nazila998 يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 01:51 PM
مۇشۇ تىمىغىمۇ چاخچاق ئارلاشتۇرۇپ يۈرۈپسىز - ھە ، گەپ ...
مەنغۇ بۇ تىمىدا چاقچاق قىپتىمەن ، ئەينى ۋاقىتدا رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ يقىن ساھابىسى ، ئىسلام تارىخىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇر بولغان ئوھۇد ئۇرۇشىدا ئۇرۇشتا يۈز بىرلىشى مۇقەرەر بولغان ئۆلۈم-يىتىمدىن ئىبارەت قازايى -ئەلەم ئالدىدا ھەر قانداق بىر كىشىدە كۆرۇلىدىغان قۇرقۇنۇشلۇق پىسخىك ئامىللار ئىچىدە چىرايلىرىنى بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلاپ ، يىمەك-ئىچمەككە كۆڭلى تارتماسىلىق ،كۆڭلى ئارتۇق گەپ تاتماسلىقتىن ئىبارەت كەيپىات كۆپ سانلىق ساھابىلەرنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغان بىر كەسكىن بىر ۋەزىيەتتە . ئۇ ساھابە نەچچە مىنۇتتىن كىيىن يۈز بىرىش ئالدىدا تۇرغان پاجئە ئالدىدىمۇ قىلچە تەمتىرمەي ھەم يىقىنلىرىغا خۇش چاقچاقلارنى قىلىپ . خورمىلارنى يەپ خۇددى مەڭگۈ ھىچ ئىش بولمايدىغاندەك كەيپىياتتا يۈرىۋەرگەن . ئاردىن نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي دەھشەتلىك ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، ھىلىقى ساھابە چىرايدىكى كۈلكىنى ئۆزگەرتمەي ئەڭ ئاخىرقى ئاغزىغا سىلىشقا تەمشىلىۋاتقان خورمىنى يەرگە تاشلىۋىتىپ . ئەمدى جەڭگە چۈشىدىغان ۋاقتىم بوپ قىلۋاتامدۇ نىمە ، بۈگۈن مەن شۇنداق بىر جەڭگە چۈشەيكى ، ئۆلۈمنىڭ قامەتلىك بەستى ھەيرانلا قالسۇن ، بۇ ۋاقىتتا شانلىق ئۆلۈم بەدىلىگە ئىرىشىدىغان ئاللاھنىڭ رىزاسى بىلەن ئىرىشىدىغان جەننەت ماڭا دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچسۇن دىگەنچە ئەمەلى جەڭ مەيدانغا چۈشۈپ كەتكەن ئىكەندۇق . ئويلىسام ئويلسىام بۇ ساھابىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىمۇ چاقچاق قىلغىنىغا مىنىڭمۇ ....كەلگەن . سىزنىڭ گەپتان دىگەن سۆزىڭىزگە سەل ،بىر ئاز ، ھەقىقەتەن راستىن ئاچچىغىم كىلىۋاتىدۇ .
بىراق مىنىڭ دىگىنىمنىڭمۇ ئاساسى بار . بۇنى كىينچە يوللاپ قويارمەن . راستىنى ئىيىتسام بەزىلەر بىر ئاتا-ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ ، بىر بالا بىر ئاتا-ئانىنى باقالمايدۇ دەپ قويدىكەن . بۇ دىيىشكە ئاسان بولغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ھەقىقەتەن قىىيىن بولغان بىر ئىشتۇر .
بىز ئاتا-ئانمىزغا غەلۋە قىلىپ پۇل بەر دىسەك بەش موچەن ،چوڭ قىلىسا بىر يۈۋەن بىرىپ بولدى قىلىدۇ .كۆپرەك بەر دىسەك . بولدى كىچىك بالىغا كۆپ پۇل بەرسە بالا چوڭ بولغاندا بەتخەج بولۇپ قالدۇ دەپ كۆزىنى ئالايتىدۇ .
بىراق ئاتا-ئانىمىز بالام داداڭ بىلەن ماڭا ئازىراق پۇل لازىم بولۇپ قالدى ،يىنىڭدا پۇل بولسا ئازىراق بەرسەڭچۇ دىسە . بىز ماقۇل دەپ بەش موچەن ياكى ، بىر يۈۋەن بەرسەك ئاتا-ئانىمىز ئاچچىقتا نىمە بولۇپ كىتەر ؟
....تاماق ۋاقىتىدا تولا ھاللاردا ئاكىمىزنىڭ سىرىتتىن دوسلىرى بىلەن تاماق يەۋالغان سەۋەپلىك ئۆي تامىقىغا كۆڭلى يوق ،ئانىمزىنىڭ زورى بىلەن يەۋاتقان تامىقى ، ھەدىمىزىنىڭ سىرىتلاردا دوسلىرى ياكى ئوغۇل دوستى مىھمان قىلىش سەۋەپلىك ئۆي تامىقغا رايى يوق ۋاقىتلاردا بۇلارنىڭ ئىشىپ قالغان تاماقلىرى كۆپۈنچە بىزگە يىگۈزلىدۇ . بىز ئاتا-ئانىمزىغا ئۆزىمزىنىڭ ياكى ئايالىمىزنىڭ بىر قوشۇق سالغان تامىقىنى بىرىپ باقايلىچۇ قىنى، ئاتا-ئانىمزنىڭ كۆزىدە ياش لىغىرلاپ قاچىنى جاڭڭىدە ئۈستەلگە تاشلاپ بىر-بىرنى يۆلەپ ئۆز ئۆيىگە مىڭىشى بارلا گەپ .....
