YAZR يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 06:57 PM
يەكەن ناھىيە ئەمەسما ؟ ئۇنداق دىسەم گەپ بىلەن سېسىت ...
مەمۇرى جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا يەكەن قەشقەرنىڭ ناھىيەسى،
لىكىن يەكەننىڭ نۇپۇسىنىڭ جىقلىقى ( نۇپۇسى 1مىلىيوندىن ئاشتى ، يەنى ھەر 10 ئۇيغۇرنىڭ بىرى يەكەنلىك) زىمىنىنىڭ چوڭلۇقى ( يەكەن زىمىن جەھەتتە جوڭگو بويىچە 5. شىنجاڭ بويىچە 3.چوڭ ناھىيە)
تەرەققىياتىنىڭ باشقا ناھىيەلەر ئەمەس ھەتتا بەزى شەھەر ۋە ۋىلايەت مەركەزلىرىدىن تىزلىكى
،قەدىمدە ئۇزۇن يىل ئاستانە ، ۋىلايەت مەركىزى بولغانلىقى، مەدىنىيتىنىڭ يۇقۇرلىقى ... قاتالىق سەۋەپلەر تۇپەيلى يەكەنلىكلەر ناھىيە دىمەي شەھەر دەپ كۆنۇپ قالغان،
شۇ سەۋەپتىن ئۇرۇمچى ، ئىچكىر تەرەپلەگە بىرىپ قالسا باشقا ناھىيەلەرنىڭ ئادەملىرى نەلىك دىسە ئۆزى تەۋە ۋىلايەتنىڭ ئىسمىنى دىسە يەكەنلىكلەر ناھىيەسىنىڭ ئىسمىنىلا دەيدۇ.