ئىسىمدە قېلىشچە مەن نەچچە يۈز يىل بۇرۇن مۇشۇ سانجىغا بىر قېتىم بارغان ...
بەشبالىق دەمدۇ ئىشقىلىپ بىر ناھىسى باركەن شۇ يەرگە بارغان ، ئۇ-يەردە رىۋايەتلەردىكىدەك ئادەمنى سۈر باسىدىغان ھەر يوغان دەرەخلەر ، شاخلىرىمۇ يوغان ھەم بەك جېق ، يەنە تىخى ھەرخىل دىنازاۋۇرنىڭ ھەيكەللىرىمۇ باركەن ، مۇشۇ يەرنىڭ قېشىدا بىر مەسچىت باركەنتۇق ، پىشىمنى شۇ يەردە ئوقۇدۇق ، مەسچىتتىن چىققان ۋاقىتتا ئوپ-ئاق ساقىلى بار بەلكىم 280 ياشلار ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىن
ئىشقىلىپ چىرايىدىن ياش بوۋايدەك قىلمايدۇ ... شۇ بوۋىمىزدىن بۇ يەردە نېمىشقا دىنازاۋۇرلار بارلىقىنى سورىساق ، مىلادىيە قانچىنجى ئەسىردەمدۇ ئىشقىلىپ بۇۇرۇن ھە ، بۇ ناھىيەنىڭ ئەتراپلىرىدىن نۇرغۇنلىغان تاشقا ئايلانغان ئورمان ۋە دىنازاۋۇرلار تېپىلغانلىقىنى دەپ بەرگەن ئىدى .
خىلى ئۇزۇن گەپتى بۇ ، ئەمدى سورىمىساڭلا دەۋەرسەم سىلەرگە فانتازىيلىك فىلىمدەك ئاڭلىنىپمۇ كەتمىسۇن ، مۇنبەردە بولغانكىن ئالدىرماي دىيىشىۋالارمىز قالغىننى ...