....بەزىدە ئاتا-ئانىمىزغا كىيىم كىيمەن دەپ غەلۋە قىلساق . بەزى ۋاقىتلاردا ئاكىمىزنىڭ ئالدىنقى يىلى كىيىپ بۇ يىلى كىچىك كىلىپ قالغان ئىشتان-چاپانلىرىنى كەيگۈزۈپ قويدۇ . مەن بۇنداق كونا كىيىمنى كەيمەيمەن دەپ چاراڭ سالساق . سەن كەيمىسەڭ نەچچە پۇلغا ئالغان بۇ كىيىمنى ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋىتەمدۇق ؟ ساڭا كىچىككىنە تۇرۇپ ئېسىل كىيمىنى كىيىپ ئاقسالىق قىلىشنى كىم قويۇپتۇ ؟! كۆرە ماۋۇ شۇمنىڭ گىپىنى تىخى . مۇنداق قىلە قولۇڭنى ھە ساپە چاپاننىڭ ماۋۇ يىڭىنى .....كۆتۇرە ماۋۇ پاچىقىڭنى سىپە ئىشتاننىڭ پاچىيقىغا دەپ ...دۆلىتىمىزنىڭ دىكتاتۇرا ئۇسلىنى يۈرگۈزۈپ ھەل قىلغاچ .....ھە مىنىڭ ئاپپاق بودەك بالام ئانىسىنىڭ گىپىنى بەك ئاڭالايدۇ ھە قوزام دىگەچ بىشىمىزنى بىر-ئىككىنى سىلىۋىتىپ ،ماڭا قوزام ئاداشلىرىڭ بىلەن ئويناپ كىر ھە ....بۇ كىيملىرىڭنى كىر قىلىۋەتمە جۇمۇ دىيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
بىراق ئاتا-ئانىمزىغا كىيىم قىلىپ بىرەيلى دەپ . دادىمىزغا ئۆزىمزىنىڭ ماگېزىندىن سېتىۋالغىلى ھەپتە بولۇپ بىر ياكى ئىككى كۈن كىيىم قالغان ئىشتان-كۆينەكنى ، ئانىمىزغا ئايالىمزغا ئىلىپ بەرگىلى ئايچە بولمىغان ئانچە-مۇنچە ئۇچۇسىغا ئارتىپ قويغان قىممەت باھالىق كۆينەكلىرىنى كەيگەچ تۇرامسەن دىيىش ئەمەس ئاغزىمىزدىن چىقىرىپ باقايلى قىنى ، ھەي گۈي سەن بىزنى نىمە كۆرەۋاتىسەن، بىز سىنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن ئوتۇڭدا كۆيۈپ سۈيىڭدە ئىقىپ مىڭ جاپدا بىقىپ چوڭ قىلساق . ئەمدى بىز ئالدىڭدا سىنىڭ بىلەن ئايالىڭنىڭ ئاشقان-تاشقان كىيىملەرنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالدىقمۇ تۆۋ قىلدىم خۇدايىم تۆۋە . بۇ زاماننىڭ باللىرى ئالجىپ قاپتۇ دىيىش ئىنقلا .
...بىر ئاتا-ئانا ئىككى جان بىر بالىنى باقىدۇ بىراق بۇ بىر بالا ئايالىنى ۋە نەچچە بالىنى باقىدۇ .
....بىر ئاتا-ئانا بالىسنى خالسىا چىرايلىق گەپ قىلىپ باقىدۇ خالسىا سەت گەپ بىلەن تىللاپ باقىدۇ . بىراق بىزلەر ئاتا-ئانىمزىنى مۇنداق قىلالمايمىز .
سۆزلەپ كەلسەك بىر ئاتا-ئانىنىڭ ئون بالىنى باقمىغىدىن ، ئون بالىنىڭ بىر ئاتا-ئانىنى باقمىغى مۇشكۈل قىيىن بولغان بىر ئىشتۇر .
ھەر قانچە ئويلىساقمۇ ئون بالا بىر ئاتا-ئانىغا تەڭ بولمايدۇ ، بىراق بىر ئاتا-ئانا ھەر-ھەر قامەتلىك بوي-بەستى بار ئون بالىغا تەڭداش كىلىدۇ ، يەنى ئون بالىغا تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم ئاتا-ئانا .
ئون بالىنى باقالىغان ئاتا-ئانىدىن ، بىر ئاتا-ئانىنى راۋۋۇس باقالىغان بالىنىڭ قىممىتى چوڭدۇر .
ئەسلى يۇقارقى گەپلىرىم سەل بىمەنىراق ئوتتۇرغا قويۇلدى . شۇنداقتىمۇ بۇ ھەقتە سۆزلەپ كەلسەم كۆپۇنچە ئولما-ئالىملارنىڭ نەپرىتىگە قالىمەن. ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىىللىرى ئۈستىدىكى ھەققىنى سۆزلەۋەرمەي . مۇنداق بەزى-بەزەندە پەرزەنتىلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى توغۇرسىدا تەبلىغ قىلىپ قويايلى. ئاتا-ئانىلار ئۇلۇغ بولسا ،پەرزەنتىلەر پەرىشتىدۇر .
ئاتا-ئانىلار بۇ ئاتا-ئانا دىگەن ئۇلۇغ نامغا . نىكاھنى ئوقۇتۇپلا بىر ياستۇققا باشنى قويۇش سەۋەبى بىلەن تۇغۇلۇپ قالغان بىر- ئىككى پەرزەنىت بىلەن ئىرىشىۋالغان بىلەن ،پەرزەنتىلەر پەرىشتە دىگەن بۇ نامغا ئون ئونبەش يىل ھەتتا يىگىرمە-ئوتتۇز يىل زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىرىشىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-5 08:23 AM