مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kuktulpar

يەكەن ناھىيىسى ۋە قەدىمىي مازارلار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 2174
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20461
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8239 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:42:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تارتىلغان سۈرەتلەركەن رەھمەت دوستۇم!~

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82960
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2012-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 10:40:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرتنى زىيارەت قىلىپسىز دە، بۇندىن كېيىن كەلگەندە مەن بىلەن ئالاقىلىششنى ئۇنۇتماڭ ھە، سىز كۆرمىگەن يەرلەرنى زىيارەت قىلدۇراي 1481887141     http://adris.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 508 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 12:50:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالقىش يوللىغان ۋاقتى  2012-9-29 10:03 PM
بەك مۇتەسسىپكەنسىز ، سوپا-ئىشانلار ئوقۇيدىغان تەل ...

زىيالى دېگەن ئۇقۇم دىنى زىيالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئەينى ۋاقىتتىكى مەھمۇد كاشىغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق كىشلەرنىمۇ شۇ دەۋرنىڭ زىيالىلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85757
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 09:13:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېزدىن شۇنداق سۈيۈندىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11369
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2088 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 02:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن خانلىقى قۇيۇپ تارقاتقان قەدىمكى پۇللار
   
يوللانغان ۋاقىت  : 2012-09-23 - 11:37   مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

مۇھەممەد تۇراپ

    قەدىمىي شەھەر يەكەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىگە، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىگە، يەكەن دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. مىلادىيە 2-ئەسىردە يىپەك يولى يەكەننى كېسىپ ئۆتكەن. يەكەن خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىكى 36 بەگلىكنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دەۋردە يەكەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەر قايسى بەگلىكەردىن بۇ يەرگە كېلىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر ئالاھىدە كۆپ بولغان. تاڭ سۇلالىسى (مىلادىيە 618-907-يىللار) دەۋرىدە غەربىي يۇرت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، يەكەن بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ سودا ئالاقىسى خېلى راۋاجلانغان. بۇ مەزگىلدە يەكەننىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولۇپ، مەھسۇلاتلىرى غەربىي يۇرتنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ھەرقايسى ئەللەرگە چىقىرىلغان. بولۇپمۇ، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە يەكەن ئىنتايىن روناق تېپىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم سودا ۋە مەدەنىيەت شەھىرىگە ئايلانغان. يەكەن 1239-يىلى چىڭگىزخان ئەۋلادلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن زېمىن ۋە خەزىنە بۆلۈشۈۋېلىش ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان.

    13-ئەسىردە ئىتالىيەلىك ساياھەتچى ماركوپولو جۇڭگوغا كېلىشىدە يەكەندىن ئۆتكەن ھەم بۇ جاينىڭ ئاۋات جاي ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلىگەن. يەرلىك تەزكىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋەيرانچىلىقتىن كېيىن، مىلادىيە 1446-يىلى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان مۇھەممەد قىرالىدىن دېگەن كىشى تەرىپىدىن يەكەن شەھىرى قايتىدىن ياسىلىپ چىققان.

    سۇلتان سەئىدخان ـــ مەشھۇر يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىسى ھەم تۇنجى سۇلتانى. سۇلتان سەئىدخاننىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە ماتېرىياللاردا ھەر خىل مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ‹‹1484-يىلى تۇغۇلدى›› دېگەن مەلۇمات بىر قەدەر ئىشەنچلىك. چۈنكى كۆپلىگەن مەنبەلەردە يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى مىلادى 1514-يىلى بولۇپ، سۇلتان سەئىدخان 30 يېشىدا خانلىق تەختكە چىققانلىقى، 20 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، 1533-يىلى ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. سۇلتان سەئىدخان 1514-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى يەكەن خانلىقىنى قۇرغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەننى ئاستانە قىلغانلىقى ئۈچۈن، خانلىق نامىنى ‹‹يەكەن خانلىقى›› دەپ ئاتىغان. سۇلتان سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئامانلىقنى قوغداپ، ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ-سېلىق ئالمىغان ھەم جەمئىيەتنى خاتىرجەم قىلغان.

    سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (مىلادىيە 1510-1560-يىللار) ـــ يەكەن خانلىقىنىڭ تۇنجى سۇلتانى سەئىدخاننىڭ تۇنجى ئوغلى ھەم يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى. ئۇ ئادالەتپەرۋەر، خەلقچىل كىشى بولۇپ ھەم ئەلەم، ھەم قەلەم ساھەسىنىڭ ئىستىداتلىق ماھىرى، مۇزىكانتى ھەم شائىرى. ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا ئەرەب، پارس تىللىرىنى ناھايىتى پۇختا ئۆگىنىپ، 20 ياش ۋاقىتلىرىدىلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئىقتىدارلىق ئالىمى بولۇپ تونۇلغان. ئۇ مىلادىيە 1533-يىلى دادىسى سەئىدخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، دادىسىنىڭ يولىنى تۇتۇپ ئادىل سىياسەت يۈرگۈزگەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر 12 مۇقامىمۇ شۇ دەۋردە ئاماننىساخان، قېدىرخان يەركەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن رەتلىنىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن.

    يەكەن سەئىدىيە خانلىقى مىلادىيە 1514-يىلدىن 1678-يىلغىچە ئىنتايىن گۈللەنگەن. يەكەن خانلىقى دەۋرى 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن، ئىقتىسادى گۈللەنگەن دەۋرگە قەدەم قويغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە قول سانائەت ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. كانچىلىق (ئالتۇن قازمىچىلىقى) مېتال تاۋلاش، قۇيمىچىلىق ئالاھىدە راۋاجلانغان. ئالتۇن، قاشتېشى، مىس، كۈمۈش، تۆمۈر ۋە قوغۇشۇن رودىلىرىنى تاۋلاش ئىشلىرى زور دەرىجىدە راۋاجلانغان. ئەينى زاماندا خانلىق تەۋەسىدە ئالتۇن-كۈمۈشتىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش سەنئىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ قېزىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر كۆپ بولغاچقا، ئالتۇندىن نازۇك ۋە نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئېھتىياجى يېتەرلىك قاندۇرۇلغان. ئالتۇندىن ئاساسلىق ئالتۇن تاج (خان تاجىسى)، ئالتۇن زىرە، ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن بىلەيزۈك، ئالتۇن قاداق، ئالتۇن جىيەك، ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن كەمەر (زەر بىلەن زىننەتلەنگەن تاسما)، ئالتۇن بىلەن قاپلانغان قامچا ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىگەر-جابدۇق ياسالغان. مەدەنىيەت ئىشلىرى كۈنسايىن گۈللەنگەنلىكتىن، كىتابلارنىڭ مۇقاۋا ۋە بەتلىرىگە ئالتۇندىن ھەل بېرىش ئالاھىدە ئەۋج ئالغان. نوپۇس كۆپىيىپ، جەمئىيەت مۇقىملىشىپ قاتناش راۋان بولغانلىقتىن، ھەرقايسى ساھەلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار سودىسى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ بىلەن يەكەن خانلىقى تاۋار ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىس پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلغان ھەم خانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئوبوروت قىلغان. يەكەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ئۆز نامىدا ئالتۇن پۇل قۇيۇپ كەڭ دائىرىدە ئوبوروت قىلغان. بۇ ئالتۇن پۇللار كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، كەشمىر قاتارلىق جايلاردىن كەڭ-كۆلەمدە تېپىلغان.

    مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگاننىڭ ‹‹تارىخىي رەشىدىيە›› ناملىق ئەسىرىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنىڭ بىرىنچى بۆلۈم 356-بېتىدە يەكەن خانلىقىدىكى ھەربىر خانلىرىنىڭ ئالتۇن پۇل قۇيغانلىقىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان. چەت ئەل ئېكىسپېدىتسىيەچىلىرى يەكەن خانلىقىنىڭ پۇل ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان. ‹‹شىنجاڭ پۇللىرى›› ناملىق كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە: ‹‹شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى قاراخانىيلار خانلىقى، يۈەن دەۋرىدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى، مىڭ دەۋرىدىكى يەكەن خانلىقى پىرىسلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ پۇل قۇيغان، پۇلغا ئەرەب يېزىقى چۈشۈرۈلگەن›› دېيىلگەن. ‹‹بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇراسىم خاتىرىلىرى›› ناملىق خەنزۇچە كىتابتا: يەكەن خانلىقىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش پۇلدىن باشقا يەنە شەكلى شاپتۇل مېغىزىغا ئوخشايدىغان، پىرىسلاش ئۇسۇلى بويىچە قۇيۇلغان قىزىل مىس پۇل ئوبوروت قىلغانلىقى، بىر دانە قىزىل مىس پۇلنىڭ ‹‹پۇل›› دېيىلىدىغانلىقى، 50 پۇلنىڭ ‹‹بىر كۈمۈش پۇل›› (بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر) بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

