باھادىر يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:41 AM
يەكەندە ‹ھورۇنلار باغچىسى› دەيدىغان بىر يەرنىڭ بارلىق ...
ئەسلى ئىسمى مەدەنيەت باغچىسى يەكشەنبە كۈنلىرى يىراق يىقىن سەھرادىن كىرگەنلەر مۇقام ، مەشرەپ ئويناپ قىزىتۋىتىدۇ ، ئەمدى ئاۋۇ نامغا كەلسەك مەدىنيەت باغچىسىنىڭ ھاۋاسى سالقىن بولغاچ بەزى ياشانغان كىشىلىرىمىز كىرىپ پاراڭلىشىپ ئانچە مۇنچە ئىچ پۇشىقىدا قەرىت ئويناپ چىقىپ كىتىدۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى ياش باللار ۋە ئىشسىزلارمۇ شۇ يەردە كۈننى كەچ قىلغاچ شۇنداق ئاتىلىپ قالغان بىراق ئەسلى نامى مەدىنيەت باغچىسى !!
7000 مىڭ كىلومىتىر نىرىسىدا تۇرۇپ ئانا يۇرتۇمنى كۆرگەنلىكىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندىم ، ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى يەكەنگە بىرىپ قالسىڭىز چوقۇم ئاشۇ باغچا ئەتىراپىغا سائەت 6 لەردىن كىيىن بىر كىپ كىتىپ ئاجايىپ قىزىپ كىتىدۇ ( بەزىدە ئۆيدە ئىچىم پۇشۇپ قالسا شۇ جايلارنى ئايلىنىپ بىردەمدىلا كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالاتتى ) كۈندۈزى بىر دۇنيا كەچ ۋاختى بىر دۇنيا !!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkindax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 11:17 AM