەن بۇ توغۇرلۇق تېمىمۇ يوللىغان بىراق ئۆز ۋاقتىدا رەسىمگە تارتىۋالمىغانلىغىم ئۇچۇن مۇناسىۋاتلىك ماتىيريال تۇللۇق ئەمەس دەپ تەستىقلانمىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1670154432 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-26 03:41 PM