rahatmakan يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 01:39 AM
سۆزىڭىزنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمكىن ،لىكىن مىنىڭ ھىچ ...
مېنڭچە،بۇنىڭ تارىخىي ئاساسى بولۇشى مۇمكىن.
بىز تېلىۋۇزۇردا كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان جوڭگۇ خانلىرىنىڭ قىزلىرىنى مەلىكە دەپ ئاتايدىغانلىقىنى،خاننىڭ ئايالىنى خانىش دەپ ئاتايدىغانلىقىنى كۆپ كۆرگەن ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتالغۇ بىزنىڭ خاتىرىمىزدە ئايرىلىپ تۇردىغان مەۋقە بويىنچە مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن.
ئۇيغۇر تارىخىغا قارايدىغان بولساق،ئۇيغۇرلاردىنمۇ نۇرغۇن گۈزەل خانىم -قىزلىرىمىز بولغان،ئۇلار تارىختا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن تا ھازىرغا كەلگۈچە تىللاردا داستان بولماقتا.بۇ توغۇرلۇق ھەممىمىز بۇ ئىشلارنى بىلىمىز.
مەلىكە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرتىلىدا مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن:
1.پادىشاھنىڭ قىزى
2.ئەركە قىز
3.ئەتىۋارلىق قىز
يۇقۇرقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنىڭ مەنىسىگە قاراپ باقساقلا،خانىش ئاماننىساخان پادىشاھنىڭ قىزى،ئەركە قىز دېگەن تۇراققا چۈشمەيدۇ،ئاماننىساخان ئەينى چاغدا ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ بىلىم،ئىستىداتلىق تالانت ئېگىسى بولغاچقا،دۆلەت تەرىپىدىن ئەتىۋارلىندىغان،ئەزىزلەيدىغان،ھۆرمەتلەيدىغان ئايال ساھىبى بولۇشقا مۇناسىپ كەلدى.دېمەك،مەلىكە دېگەن سۆز ئەينى دەۋردە مۇشۇ سۆز ئارقىلىق ئەۋلادلار قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بولۇشى مۇمكىن.
مېنىڭ مەلىكە دېگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچەم مۇشۇنچىلىك،خانىش ئاماننىساخاننى ‹‹مەلىكە ››دەپ ئاتاش توغرا دەپ قارايمەن.
ئالدىڭىزدا كۆپ سۆزلەپ كەتتىم،مۇنازىرە مۇشۇنداق بولدىكەن.توغرا چۈشەنگەيسىز.