    يەكەن خانلىقىنىڭ پۇللىرىنى تۆت تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. بىرىنچى تۈرى، پۇلنىڭ بىر يۈزىگە گۈللۈك نەقىش، يەنە بىر يۈزىگە ئەرەبچە ‹‹قەشقەر›› دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن. ئىككىنچى تۈرى، پۇل يۈزىگە گۈللۈك نەقىش ۋە ئەرەبچە خەت چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.2 گىرام، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ ئالتە گىرام، قېلىنلىقى ئۈچ مىللىمېتىر كېلىدۇ. ئۈچىنچى تۈرى، پۇلنىڭ بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان ئەرەب يېزىقى، يەنە بىر يۈزىگە مۇكەممەل بولمىغان گۈللۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل پۇلنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.3 گىرام كېلىدۇ. بۇ تۈردىكى پۇل يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇپ تارقىتىلغان دەپ قارالماقتا. تۆتىنچى تۈرى، بۇ خىل پۇلنىڭ ئېغىرلىقى 1.2 گىرامدىن 2.4 گىرامغىچە بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 1.5 گىرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇ خىل پۇل پارچە پۇل بولۇپ، يەكەن خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىللىرىدە قۇيۇلغان قۇشۇمچە پۇل دەپ قارالماقتا.

    چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى يەكەن خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1678-يىل قوشنا ئەل جۇڭغار خانلىقى تەرىپىدىن يەكەن خانلىقى يوقىتىلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ يىللىرىدا يەكەن چىڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان. دېمەك، يەكەن خانلىقى بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردە گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارنى كونترول قىلىپ، غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ زور تەسىر كۆرسەتكەن. يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى ياساش ئىشلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى، ئالتۇن ۋە مىستىن پۇل قۇيۇپ ئوبوروت قىلىپ، سودا-سېتىق ئىشلىرىغا قولايلىق يارىتىلغانلىقى، بازارنىڭ ئاۋات، سودا-سېتىقنىڭ راۋان ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ باياشاد ئىكەنلىكى، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-سەنئەتكە ماھىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1. تۇرسۇن پىداقۇل: ‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى››، 1995-يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان ‹‹يەكەن خانلىقى دەۋرىدىكى ئالتۇن قازمىچىلىقى ۋە ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار›› ناملىق ماقالىسى.

    2. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى نەشر قىلغان ‹‹شىنجاڭنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋردىكى پۇل-مۇئامىلە تارىخى›› ناملىق خەنزۇچە كىتاب، 17-، 18-بەت.

    3. ئەھمەد سۇلايمان قۇتلۇق: ‹‹يىپەك يولى ۋە ئويغۇرلار›› ناملىق كىتاب، 171-بەت.


تەسكىن

ھايات كىشىگە پەق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3429
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8307
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 03:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەنەە بارغاندەك بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28268
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5192
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 470 سائەت
تىزىم: 2011-1-29
ئاخىرقى: 2012-11-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 01:41:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن ناھىيە!

سىز 365 كۈن ياشىدى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3283
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1694 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 09:37:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 06:43 PM
ماۋۇ قەبرىنى رىمۇنىت قىلىش كېرەككەن  .

قەبرىلەرنى ئۇنداق ھەشەمەتلىك ياساشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلايمەن...

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85856
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 08:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 07:47 PM
چىلتەملىرىم كىلىڭلار
ئىسمى ئەزەمنى ئىيتىڭلار
ھۇم ئال ...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85856
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 75
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-10-8
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 08:03:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-9-28 07:47 PM
چىلتەملىرىم كىلىڭلار
ئىسمى ئەزەمنى ئىيتىڭلار
ھۇم ئال ...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش