aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 10:29 PM
پوقنى يەپتۇ ئۇ راھىپ ، ئاشۇنداق سىرلىق قىلىپ ياراتقان ...
قۇرئان ياكى ھەدىستە لوپنۇر توغرىلىق مەلۇمات بولمىغان ئىكەن ئىلىم-پەن ئارقىلىق سىزنى يېشىشكە ئۇرۇپ بېقىش ئاقىلانىلقتۇر.
تورداشلارنىڭ يېڭگىللىك بىلەن ئاللا ئۈزىلا بىلىدۇ-دەپ ئىلگىرلەش يولىنى توسىۋالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەم بىلدۈرگۈچىدۇر، بىز مۇئەييەن يېتەرلىك بىلىم بىلەن قوراللىنىپ سىرلارغا قارشى جەڭ ئېچىشىمىزنى ئاللا ۋە ئاللانىڭ رەسۇلى ئەلۋەتتە قوللايدۇ.
ناۋادا بىز ئاللاھ بىلىدۇ دەپ ئىزلىنىش روھىدىن ېاز كەچسەك-زامان -زاماندىن كىيىن مەلۇم بىر دىنسىز ئالىم بۇ سىزنى يەشسە ئۇچاغدە بىز چوڭ ئىدولوگىيەلىك ئېزىشقا يۈزلىنىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ئاللاھ بۇلۇتسىز يامغۇر ياغدۇرىشقا قادىر تۇرۇقلۇق نىمە ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە-‹‹يامغۇر ياغدۇرغۇچى بۇلۇتلار بىلەن قەسەمكى-››دەيدۇ-؟
بۇ دەل ئاللاھنىڭ دۇنيا تەرتىۋىنى قانۇنىيەتلىك ئاساستا باشقۇرىدىغانلىقىدىن بىزگە بىشارەتتۇر، ۋە ھەمدە بىزنىڭمۇ ئىشلارنى قانۇنى تەرتىپ بويىچە سەۋەپ ئارقىلىق نەتىجىگە ئېرىشىشىمىزگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
بۇ يەنىلام مېنىڭ ئىتىقاد قارىشىم
توغرا بولسا قۇبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ، خاتاسىنى ئىسپاتلىق كۆرسەتكۈچىلەر بولسا تۈزىتىشكە تەييارمەن.