1670154432 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 12:28 PM
ساراڭ بۇلۇپ قالمىغانسىز ھە ؟ئۈزۈمتال،سىزمۇ بىر كۈنى ...
ۋاي ھازىر نىمە قىلماق ئاسان ؟ - پەرزەنىت باقماق ئاسان .
پەرزەنىت تۇغۇلىدىمۇ ، بۇ پەرزەنىتكە ئاۋياماتكىدەك ھەيۋەتلىك ئىسىمدىن بىرنى قۇيمىز ، ئاندىن ھازىر ھەر قايسى تاللا بازارلىرىدا شەكلى قوي سولايدىغان قوتانغا ئوخشاش چىرايلىق قىلىپ ياسالغان مەخسۇس بالا بوۋاق باقىدىغان قوتان بار ، بالىنى شۇ قوتاننىڭ ئىچىگە سولاپ ، قىشىغا ئۆمۇچۇكنىڭ ، توشقاننىڭ ، كەسلەنچۇكنىڭ ،سەككەنسپۇتنىڭ قونچاقلىرنى تاشلاپ بىرىپ دىگەندەك ، بىر ياشقا كىرگۈزۋالدىقمۇ بولدى ، بۇنداق يۈۋاش پارنىك بالىسىنى ئايلىقىغا 400 يۈۋەن بەرسەك باقدىغانغا ئانا-تىلنى خەنزۇ تىلىغا ،خەنزۇ تىلنى ۋىتنام تىلىغا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىغان ھەر ئىقدىدارلىق مىنكاۋخەن ئوقۇتقۇچىلارغا تولغان ،ئانامنىڭ ئۆيى ، ھەدەمنىڭ ھوجۇرسى، قارلىغاچ ئۇۋۇسى ....دىگەندەك مۇلازىمىتى شۇنداق ياخشى ئېسىل يەسلىنىڭ بىرسىگە تاشلاپ بىرىمىز ، بۇ يەسلى خادىملىرى پەرزەنتىمزنى بىزگە ۋاكالىتەن بىقىپ بىرىدۇ . بالىمىزنى سىغىنغنادا ئاي-يىلدا بىرە قىتىم بىرىپ ياندۇرۇپ كىلىپ بىرە كىچە سۆيۈپ يالىۋىلىپ ئەتىسى يەسلىگە ئاپىرىپ قويساقلا بولدى . پەرزەنتىمزىنىڭ يەسلىدە بىقىلىش ۋاقتى توشۇپ ئۆيگە كىلىپ ماۋۇ دادممۇ ماۋۇسى ئاناممۇ نىمە دەپ بىشىنى يىشۇدەك تاتلىغانچە بىزلەرگە جاپا سىلىشنىڭ خام خىيالىنى قلىپ بولغۇچە ، پارتىيمىز بىزلەرنى پەرزەنىت جاپاسى بىلەن ۋاقىتسىز جۇدەپ كەتمىسۇن دەپ . ئالداپ سىلاپ تاللا بازىردىكى ۋاقتى ئۆتۇپ كەتكەن رادىكال كەمپۇتتىن تۆت-بەشنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ قۇلىقىدىن يىتىلەپ 10 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىدىكى مەكتەپكە ئىلىپ كىتىدۇ ، دىمەك بالا بىقىشقا كىتىدىغان ئوشۇقتىن-ئوشۇق 10 يىللىق ۋاقىتتىن قۇتۇلدۇق دىگەن گەپ ، بالا بۇ ۋاقىتنى توشقۇزۇپ ئۆيگە يىنىپ كىلىپ بىزگە كۈن سىلىپ بولغۇچە ، گاچچىدە يەتتە ئەزايى ساق بىرە قىز بىلەن تويلاپ قويۇپ ، دۆلىتىمىز دىيارىمزىغا سىلىپ بەرگەن ئەزان باھالىق ئىجارە ئۆيلەرنىڭ بىرسىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالام مانا بۇ ئۆيۇڭلار ، يىڭى ئۆي تۇتماق ئاسان ئىشمۇ ئەمەس . بىز سىللەرى بۇ ئۆيگە مۇشۇ بىر تىقىپ قويغانچە يوقاپ كەتمەيمىز . ئۆي تۇتۇش جەيراندا بىرەر قىيىنچىلىق بولۇپ قالسا ، بىزلەرگە تىلفۇن قىلىڭلار جۇمۇ تاتلىق بالام دەپ پىشانىسىگە بىر-ئىككى سۆيۈپ قويۇپ ئۆيگە كىلىپلا مۇقىم تىلفۇننىڭ سىمىنى گاچچىدا ئۈزىۋىتىپ ياكى تىلفۇن نۇمۇرنى ئالماشتۇرۋىتىپ ، قورۇنىڭ بۇرۇنقى چوڭ يولغا قارايدىغان دەرۋازىسنى كىچىكرەك باشقا خىل رەڭدىكى دەرۋازىغا ئالماشتۇرۋىتىپ ، شىنجاڭ مۇز ئوكيان ھۆسۇن تۈزۈش ئورنىغا بىرىپ ئەر-ئايال ھۆسۇن تۈزۈش ئوپۇراتسىيەسى قىلدۇرۋىتىپ ، بىر تەخسە گازىرنى چاققاچ مىھماخانا ئۆيدە ئەر-ئايال پۇن-قولىمىزنى ئۇزۇن سۇنۇپ قويۇپ مىسرانىم مۇنبىردىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتى ئۈستىدىكى 80 ھەققى دىگەن تىمنى تىخمۇ بىيىتىپ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىللىرى ئۈستىدىكى 180 ھەققى توغۇرسىدىكى ئىلمى تەتقىقات توغۇرسىدا ئىنكاس يېزىپ چۈشۈپ كىتەرمىزدەيمىنا .
قالغىنى ئۇلارمۇ تىرىك جانلىق ئادەم بولغاندىن كىيىن بىزلەرگە تىلفۇن قىلسا تىڭجى ، ئىزدەپ ئۆيگە كەلسە ئۆيۇنى تونۇيالمىغان . خۇلۇم-قوشنىلاردىن سوراپ كىرسە بىزنى تونۇماي بۇ ئۆينىڭ بۇرۇنقى ئېگىسى نەلەرگە كەتكەندۇ دەپ سورسا ، ۋاي جىنىم ئۇكۇللىرىم . بىز بۇ ئۆيلەرنى سىللەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلاردىن ئىجارىگە ئالغان ئىدۇق . ئاتا-ئاناڭلار بىزلەرگە بۇ ئۆيلەرنى ئىجارە بىرىۋىتىپ ، شەھەردە ئوغلىمىز بىلەن كىلىنىمىز بار ئىدى ،شۇلار تولا تىلفۇن قىلىپ يىنىمزىغا يىنىپ كىرىڭلار دادا-ئانا ھالىڭلاردىن بىز خەۋەر ئالايلى دەپ ئولتۇرغۇزمىدى دەپ چامدانلىرىنى كۆتۇرشۇپ شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ،بولسا سىللەر شۇ باللىردىن سوراپ بىقىڭلارچۇ دەپ ، ئىشىكنىڭ بوسوغۇسدا ئۇزۇتۇپ قويساق ئۇلارمۇ نىمىلا دىگەن بىلەن بىرنى بىرگە قوشالايدىغان ساۋاتلىق بالىلار بولغاندىكىن كىيىن بىر ئىش قىلار ئەمدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 01:19 PM